ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ موھىم نۇقتىسى

بوۋاقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ موھىم نۇقتىسى

ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 945 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ موھىم نۇقتىسى

باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش(ئارىلىشىش)

بوۋاقنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەندە، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. 
 

ھەمبەھرلىنىشنى ئۈگىنىش


بالىنى كىچىك دوستلىرى بىلەن بىللە ئوينىغاندا ياكى بىر نەرسە مىنىپ ئوينىغاندا ھەمبەھرلىنىشنى ئۈگىنىشى كېرەك.  قارشى ئىلىنىدىغان كىچىك بالىلار دائىم ئاكتىپ ھالدا باشقا بالىلار بىلەن ئويۇنچۇقلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئوينايدۇ.  

ئاكتىپچانلىقنى ئۈگىنىش


ئەگەر باشقىلار بىلەن بىللە ئويناش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەندە، بالىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.  شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۇنىڭغا ئالاقە قىلىشتىكى بەزى تېخنىكىلارنى ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويغىنى ياخشى.  مەسىلەن: بالىغا قىزىقارلىق ئويۇنچۇقلارنى بېرىپ دوستلىرى ئارىسىغا كىرىش ۋە بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش.  

بوۋاقلارغا يۇقىرى چەكلىمە قويۇۋالماسلىق كېرەك.  

بوۋاق بالىلار يەردە توختىماي ئۆمىلەيدۇ ياكى ماڭىدۇ، توختىماي ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزىتىدۇ.  ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بوۋاق بالىلارغا ئالاھىدە يۇقىرى چەكلىمە قويۇۋالماسلىقى كېرەك، بۇ بالىنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا پايدىسىز.  

ئائىلە ئەزالىرى(ئۆيدىكىلەر)بوۋاق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك.  


بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى بالىنىڭ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن باشلىنىدۇ.  ئالدى بىلەن ئانا، ئانا بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش داۋامىدا ھېكايە ئېيتىپ بىرىش، رەسىم كۆرسىتىش، مۇزىكا قويۇپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بوۋاق بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى، بوۋاقنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمىگە ئايلىنىشى كېرەك.  

دادا ۋە بوۋاق 

دادا بولغۇچى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بالىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئوينىشى، ئۇنى كۆپرەك قۇچاقلاپ سۆيۈشى كېرەك.  

بوۋا-موما ۋە بوۋاق

بوۋا –موما بولغۇچىلار سالامەتلىكى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، بوۋاق بىلەن كۆپرەك يېقىنلىشىشى، ھەرخىل ھەرياڭزا ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق بوۋاقنىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك.  

سەمىمىي ئەسكەرتىش: چەكسىز خۇشاللىققا تولغان ئائىلىدە، ئائىلىدىكىلەر بوۋاققا ئەڭ كۆپ مۇھەببەت ئاتا قىلالايدۇ، بوۋاقمۇ خۇشال ياشايدۇ.
  

بوۋاق ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن ئالاقە ئالماشتۇرىشى


بالىنىڭ تەڭتۇش دوستلىرى بىلەن ئوينىشى

بوۋاق 11 ئايلىق بولۇپ بولغىنىدا، ئۇنىڭدا ئاللىقاچان بەلگىلىك دەرىجىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى بولىدۇ، ئەتراپىدىكى موھىتقا نىسبەتەن تىخىمۇ كەڭرەك دائىرىدە قىزىقىش ھاسىل بولىدۇ.  باشقىلار بىلەن ئالاقە ئالماشتۇرىدىغان جەمئىيەت تەلىپى ۋە كۈچلۈك قىزىقىش بولىدۇ، بولۇپمۇ ئوخشاش ياشتىكى دوستلىرى بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ.  

كىچىك دوستلارنى ئۆيگە چاقىرىپ مىھمان قىلىش(ئۆيگە تەكلىپ قىلىش)

ئەگەر پۇرسەت بولسا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تەڭتۇش دوستلىرىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىش ياكى بولمىسا باللىرىنى كىچىك باللىرى بار دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ مىھمان بولۇش، باشقا كىچىك بالىلار بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا، بالىغا قول ئېلىشىش، خوشلىشىش قاتارلىق قول ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىتىش كېرەك.  باشقا بالىلار بىلەن ئوينىغاندىكى ھىسيات ئەلۋەتتە بالا ئۆزى يالغۇز ئوينىغاندىكى ھىسياتقا ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە.  

بالا بىلەن سەل چوڭراق بالىلارنىڭ ئوينىشى

بالا بىر ياشقا كىرگەندە، كىچىك دوستلار بىلەن ئويناشنى خالايدۇ، بالىنىڭ ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىشى بولسا ئۆزىدىن سەل چوڭراق بالىلار بىلەن بىر يەرگە كېلىپ ئويناش، يەنى ئۇلارنىڭ ئويۇن جەريانىدىكى ھەمراھى بولۇش.  

بالىنىڭ باشقا دوستلىرىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئوينىشى

بۇنداق ۋاقىتتا بالا ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا دوستلىرىنىڭ شار توپلىرىنى سىلاپ باقىدۇ.  دوستلىرىنىڭ لاتا قونچاقلىرىنى قۇچاقلاپ باقىدۇ، ئۇلارنىڭ ياغاچ ماشىنىلىرىغا مىنىپ باقىدۇ، توپلىرىنى ئېتىپ باقىدۇ.  .  .  دېگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى بالا ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردۇر.  

بالا ئورتاق بەھرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

بالا يەنە ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى باشقىلارنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن بېرىدۇ، قولىدىن ئىزچىل چۈشۈرمەيدىغان ئامراق ئويۇنچۇقلىرىنى كىچىك دوستلىرى سورىغاندا، بالا يەنىلا ئۇنىڭغا بېرىدۇ.  بالا كىچىك دوستلىرى بىلەن ئالاقە ئالماشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.  

بالىنى سىرتلارغا ئېلىپ چىققاندا بالىدا ئەتراپتىكى موھىتقا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولمايدۇ، بىراق ئەگەر يېنىدا بىرەر كىچىك دوستى بولۇپ قالسا، ئۇ ئاجايىپ خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.  قولىنى ئۇزىتىپ ياكى قارشى تەرەپكە گەپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوينىغۇسى بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.  ئەگەر كىچىك دوست كېتىپ قالسا، بالا يىغلايدۇ، ھېلىقى بالىنىڭ قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىنى خالايدۇ.  بۇلار ناھايىتى ئېنىق، تولۇق ھالدا شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، بالىدا ئاللىقاچان دەسلەپكى قەدەمدە ئالاقە ئېڭى ۋە قاتنىشىش ئېڭى شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى