ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(1)

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(1)

ۋاقتى: 2015-07-01 ئاۋاتلىقى: 705 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(1)

3 ئايلىق بوۋاق تېنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى 

بوۋاق 3 ئايلىق ۋاقتىدا، تېرىسى سىلىق، نۇرلۇق، ئىلاستىكىلىقى ياخشى، يۈزىنىڭ تېرىسى پاكىز بولىدۇ، سۈت قاقاچلىرى يوقايدۇ، ھۆل تەمرەتكىسى يېنىكلەيدۇ. 

بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 
ئوغۇل بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 5. 0-6. 9 كىلوگرام، قىز بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 4. 7-6. 2 كىلوگرام بولىدۇ . 

بوي ئېگىزلىكى يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ئوغۇل بوۋاقنىڭ بوي ئېگىزلىكى 58. 5-63. 7 سانتىمېتىر ، قىز بوۋاقنىڭ بوي ئېگىزلىكى 57. 1-59. 5 سانتىمېتىر بولىدۇ . 

باش ئايلانمىسى يېتىلىش كۆرسەتكۈچى 
ئوغۇل بوۋاقنىڭ ئوتتۇرچە باش ئايلانمىسى 40. 8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، قىز بوۋاقنىڭ ئوتتۇرچە باش ئايلانمىسى 39. 8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. باش ئايلانمىسى چوڭ مېڭە يېتىلىشىنىڭ بىۋاستە ئىپادىسى بولۇپ، بوۋاقنىڭ كىيىنكى ئەقلى –قابىلىيەت تەرەققىياتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

باش لىپىلدىقى يېتىلىش كۆرسەتكۈچى 
ئالدى لىپىلداق بىلەن 1 ئايلىق بوۋاقنىڭ چوڭ تەرەققىياتى بولمايدۇ . لىپىلداق قىسمىدا باش سۆڭىكى بولمايدۇ، شۇڭا ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك. 

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ئىقتىدارى يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
بۇ ئايدا تۇتۇش رېفلىكىسىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، بالىدا ئاڭسىز تۇتۇش شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، بۇ قول ھەرىكىتى يېتىلىشكە باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى. قول ھەرىكىتىنىڭ يېتىلىشى نازۇك ھەركەتنىڭ يېتىلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

قولدا نەرسە ئېلىش: دائىم ئالالمايدۇ، ئەپسىز كۆرۈنىدۇ. قولىدىكى ئويۇنچۇقنى چىڭ تۇتۇپ، ئاغزىغا سېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاغزىغا سېلىپلا خۇددى ئەمچەكنى شورىغاندەك شۇ ئويۇنچۇقنى شورايدۇ، لېكىن ئويۇنچۇقنى چىشلىمەيدۇ. 

قولىغا قاراپ قولىنى ئويناش: ئۆزىنىڭ كىچىك قولىغا سىنچىلاپ قاراپ ، ئىككى قولىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆكرەك ئالدىغا قويۇپ ئوينايدۇ. 

باش بارمىقىنى شوراشنى باشلاش: بوۋاق مۇشۇنچىلىك بولغاندا بارماقلىرىنى شورايدۇ، بۇ مۇشۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلاردا بولىدىغان ھەرىكەت ئىقتىدارى بولۇپ، ئانىلار توسماسلىقى كېرەك. 

3 ئايلىق بوۋاق تىلىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

2-3 ئاي بولسا بوۋاقنىڭ ئاددى تاۋۇش چىقىرىش باسقۇچى. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇنجى يىغىسى دەل دەسلەپكى تاۋۇش چىقىرىشى، ئېيىغا توشقاندىن كىيىنكى يىغىسى دەل باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىسى، بىراق ھەممىسى "سۆزلەش"نىڭ پاسسىپ ھالىتى. مۇشۇ ئايغا كەلگەندە ، بوۋاقتا ئاكتىپ "سۆزلەش"نىڭ ئىپادىسى باشلىنىدۇ، ئانىلار بوۋاقنىڭ راھەتلەنگەن ، خۇشال بولغان ۋاقىتتىكى ئاۋازلىرىنى ئاڭلايدۇ، مەسىلەن ئا ، ئو، ئۇ قاتارلىقلار. بوۋاق قانچە خۇشال بولسا ، چىقارغان ئاۋازىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بوۋاققا راھەت بولغان مۇھىت يارىتىپ بەرگەندە، بوۋاق توختىماستىن ئاۋاز چىقىرىشنى مەشق قىلىدۇ، بۇ تىل ئۆگىنىشىنىڭ باشلىنىشى. تىلنىڭ يېتىلىشى بىر تەرەپلىمە بولمايدۇ، ئاڭلاش، كۆرۈش، پۇراش، تۇتۇش، ھەرىكەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ، شۇڭا بوۋاقنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئەتراپلىق مەشق قىلدۇرۇش كېرەك. 

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ كۆرۈش سېزىمىنىڭ يېتىلىش  كۆرسەتكۈچى

بۇ ۋاقىتتىكى بالىنىڭ كۆرۈش سېزىمىدە كۈلكىلىك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى بالىنىڭ كۆزى تېخىمۇ ماسلىشىدۇ، ئىككى كۆزى تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ ھەم يىغىلالايدۇ. بۇنچىلىك چوڭلۇقتىكى بالا ئاللىقاچان سۈت بوتۇلكىسىنى تونۇيالايدۇ، چوڭلارنىڭ ئۇنى ئېلىشىغا قاراپلا ئۆزىگە تاماق ياكى سۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ ھەم جىمجىت كۈتىدۇ . بوۋاقنىڭ كارىۋىتىنىڭ ئۈستىگە كۆزىدىن 20-30 سانتىمېتىر ئورۇنغا 2-3 خىل رەڭلىك ، ياخشىسى ساپ قىزىل، يېشىل، كۆك رەڭلىك ئويۇنچۇق ئېسىش ، مەسىلەن ھالقا، قوڭغۇراق، توپ تۈرىدىكىلەر. بوۋاقنىڭ ئالدىدا بۇ ئويۇنچۇقلارنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە، ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. بوۋاق دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەندىن كىيىن، بۇ ئويۇنچۇقلارنى بىر تەرەپتىن تەۋرىتىپ بىر تەرەپتىن يۆتكەپ (تەكشى يۆنىلىشتە 180 گىرادۇس، تىك يۆنىلىشتە 90 گىرادۇس) ، بوۋاقنىڭ كۆرۈش سىزىقىنى ئويۇنچۇقنىڭ يۆتكىلىش يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكەيمىز.
 
3 ئايلىق بوۋاقنىڭ بىلىش ھالىتى 

كۆرۈش سىزىقى يۆتكىلىشى: ئانا كارىۋاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ بوۋاق بىلەن سۆزلىشىدۇ، دادىسى تۇيۇقسىز كارىۋاتنىڭ سول تەرىپىدە پەيدا بولۇپ چاۋاك چالىدۇ، بوۋاق شۇ ھامان كۆرۈش سىزىقىنى يۆتكەپ دادىسىغا قارايدۇ. شارچىنى جوزىنىڭ بىر تەرىپىدىن دومىلىتىپ يەنە بىر تەرەپتە بالىنى كۆتۈرۈپ قارىغۇزساقمۇ ، بوۋاقنىڭ كۆرۈش سىزىقىنىڭ يۆتكىلىشى 180 گىرادۇسقا يېتىدۇ. بوۋاق ھەممىدىن بەك تېز مېڭىۋاتقان ماشىنا، ئۇچۇۋاتقان قۇش، يۈگۈرۈۋاتقان مۈشۈكلەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بوۋاقنى دائىم سىرتقا . ئەپچىقىپ ھەرىكەتلىنىۋاتقان نەرسىلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 

ئانىسىغا يېقىنلىشىش: ئانا مېڭىپ كەلگەندە، بوۋاق خۇشاللىنىش ھەم جىددىي يېقىنلىشىش ئىپادىسىنى بىلدۈرىدۇ، بەزىدە تېخى چاقىرىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. پەقەت دائىم بوۋاقنى ئەركىلىتىپ ئوينىتىدىغان دادىلا ئاندىن بوۋاقنىڭ بۇ خىل يېقىنلىشىش ھېسسىياتىنى جەلپ قىلالايدۇ. ئانىسىغا يېقىنلىشىش بولسا بوۋاق 3 ئايلىق بولغاندا كۆرۈلىدىغان ھېسسىياتى بولۇپ، 6-7 ئايلىق بولغاندا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىىپ، ھەتتا ناتونۇش ئادەمدىن يېتىرقايدىغان دەرىجىگە بارىدۇ. 

بىر تەرەپتىن بوۋاقنىڭ  ئىسمىنى چاقىرىپ بىر تەرەپتىن يۈزنى يۆتكىگەندە، بالىمۇ سىزنىڭ يۈزىڭىز ۋە ئاۋازىڭىزغا ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق بوۋاقنىڭ كۆرۈپ ئاڭلاپ پەرقلەندۈرۈش ۋە ئەستە تۇتۇشىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق نەرسىلەرگە قاراشتىن (جانسىزلارغا قاراش) ئادەملەرگە قاراشقا (جانلىقلارغا قاراش) تېخىمۇ قىزىقىدۇ. 

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ ھېسسىيات ۋە ئىجتىمائى ئالاقە يېتىلىشىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

3-ئېيىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، بوۋاق بەلكىم ئاللىقاچان "كۈلۈمسىرەش" ئارقىلىق بىلىپ بولىدۇ، بەزىدە ئۇ مەقسەتلىك كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق سىز بىلەن "پاراڭلىشىدۇ" ، ھەمدە قاقاقلاپ كۈلۈپ سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى جەلپ قىلىدۇ. باشقا ۋاقىتتا ، ئۇ يېتىۋېلىپ ، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆزىتىپ سىز كۈلۈمسىرىگەنگە قەدەر كۈتىدۇ ، ئاندىن ئۇ خۇشاللىق تەبەسسۇمى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ .  ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى بۇ خىل سۆزلىشىشكە قاتنىشىدۇ، ئۇ بارماقلىرىنى ئېچىپ ، بىر ياكى ئىككى بىلېكىنى كۆتىرىدۇ، شۇنداقلا قولى ۋە پۇتى سىزنىڭ سۆزلەش ئاھاڭىڭىزغا ئەگىشىپ رېتىملىق ھەرىكەتلىنىدۇ.  ئۇ ھەم سىزنىڭ يۈزىڭىزدىكى ھەرىكەتلەرنى دورايدۇ، سىز سۆزلىگەندە ئۇ ئېغىزىنى ئاچىدۇ، ھەم كۆزىنى يوغان ئاچىدۇ، ئەگەر سىز تىلىڭىزنى چىقارسىڭىز ، ئۇمۇ ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدۇ. 

ئانا-بالىلار تورىنىڭ ئەسكەرتىشى

بوۋاقنىڭ كارىۋىتى يېنىدىكى ئاسان ئالغىلى بولىدىغان ئورۇنغا ، بىر نەچچە چىرايلىق ھەم پۇختا بولغان كىچىك ئويۇنچۇقلارنى ئېسىپ ، بوۋاقنى شۇنى ئېلىشقا ۋە ئۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. نەپىس، يېنىك، چۈشىنىشلىك بولغان مۇزىكىلارنى بوۋاققا ئاڭلاشقا قويۇپ بېرىپ ، ھەم ئۇنىڭ تاۋۇش چىقىرىشىنى دوراپ خۇشال بولغان ھەم قوللىغانلىقىمىزنى بىلدۈرسەك، بوۋاقنىڭ كەيپىياتىنى خۇشال قىلغىلى، بوۋاقنىڭ ھېسسىي ۋە ئەقلىي يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بوۋاققا يانچە يېتىشنى مەشق قىلدۇرىمىز، بىردەم يانچە ياتقۇزۇپ، ئاندىن ئۇنى ئىتتىرىپ دۈمچە ياتقۇزىمىز ، ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك. 

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ھەرىكىتى

بوۋاق 3 ئايلىق بولدى، نېمىنى بىلىدۇ، قانداق شەكىلدىكى بەدەن ھەرىكىتىنى قىلالايدۇ، گەرچە بەدەن پەرقى بولسىمۇ ، بىراق ئومۇلاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، 3 ئايلىق بوۋاق تۆۋەندىكىدەك بەدەن ھەرىكىتىنى قىلالايدۇ:

بوۋاقنىڭ 3-ئېيىدا، بوۋاق بېشىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ: بوۋاق دۈم ياتقاندا، بېشىنى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، ناھايىتى ئېگىز كۆتۈرىدۇ، كارىۋات تەكشىلىكىدىن 45 گىرادۇستىن يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. 

ئۈستۈنكى بەدەن ۋە قولىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۆرۈلىدۇ: دائىم بېشىنى ۋە ئۈستۈنكى بەدىنىنىلا ئۆرۈپ، ساغرىسىنىڭ ئاستى يەنىلا ئوڭدىسىغا ياتقان ھالەتتە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئانا بوۋاقنىڭ ساغرىسىنى بوشقىنا ئىتتەرسە، ياكى بوۋاقنىڭ بىر تەرەپ يوتىسىنى يۆتكىسە، بوۋاق ئىنتايىن ئاسانلا پۈتۈن بەدىنىنى ئۆرۈيەلەيدۇ. 

بۇ ئايدا مورو رېفلىكىسى ۋە ئورۇندا تۇرۇش رېفلىكىسى تەدرىجى يوقايدۇ. بوۋاقنىڭ ئىلگىرى بولغان كۆپ قىسىم رېفلىكىسىنىڭ ھەممىسى 2-3 ئايدا يۇقۇرى باسقۇچقا يېتىدۇ ھەم يوقىلىشقا باشلايدۇ؛رېفلىكىس يوقالغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭدا بەلكىم ۋاقىتلىق ھەرىكەت كەمچىل بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ ئىنچىكە ھەم مەقسەتلىك بولۇپ ، مۇقىم ھالدا پىشىپ يېتىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. 


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى