ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنى غالتەك ئوينۇتۇش ۋە ئۇنىڭ قىممىتى

بوۋاقلارنى غالتەك ئوينۇتۇش ۋە ئۇنىڭ قىممىتى

ۋاقتى: 2016-02-03 ئاۋاتلىقى: 701 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شەۋكەت مامۇت


ئۇيغۇرلاردا يېڭى ئايىغى چىقىۋاتقان بوۋاقلارنى غالتەك ئوينۇتۇش ئارقىلىق مۇستەقىل مېڭىشقا ماسلاشتۇرىدىغان ئادەت بار. مەلۇمكى غالتەك ياغاچتىن ياسىلىدىغان، بوۋاقلارنىڭ ئايىغىنى چىقىرىش مەقسىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان، بالداقلىق ئۈچ چاقلىق ئويۇنچۇقتىن ئىبارەت.
نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بوۋاقلىرىنى بۆشۈكتىن چۈشۈرۈپلا، ئۆمۈلىتۈش بىلەن غالتەك ئوينۇتۇشقا سالىدۇ؟ بوۋاقلارنى غالتەك ئوينۇتۇشنىڭ قىممىتى نېمە؟ بىز پىسخولوگىيە ئىلمى نۇقتىسىدىن كۈزەتكىنىمىزدە، بوۋاقلارنى غالتەك ئوينۇتۇش، بوۋاقلارنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىك تەرەققىياتىغا ماسلاشقان، پەيتلىك تەرققىيات نەزەرىيەسىگە ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلمى مائارىپ ئۇسۇلى.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەرىكەت بالىلار پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. شۇڭا شىۋىتسارىيەلىك پىسخولوگ پىياگېت: «پىسخىكا، تۇغما پىشىپ يېتىلىشتىنمۇ كەلگەن ئەمەس، كېيىنكى تەجرىبىدىنمۇ كەلگەن ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتتىن كەلگەن.» دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان.     
ئامېرىكا مىسسوپوتامىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئېرىكسون شەخسىيەت تەرەققىياتىنىڭ 8 باسقۇچلۇق نەزەرىيەسىدە، ئادەمنىڭ شەخسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۈمىد پەزىلىتى، ئىرادە پەزىلىتى، نىشان پەزىلەتلىرىنىڭ بوۋاقلىق (0 ياشتىن 4 ياشقىچە) گۈدەكلىك (4 ياشتىن 7 ياشقىچە) مەزگىلدە يېتىلىدىغانلىغىنى شەرھىيلىگەن. روھىيەت ئانالىز ئىلمىنىڭ باشلامچىسى فىرو ئېد ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئاساسەن گۈدەكلىك مەزگىلدە يېتىلىپ بولىدىغانلىغىنى قەيت قىلغان. يۇقىرىقى نەزەرىيەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار يىراق قەدىمكى زامانلاردىلا ئادەمنىڭ شەخسىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ھەم ئادەمدە پىسخىك پەزىلەت، پىسىخىك ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۈگەنگەن. تەربىيەدە پەيت ۋە پۇرسەتكە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا بوۋاقلارنى بۆشۈكتىن چۈشۈرۈپلا پۆپۆلتۈپ، غالتەك ئوينۇتۇش بىزدە ئادەتكە، ئەنئەنىگە ئايلانغان.
ك.د.ئوشنىسكى: «تەربىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى --خاراكتېرنى شەكىللەندۈرۈشتۇر.» دېگەن. تەبىئىكى، خاراكتېرنىڭ ئاساسى شەخسىيەت، ئىندۇۋېندىئال سوبىكىت. شۇڭا خاراكتېر پەرۋىشىدە ئەجداتلىرىمىز يەنىلا غالتەك ۋاستىسى بىلەن بوۋاقلارنىڭ سوبيېكتىغا ئەھمىيەت بەرگەن. پىسخىك تەرەققىياتنىڭ تەدرىجى ئۈزلۈكسىز بولىدىغانلىغىنى بايقىغان. تەربىيەنى بۆشۈكتىن باشلاپ ئىلمى تۇتقان.  «ھايات كىمىسىنى باشقۇرىدىغىنى كۈچ ئەمەس، بەلكى ئىقتىدار» ئىكەنلىگىنى تونۇغان. شۇڭا بۇ مەسلىنى خەلقىمىز:
ئاق مەپە، كۆك مەپە،
مېنىڭ ئادىشىم پالوپا.
دېگەن بالىلار قوشاقلىرى بىلەن بىزگە ئوبرازلىق يەكۈنلەپ بەرگەن.
نەۋرە سىڭلىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بەك خۇراپىي، تۇرمۇش ئادەت-يوسۇنلىرى مۇرەككەپ، ئىلمى ئەمەسلىكىدىن ۋايساپ يۈرۈپ، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇپ، ئۈچىنچى كۈنى مۇنچىغا چۈشكەن، بەشىنچى كۈنى بالىسىنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ ماروژنا يىگەن. بۆشۈكتە ياتقان بوۋاقلارنى مەسخىرە قىلىپ، تۇغۇتتىن كېيىن پەرىز تۇتۇشقا پەرۋا قىلمىغان. بالىسىنى بولسا ئىتەكتىن چۈشۈرمەي ئۈچ ياشقىچە ئۆزى باققان. پەقەت يەر دەسسەتمىگەن. نەتىجىدە ئانىنىڭ چاچلىرى پاتلا ئاقىرىپ، پۈتۈن بەدىنى پالەچلىنىپ، ياشانغان ئاجىز موماي كىشىلەرگە ئوخشاپ قالغان. بالا بولسا پۇتى بىلەن يەرنى تىپەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئانىسىدىن ئايرىلسا يىغلاپ توختىمايدىغان قارغىش قورقۇنچاق بولۇپ قالغان. مانا بۇ مىسال بىزگە: «سەن ئۆتمۈشكە تاپانچىدا ئوق ئاتساڭ، كېلەچەك ساڭا زەمبىرەكتە ئوق ئاتىدۇ.»  دېگەن يەكۈننى ئەسلىتىدۇ.
تەبىئىكى، ئەنئەنىمىزدە ئۇلۇغلۇق بار، ھېكمەت بار. شۇڭا بولغۇسى ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتە ساغلام يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن غالتەك ئوينۇتۇش ۋە ئۇنىڭ قىممىتى مەسىلسىگە ئەھمىيەت بېرىشى كىرەك.
                                 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى