ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنى يېمەكلىك بىلەن قوشۇمچە داۋالاش

بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنى يېمەكلىك بىلەن قوشۇمچە داۋالاش

ۋاقتى: 2016-07-09 ئاۋاتلىقى: 809 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنى يېمەكلىك بىلەن قوشۇمچە داۋالاش

تۇخۇم سېرىقى ئېشى: تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇپ شاكىلى ۋە ئىقىنى ئايرىۋىتىپ ،سېرىقىنى قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا مېيىنى ئالىمىز. بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلار ھەر كۈنى بىر تۇخۇمنىڭ مېيىنى ئىككى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئۈچ كۈننى بىر داۋالاش كۇرسى قىلسا داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئالما ئېشى: ئالمىنىڭ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار. بىر تال ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ ھوردىتىپ پىشۇرۇپ مېۋە ئېتىنى يېيىش ياكى پوستىنى ئېلىۋېتىپ ئېزىپ كۈندە 60-30 گرامغىچە كۈندە ئۈچ ۋاق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

ئالما شورپىسىمۇ ئىچى سۈرۈشنى داۋالايدىغان قوشۇمچە ئىچىملىك بولالايدۇ. ئالمىنى پارچىلاپ 250 گرام سۇ ۋە ئازراق تۇز ياكى %5لىك قەنت قوشۇپ چاي ئورنىدا ئىچسىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارغا ماس كېلىدۇ.

كاشتان ئۇمىچى: 5~3 دانە كاشتاننى پوستىدىن ئايرىپ ئېزىپ سۇ قوشۇپ قاينىتىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگەندە قەنت قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ كۈندە ئىككى~ ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلسا ئىچى سۈرۈشنى توحتىتىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا سەۋزە شورپىسى، چىلان ئاپلىسىن چىيىنىڭمۇ تالنى قۇۋۋەتلەپ ئىچى سۈرۈشنى توحتىتىش رولى بار. ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىشقا بولىدىعان يېمەكلىكلەردىن گۈرۈچ ئۇمىچى، تۇحۇم، تۇزسىز تۇحۇم نېنى قاتارلىقلار بار.

كۆيدۈرۈلگەن گۈرۈچ ئىشى: ئاۋۋال گۈرۈچ تالقىنى بىلەن سۈت پىروزنىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ تالقان قىلىپ، قورۇپ سارغايتىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ۋە قەنت قوشۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرسەكلا بولىدۇ. گۈرۈچ تالقىنىغا سۇ قۇشۇپ قىززىتساق جەۋھىرى چىقىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربونلۇق بىرىكمە سۈمۈرۈلۈپ ئوڭاي ھەزىم بولغاچقا ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

سەۋزە شورپىسى: سەۋزە ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ تەركىبىدىكى مېۋە يىلىمىنىڭ چوڭ تەرەت شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەي دىۋارىدىكى باكتېرىيە ۋە توكسىنلارنى سۈمۈرۈپ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار.تەييارلىنىشى: سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ كېسىپ يىلتىز غولىنى كېسىۋېتىپ، ئېتىنى ئۇششاق توغراپ سۇدا قاينىتىپ ئېزىلگەندە تىرىپلىرىنى داكا بىلەن سۈزۈۋېتىپ 1000:500نىسبەتتە سۇ قوشۇپ قاينىتىپ قەنت قوشۇپ تەمىنى تەڭشىسەكلا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى