ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ۋاقتى: 2016-05-26 ئاۋاتلىقى: 607 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

بوۋاق ۋاقتىدا بەك ئورۇقلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى كۆپەيتىش، چۈنكى ئانا سۈتى بالىنىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجىدىن ئەڭ ياخشى چىقىدۇ.  بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلار يېتىلىشى نورمال بولمىغانلىقتىن، ئېمىشتە توسالغۇ بولغانلىقتىن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى خېلى كۆپ بولغانلىقتىن، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى تېخىمۇ بەك تەۋسىيە قىلىمىز.  ئەگەر ئانا سۈتى بولمىسا، كالا سۈتىنى ئانا سۈتى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ھەم ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش كېرەك. 

ئاشقازان ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا، مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق بېرىلىپ، مىتابولىزىمدىكى يوقىتىشنى تولۇقلاش كېرەك.  توشقان كالپۇك، كالپۇك يېرىلىش، ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزى تارتىشىپ قېلىشتەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارمۇ ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا داۋالىنىشى كېرەك.  ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىن سىرت كېسەللىكلەردىمۇ  ئوخشاشلا ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇقلىنىشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.  ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق سالامەتلىكىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، ئاندىن بۇ كېسەلنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭشىلىشى بولسا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى داۋالايدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل.  يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتە يېمەكلىكلەرنى تەڭشەش ئاساس .  يۇقىرى ئاقسىللىق، ئىسسىقلىق  مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى بوۋاق تويۇپ كەتكۈچە بېرىش لازىم، ئوتتۇرا ھال ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتە تەرتىپىگە دىققەت قىلغان ھالدا يېيىش كېرەك، يەنى، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى تۆۋەن يېمەكلىكلەردىن باشلاپ يېيىش، بارا- بارا تاماقنىڭ مىقدارى ۋە تۈرىنى كۆپەيتىش لازىم.  تاماق مىقدارىنى كۆپەيتىش ئاساسلىقى بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى ۋە چوڭ تەرەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش لازىم.  تاماق يىيىشتە قىيىنچىلىق يوقلار ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھەر كۈنى ھەر كلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 140~120 كالورىيەگە يەتكۈزۈش كېرەك.  ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن ئىسسىقلىق مىقدارىنى نورمال ئېھتىياج بويىچە تەڭشەش لازىم. 
ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەلنى داۋالاش كېرەك، دەل ۋاقتىدا ئەگەشمە كېسەللىكنى تۈزىتىش كېرەك.  ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭيى دورىسى، يىڭنە سانجىش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش، ھەزىم قىلىش دورىسى ئىستېمال قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تۇرۇپ بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشتىھاسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى