ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى(2)

بوۋاقلار كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى(2)

ۋاقتى: 2015-12-19 ئاۋاتلىقى: 655 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى(2)


چوڭقۇر بىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش

 

چوڭقۇر بىلىش بولسا سىترىئولۇق بىلىشتۇر . كۆرۈش سەزگۈ تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە، بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدىغىنى ئومۇمى تەكشىلىكتىكى تەسۋىر، ئانــدىن ئاستاـ ئاستا تەرەققى قىلىپ  يىراق –يېقىن، ئوڭ ـ سول، ئېگىز – پاكار قاتارلىق  سىترىئولق تەسۋىر. سىترىئولۇق بىلىش زادى قاچان بارلىققا كېلىدۇ؟ ھەر بىر بالىنىــڭ ئەھۋالى ئانچە ئوخشىشىىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 1 يــاشتىن كىيىن شەكىللىنىش تىپى بولىدۇ.  ئادەمنىڭ ماددىلارنى كۆرەلىشى، كۆزنىڭ   ھېسسىي قوبۇل قىلغۇچنىڭ يورۇقلۇقنى سۈمۈرۈش، كۆرۈش نىرۋا مەركىزىگە يىغىش،     يەنە تەسۋىر ھاسىل قىلىشىدىن پايدىلانغانلىقىدا. سىترىئولۇق كۆز قاراشنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ،كۆزنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشى ھەم تېخىمۇ ياخشى تەڭشىشىشىگە ۋەكىللـىك قىلىدۇ.  ئەكسىچە، ئەگەر چوڭقۇر بىلىش ئوڭۇشلۇق تەرەققى قىلالمىسا، بالىلارنىـڭ ھەرىكىتىگە، سىترىئولق تۇيغۇسىغا ، يۆنىلىش بەلگىلەش تۇيغۇسى قاتارلىقلارغا تـەسىر يېتىشى مۇمكىن. مۇھىملىقىغا سەل قارىماسلىق كىرەك. 

 

6~7 ئايلىق بوۋاقلار، بىر خىل مەنىلىك ماددا تەسۋىرىگە قىزىقىدۇ، ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت شۇ خىل ماددا تەسۋىرىگە دىققەت قىلىدۇ، ئوخشىمايدىغان  ماددىلارنىمۇ پەرق ئېتەلەيـدۇ. ناتونۇشلارغا نىسبەتەن ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ،يەيدىغان نەرسىلەرنى تونۇيالايــدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بوۋاقلارغا ئاتاـ ئانىسىنڭ رەسىمىنى تونۇتسا بولىدۇ. 

 

7~8 ئايلىق بوۋاقلاردا دەسلەپكى قەدەملىك كۆرۈپ ئەستە تۇتۇش بولىدۇ، بىۋاستە تەپــەككۇر ئىقتىدارى بولىدۇ، ماددىلارنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى تونــــۇيدۇ. ماددىغا نىسبەتەن قىزىقىپ ھەم تاللاپ كۆرۈشكە باشلايدۇ. ھەمدە دەسلەپكى قـەدەملىك كۆرۈپ ئەستە تۇتۇش شەكىللىنىدۇ.

8~9 ئايلىق بوۋاقلاردا مەقسەتلىك قاراش بولىدۇ، كۆرگەن نەرسىسىگە نىسبەتەن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يېتەرلىك ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇپ بىرەلەيدۇ. رەڭلەرگە نىسبەتەن تـــونۇش ئىقتىدارىمۇ ئاشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىپادىلمىسىمۇ، بىراق ئاتا ـ ئانىسىنى تونۇش ئارقىلىق، جىنىس ئايرىمىسىغا نىسبەتەن دەسلەپكى تونۇش بولىدۇ، ئاپىسى كۆپ كۆتـۈرۈپ كۆنۈپ قالغان بالىلار  ئاپىسى بىلەن تەڭ ياشتىكى ئاياللارنىڭ كۆتۈرۈشىنى ياخـــشى كۆرىدۇ. 

 

10~ 11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ رەسىملىك كىتابلارنى كۆرسە بولىدىغان مەزگىلى بولۇپ، ئاتاـ ئانىلار كىتاب تاللىغاندا ،رەسىملەر ھەقىقىي ئىپادىلىنىپ چىققان، رەڭلىرى ئوچۇق، ئېنىق بولغان كىتابلارنى تاللىشى ، مەنزىرە ئارقا كۆرۈنۈشى بەك جىق ،قالايمىــقان سۈرەتلىك كىتابلارنى تاللىماسلىقى كىرەك. 

11~12 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ دىققىتى ئەڭ مەركەزلەشكەن بولىدۇ. مەلۇم ئىشلارغا ئاڭلىق ھالدا دىققەت قىلالايدۇ. 


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى