بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش دېگەن نېمە؟ ئالامىتى نېمە؟
ۋاقتى: 2016-03-27
ئاۋاتلىقى: 526 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش دېگەن نېمە؟ ئالامىتى نېمە؟
بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش بىر تۈرلۈك كۆپ خىل كېسەللىك مەنبەسى، كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبلەردىن چوڭ تەرەت قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشى ياكى چوڭ تەرەت شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالاھىدىلىك قىلغان بالىلار بۆلۈمىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. 6 ئايلىقتىن 2 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن ياز پەسلىدە كۆپرەك بولىدۇ. يۇقۇملۇق ۋە يۇقۇمسىز دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.
كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى گاھى تېز گاھى ئاستا بولىدۇ، يېنىكلىرىدە پەقەت ئىشتىھاسىزلىق، قۇسۇش، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش ياكى چوڭ تەرەت شەكلى ئۆزگىرىشتەك ئاشقازان ئۈچەي يوللىرى ئالامىتىلا بولىدۇ، ئېغىرلىرىدا چوڭ تەرەت قېتىم سانى بىر كۈندە ئون نەچچە قېتىمغا ھەتتا نەچچە ئون قېتىمغا بارىدۇ، چوڭ تەرەت سۇدەك، يىپىشقاق، بەزىدە قان يىرىڭلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە سۇسىزلىنىش، ئىلىكتىرولىت تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە پۈتۈن بەدەن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى(قىززىش، بىئارام بولۇش، روھى سۇسلۇق قاتارلىق)كۆرۈلىدۇ.