ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار ئارىسىدا ئادىل بولۇش

بالىلار ئارىسىدا ئادىل بولۇش

ۋاقتى: 2016-05-26 ئاۋاتلىقى: 824 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بالىلار ئارىسىدا ئادىل بولۇش

بۇ،ئاتا ـ ئانىدىن تەلەپ قىلىنغان ئۈچىنچى ئاساس بولۇپ، ئاتا ـ ئانىلار بالىلارغا بولغان تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئاساسلىقىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك. بالىلار ئارىسىدا ئادىل بولۇش بالىلارنىڭ دىلىنى ياخشىلىققا مايىل قىلىش ۋە تەربىيەنىڭ ئۇلارنىڭ دىلىدا يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بالىلار ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۆزىدىن ئەلا بىلگەنلىكىنى، ئارتۇقچە ئامراقلىق قىلغانلىقىنى بىلىپلا قالسا، ئۇ بالىنىڭ قەلبىدە شۇنچىلىك دەرىجىدە يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇكى(ئاللاھ ساقلىسۇن)، بۇ يامان تەسىر بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاتا ـ ئانىنى قانداق قىلىشىنى بىلەلمەس قىلىپ قويىدىغان، ھەم ئوڭشاشقا ئامالسىز قالىدىغان يامان خۇلقلارنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ يۇسۇفكە ھەددىن ئارتۇق ئامراقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قانداق قىلدى؟

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىدۇ:{ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار:«يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ( يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز ( كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز (نىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر دېيىشتى.»} ئۇلار بۇنداق قاراشقا كېلىش بىلەن ھەتتا ئاتىسىغا ئاسىيلىق قىلىش، قېرىندىشىنىڭ ھاياتىدىن  ۋاز كېچىش دەرىجىسىگە باردى.
{(ئۇلار)« يۇسۇفنى ئۆلتۈرىۋېتىڭلار، ياكى ئۇنى يىراق بىر چەت جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇ چاغدا) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇ (گۇناھ) تىن كېيىن ( تەۋبە قىلىپ) ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى. ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: `` يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەڭلار، (ئەگەر ئۇنى ئاتىسىدىن يىراق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئېلىۋالسۇن› دېدى.) شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ يەردە ئاتىسىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىدىن باشقا گۇناھى بولمىغان كىچىك يۈسۈف قېرىنداشلىرىنىڭ: ئاتىمىز بىزگە ئادالەتسىزلىك قىلدى، ـ دەپ قارىغان قارىشى ۋە بۇ قاراشتىن كېلىپ چىققان قارا نىيەت، قەبىھ قىلىمىشىنىڭ قۇربانى بولۇپ قۇدۇققا تاشلاندى، ئۇنى سۆيگەن ئاتىسى بولسا پىغانلىق دەرتكە مۇپتىلا بولدى. دېمەك، ئاتا ـ ئانا بالىلىرى ئارىسىدا ئادىللىقنى ساقلىمىسا ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلار ئارىسىدا ئادىل بولۇش توغرىسىدا ئاتا ـ ئانىلارغا قىلغان تەربىيە تەۋسىيەسىنىڭ دەلىلىدۇر.

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم نوئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«دادام مەن بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ـــ مەن بۇ ئوغلۇمغا خىزمەتچىمنى ھەدىيە قىلدىم، ــ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە شۇنىڭغا ئوخشىشىنى بەردىڭمۇ؟ـــ دەپ سورىدى. 
ــــ ياق.
ـــ ئۇنداقتا مېنى زۇلۇمغا گۇۋاھچى قىلما! ـــ دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئاندىن يەنە :
ـــ ئۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ ساڭا ئوخشاش ياخشىلىق قىلىشى سېنى خۇشال قىلامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ـــ ئەلۋەتتە! 
ـــ ئۇنداقتا، سېنىڭمۇ بىر ئوغلۇڭغىلا ھەدىيە قىلىشىڭغا بولمايدۇ، ـــ دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.»
ئىمام مۇسلىمدىن قىلىنغان رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«`` بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش سوۋغات قىلدىڭمۇ؟`` دېدى ، ئۇ :`` ياق! `` دېگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :`` ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار!`` دېدى . ئاندىن ئاتام ئۇ ھەدىيەسىنى قايتۇرۇۋالدى» دېيىلگەن.
دارىقۇتنىنىڭ رىۋايىتىدە:« پەيغەمبەر ئەەليھىسسالام: 
ــ سېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بالاڭ بارمۇ؟ ــــ دەپ سورىغان، ئۇ:
ـــــ بار، ـــ دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــــ بۇنىڭغا بەرگىنىڭنىڭ ئوخشىشىنى باشقىلىرىغىمۇ بەردىڭمۇ؟ ـــ دەپ سورىدى.
ـــــ ياق! ـــ دېدى ئۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ـــ مەن بۇنىڭغا گۇۋاھچى بولمايمەن، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئۆز ئارا بىر ـ بىرىڭلار ئارىسىدا ئادىل بولۇشىڭلارنى ياخشى كۆرگەندەك، بالىلىرىڭلار ئارىسىدىمۇ ئادىل بولۇشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ـــ دېدى.»

ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد، نەسەبى ۋە ئىبنى ھەببان قاتارلىقلار نوئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللا ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : `` بالىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار، بالىلىرىڭلارنىڭ ئاىسىدا ئادىل بولۇڭلار، بالىلىرىڭلارنىڭ  ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار!`` دېگەن سۆزنى تەكرارلىغان ئىدى.»

نوئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « خۇددى سىلەر بالىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا خۇشاللىقتا، كۆيىنىشلەردە ئۇلارنىڭ ئادىل بولۇشىنى ياخشى كۆرگىنىڭلاردەك بالىلار ئارىسىدىكى مۇئامىلەڭلەردىمۇ ئادىل بولۇڭلار!»

شەيخ ئابدۇلغەنى ئەننابلىسى بۇ ھەدىسلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« بۇ ھەدىسلەر شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇكى، بالىلار ئارىسىدا باراۋەر مۇئامىلىدە بولماسلىق ھارامدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ بىرىدىن بىرىنى ئۈستۈن كۆرۈش ئۇلار ئارىسىدا ئۆچ ـ ئاداۋەت، ھەسەت ۋە قىزغىنىش پەيدا قىلىپ قويىدۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتكە ۋە سىلە  ـ  رەھىمگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ئۈزىدۇ.»
سەلەپ ـ سالىھلار بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھالدا بالىلىرىنى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۇلار ئارىسىدا باراۋەر مۇئامىلىدە ئادىل بولۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلاتتى.

بەيھەقى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئوغلى كەلدى. ئۇ ئوغلىنى سۆيۈپ قۇچىغىدا ئولتۇرغۇزدى؛ ئارقىدىن قىزى كېلىۋېدى، ئۇنى يەردە ئولتۇرغۇزدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :`` نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلمايسەن؟`` دېدى.»

تاۋۇس بۇنى تەھلىل قىلىپ:« بىر پارچە كۆيۈك ناننى بېرىشتىمۇ ئادىل بولماسلىق  جائىز ئەمەستۇر» دېدى. ئىبنى مۇبارەكمۇ شۇنداق دېدى. قېنى بىز نەزەر سالساق ياكى تەكشۈرسەك، پۈتكۈل يەرشارى ئالىمىدە بالىلىرى ئارىسىدا ئادىل بولۇشتا بۇنچىلىك ئىنچىكە دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن بىرەر تەربىيەلەش نەزىرىيەسى، نىزامى ياكى دەستۇرى، پىكرى كىمدە بار؟! پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن باشقا ھېچ يەردە يوقتۇر.

كىچىك بالىلار ئارىسىدا دائىم ئۇرۇش ـ جېدەل ۋە دە ـ تالاش بولۇپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش بولسىمۇ ئوخشاشلا باراۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشتۇر، شۇنداقلا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەق ۋە ناھەقنى ئايرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشتۇر. تۆۋەندىكىسى بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئۆرنىكىگە مىسالدۇر:

ئىمام مۇسلىم جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مۇھاجىرلارنىڭ بالىسى بىلەن ئەنسارىلارنىڭ بىر بالىسى ئۇرۇشۇپ قالدى، مۇھاجىرلارنىڭ بالىسى: `` ئى مۇھاجىرلار!`` دەپ چاقىردى، ئەنسارىلارنىڭ بالىسىمۇ:`` ئى ئەنسارىلار!`` دەپ چاقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:`` بۇ نېمە؟ بۇ جاھىلىيەتنىڭ قىلىقىغۇ؟`` دېدى. باشقىلار:`` ئۇنداق ئەمەس، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەقەت ئىككى بالا ئۇرۇشۇپ قالدى، ئۇلاردىن بىرى يەنە بىرىنىڭ ئارقىغا تەپتى`` دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:`` ھېچقىسى يوق، ئىنسان ئۆزىنىڭ زالىم ۋە مەزلۇم بۇرادىرىگە ياردەم قىلىشى كېرەك، زالىمنىڭ قىلىۋاتقان زالىملىقىدىن توسۇشمۇ ئۇنىڭغا قىلىنغان ياردەمدۇر، مەزلۇمغىمۇ ياردەم قىلسۇن!`` دېدى»
ئۇرۇشۇپ قالغان بالىلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىشىمۇ ئادىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ئەمەل بولۇپ ئۇلاردىن بىرىنىڭ مەزلۇم، بىرىنىڭ زالىم بولۇشىدا شەك يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام ترمىزى مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئەبۇ ئابدۇللاھ ( يەنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل)نىڭ بىر يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇرۇشۇپ قالغان ئىككى بالىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغانلىقىنى كۆردۈم.»

بۇ قائىدىلەر بالىلار ئارىسىدا ئادىل بولغان ئاتا ـ ئانىلار، تەربىيىچىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا ياخشى ئۈنۈم ۋە ئەجىرگە ئېرىشىپلا قالماي ئاخىرەت كۈنىدە نۇردىن بولغان مۇنبەرلەر ئۈستىدە بولىدىغانلىقى بىلەن ئۇلارغا خۇشخەۋەر بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىزنى شۇلاردىن قىلسۇن!

ئىمام مۇسلىم ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:«ھۆكۈملىرىدە، ئائىلىسىدە ۋە تەيىنلەنگەن ئىشلىرىدا ئادالەتلىك قىلغان ئادىل كىشىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نۇردىن بولغان مۇنبەرلەر ئۈستىدە بولىدۇ.»
سوئال: قانداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن تۇتۇش جائىز بولىدۇ؟

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) بالىلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن سەۋەبسىزلا ئۈستۈن كۆرۈش ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالغۇدەك پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى، ئەگەر سەۋەبى تېپىلغاندا بۇنداق قىلىشنىڭ جائىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئائىلىدە بالىلار ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ ئاڭلىقلىقى، ياكى ئاتا ـ ئانىنىڭ ئۇلارغا ھاجەتمەن ئىكەنلىكى ياكى بۇ بالىلارنىڭ مېھرىبانلىققا، ئالاھىدە كۈتۈلۈشكە موھتاجلىقى، ياكى ئۇ بالىلارنىڭ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى... قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ئاسىي، ئىسراپخور، بەڭۋاش خاراكتېردىكى بالىلاردىن ( بۇنداق بالىلارنى جازالاش يۈزىسىدىن) ئۈستۈن تۇتۇش جائىزدۇر. بۇنىڭدا ھېچقانداق چەكلىمە يوقتۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى