ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى ئورنىغا سىيىشنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

بالىلاردىكى ئورنىغا سىيىشنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

ۋاقتى: 2014-05-28 ئاۋاتلىقى: 624 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  بالىلاردىكى ئورنىغا سىيىشنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

  1.بالىلاردىكى روھى جىددىيلىكنى يوقىتىش ھەرگىزمۇ ئەيىبلەپ جازالىماسلىق كېرەك.
  2.ئادەتتە تەرەت قىلىش مەشقىنى كۈچەيتىش، مەسىلەن كۈندۈزى پەقەت بولالمىغاندا تەرەت قىلىش، تەرەت قىلغان ۋاقىتتا توختاپ چىقىرىپ، چىقىرىپ يەنە توختىۋېلىش، دوۋساقنىڭ كېڭىيىش سىغىمىنى ئاشۇرۇش، كىڭەيگۈچى مۇسكۇلنى مەشقلەندۈرۈش كېرەك.
  3.كېچىسى ئامال بار سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.
  4.ئورنىغا سىيىش ئېغىر بولغانلار دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى كېرەك.

بالىلاردىكى ئورنىغا سىيىشنىڭ تاماق رىسالىسىدىن تاللانمىلار
  1.ياڭاق توخۇ ئېشى
  ئوزۇقشۇناس ئەسكەرتىشى: ياڭاق تەركىبىدە مول بولغان تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى بولۇپ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، ئورنىغا سىيىش كىسىلى بار بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  1)توخۇنىڭ تۆش قىسىمىنىڭ گۆشىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق پارچىلاپ توغراپ، تۇخۇم سېرىقى، كىراخمال ۋە ئازراق تۇز بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
  2)قازانغا ماي قۇيۇپ، تۆت ھەسسە قىززىغاندا ياڭاق مېغىزىنى سالىمىز، پىشقاندىن كېيىن ئېلىۋىلىپ قازانغا توخۇ گۆشى پارچىسىنى سېلىپ يېرىم پېشقاندا قورۇۋالغان ياڭاق مىغىزىنى سېلىپ پىشقىچە قورۇساقلا بولىدۇ.

  2.قارا پۇرچاق نوقۇت ئىشى
   ئوزۇقشۇناس ئەسكەرتىشى: يېپىشقاق گۈرۈچ، قارا پۇرچاقنىڭ ئاشقازان ۋە تالنى قۇۋۋەتلەش رولى بار، نومىنىڭ يەنە قابىزلىق رولىمۇ بار. سۈيدۈك كۆپىيىشنى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمى بار.
   تەييارلاش ئۇسۇلى:
   قارا پۇرچاق 30گىرام، نومى 100گىرام، قارا شېكەر 20  گىرام. قارا پۇرچاقنى يۇيۇپ چىلاپ قويىمىز، نومىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتىمىز، 10 گىرام خاسىڭ مېيىدا نومىنى چاپلاشقاق ھالەتكە كەلگىچە قورۇپ قارا پۇرچاقنى سالىمىز، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ قارا شېكەرنى سالساق تەييار بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى