ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە نەرسىلەرنى يېگۈزۈش كۆرسەتمىسى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە نەرسىلەرنى يېگۈزۈش كۆرسەتمىسى

ۋاقتى: 2016-02-07 ئاۋاتلىقى: 642 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە نەرسىلەرنى يېگۈزۈش كۆرسەتمىسى

تۇغۇتتىن 42 كۈن كېيىنكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە، يىڭى ئانا بولغانلار يەنە بوۋاققا قوشۇمچە نەرسىلەرنى يىگۈزۈش كۆرسەتمىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.  ئەگەر ئۆزىنىڭ سۈتىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە ھەم ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئەندىشىسى بار ئانىلار تۆۋەندىكى تۈر بويىچە سىناق ئېلىپ بارسا بولىدۇ.  
سۈت تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ ئەھۋالىنى بىلىش سىنىقى.  شۇ ۋاقىتتا ئانا بولغۇچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  دوختۇر سىناق قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ.  ئەگەر ئانا بولغۇچىدا كالتسىي كەم بولسا، ئاسانلا بەل، دۈمبە ئېچىشىپ ئاغرىيدىغان، سۆڭەك شالاڭلىشىدىغان ئەھۋال بولىدۇ.  ئانا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي ئاز بولسا، بوۋاق ئاسانلا راخىت كېسىلى بولۇپ قالىدۇ.  شۇڭا ئانا بولغۇچى كالتسىي ئازلىققا سەل قارىماسلىقى كېرەك.  ئەگەر ئانا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي بەك ئاز بولسا، بىر تەرەپتىن يىمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تەڭشەپ، يەنە بىر تەرەپتىن كالتسىي تابلىتىنى ئىچىشى كېرەك.  

تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ئايال مىسال ئارقىلىق بىر كۈنلۈك يىمەك-ئىچمەك ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرسە، دوختۇر ھېسابلاپ، شۇ ئايالنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ئاساسەن چۈشىنەلەيدۇ.  سىزنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن دوختۇر مۇۋاپىق بولغان پىكىر تەلەپلەرنى بېرىدۇ.  شۇڭى ئانا دوختۇرخانىغا بېرىشتىن بۇرۇن، ئۈلگىلىك بىر كۈننى تاللاپ،  ئۆزىنىڭ پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى خاتىرلىۋېلىشى كېرەك.  بۇنداق بولغاندا،  دوختۇرنىڭ سورىشىغىمۇ ئاسان، سىزنىڭ جاۋاپ بىرىشىڭىزگىمۇ قولايلىق بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى