ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش

بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش

ۋاقتى: 2016-06-06 ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش 

بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم .بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 1 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارى تېز تەرەققى قىلىدۇ،     بۇنىڭدا ئالدىنقى تۆت ئاي بولسا ناھايىتى مۇھىم مەزگىلدۇر.                          

 2~0 ئايغىچە.قىزىل يۇڭ يىپ توپى بىلەن بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش. ئاق ـ قارا رەڭلەر ئارىلاش كەلگەن رەسىملەرنى كۆپ كۆرسىتىش، رەسىملەر ھالقىسىمان، تاياقسىمان، ئەگرى ھالەتتە بولسا بولىدۇ، پەقەت ئاق ـ قارا ئىككى خىل رەڭ  ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇزۇن ۋاقىت تارتىپ تۇرىدۇ.

2~4 ئايلىق بوۋاقلار يىراق ئارىلىقتىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلالايدۇ، بارغانسېرى ،سولدىن ئوڭغا، ئۈستىدىن ئاستىغا كۆزىنى نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگەشتۈرۈپ ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ كۆز ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ بېرىش كېرەك، ئاۋازلىق ئويـ
ـۇنچۇقلار ئارقىلىق كۆزنى ئاستى ـ ئۈستى، ئوڭ ـ سولغا يۆتكەش كېرەك.

4~8 ئايغىچە، ئائىلىدىكى يېتەرلىك شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنى غىدىقلاپ تۇرۇش كېرەك. مەسىلەن:تامغا ئوچۇق رەڭلىك رەسىملەرنى ئېسىش، ئوچۇق رەڭلىك رەسىملىك كىتابلارنى كۆرسىتىش. سىز ئۇنىڭ رەڭگى ئوچۇق بــولغان قەغەز، كىيم، ئويۇنچۇقلانى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

8~12 ئايغىچە، بۇ ۋاقىتتا بالىنى سىرتقا كۆپ ئېلىپ چىقىش كېرەك، ئۇ بۇ رەڭگارەڭ دۇنيانى  تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. گەرچە بۇ ۋاقىتتا بالا تېخى قىزىل، سېرىق، كۆك رەڭلەرنى تونۇپ كېتەلمىسىمۇ، لېكىن بىلىدىغان ھالدا ئۇلارغا :«بۇ قىزىل رەڭلىك گۈل، ئۇ بولـ
ـسا يېشىل رەڭلىك مايسا» دەپ بىلدۈرۈش كېرەك.
 
سېرىق پۇرچاقنى پۇلاڭلىتىش ــ 0ـ2 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئويۇنى .
ئويناش ئۇسۇلى:
بوۋاق ئويغانغان ۋاقىتتا ،بىر نەچچە تال سېرىق پۇرچاقنى كىچىك سۇلىياۋ بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، بوۋاقنىڭ ئوڭ، سول تەرىپىگە ئالماشتۇرۇپ يەڭگىل پۇلاڭلىتىش .
بۇ ۋاقىتتا بوۋاق  بېشىنى بۇراپ ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، كۆزى ئاۋاز چىققان تەرەپكە يۆتكىلىدۇ.ئۇلار يۆتكىلىشچان نەرسىلەرگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ.
مەقسەت:
بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ، ئاڭلاش سەزگۈ ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش .
كىچىك ياردەمچى:
بوۋاق غۇۋا ئۇيقۇ ھالەتتىكى ۋاقىتتا ھەرگىز بۇ ئويۇننى ئوينىماسلىق كېرەك.
 
قول ئويۇنى ئويناش ـــ 0~2 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئويۇنى.
ئويناش ئۇسۇلى:
چوڭلار گۈللۈك لاتىنى ياكى گۈللۈك قول زەنجىرىنى بالىنىڭ قولىغا چىگىپ قويۇش .
گۈللۈك لاتا چىگىلگەن قولىنى كۆزىنىڭ ئۇدۇلىغا ئەكىلىپ ،دىققىتىنى تارتىش. 
بالا قولىغا دېققەت قىلغاندىن كىيىن ئىككى قولىنى بىر ـ بىرىگە ئۇرۇپ ئوينايدۇ. 
مەقسەت:
بالىنىڭ كۆز، قول ھەمكارلىق ھەرىكەت ئىقتىدارىنى مەشقلەندۈرۈش.
كىچىك ياردەمچى:
بۇ قول،كۆزنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ بىرىنجى قەدىمى بولسا ،كىيىنكى ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىشى .
 
قىزىل شارچىلارنى يۇلۇش ـــ 2ــ 4 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش 
ئويۇنى 
ئويناش ئۇسۇلى:
يەرگە بىر كىچىك قىزىل شارچىنى قويۇپ، بالىنى شارچىنىڭ يېنىغا قويۇش.
بالا قىزىل شارچىنى كۆرگەندىن كىيىن قولىنى شارچىغا ئۇزىتىدۇ، توغرا ھالدا قولىنى   ئۇزىتالايدۇ.
مەقسەت:
بالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش.
كىچىك ياردەمچى:
بۇ ۋاقىتتا بالا تېخى نەرسىنى قىسىپ ئالالمايدۇ، شۇڭا شارچىنى ئالمايدۇ. لېكىن بۇ     ئويۇن بالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ بۇرۇنقىدىن توغرا ئىكەنلىكىنى چۇشەندۈرۈپ بېرىدۇ،ئىنچىكە نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ھەم قول، كۆز ھەمكارلىق ئىقتىدارىنى 
ياخشىلايدۇ.
 
ئەينەككە قاراش ـــ  2ـ4 ئايلىق بوۋاقنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئويۇنى 
ئويناش ئۇسۇلى:
چوڭلار بالىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ ياكى تۇرغۇزۇپ ،ئىسمىنـى چاقىرىش بىلەن بىرگە :«قوزام  نەدىدۇ؟» دېيىش.
چوڭلار بالىنىڭ بىر قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ :«قوزام بۇ يەردە!» دېيىش .
چوڭلار بالىدىن :« ئاپاڭ نەدە؟» دەپ سوراش .(بۇ ۋاقىتتا ئەينەكنىڭ ئالدىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىدۇ) ، يەنە دەرھال ئەينەك ئالدىغا يېنىپ كېلىپ :« ئاپاڭ بۇ يەردە!» 
دەپ بالىنىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىش .
مەقسەت:
بالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنى غىدىقلاش، بەدەن شەكىل قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش .
كىچىك ياردەمچى:
بالا ئەينەكنى بەك ياخشى كۆرىدۇ،ئەينەككە قاراپ شەيتانلىق قىلىدۇ،كۈلىدۇ،بېشىنى سوقۇشتۇرىدۇ، سۆيىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى