ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(2)

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(2)

ۋاقتى: 2016-07-29 ئاۋاتلىقى: 708 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(2)

 

3 ئايلىق بوۋاق نېمە يەيدۇ----بوۋاق پەرۋىشى خۇلاسىسى 

 

بوۋاق 3 ئايلىق بولغاندا، ئانا سۈتى يېتەرلىك بولسا ، داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 3 ئاي بولسا بوۋاق ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ 2-يۇقىرى باسقۇچى بولۇپ، بوۋاق ئۈچۈن ھەر بىر ئېمىتكۈچى ئانا چوقۇم ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك . 

 

خىزمەت ئورنىدىكى ئانىنىڭ پەرۋىشى 

 

ئانا خىزمەت ۋاقتىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ ئېمىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ. ئەگەر شارائىت يار بەرسە،  دېزىنفىكسىيەلەنگەن سۈت بوتۇلكىسىغا ئامال قىلىپ سۈتىنى قاچىلاپ ئېلىپ يۈرسە بولىدۇ. 

 

مېۋە شىرنىسى كۆكتات شىرنىسىنىڭ ياسىلىشى

 

1-3 ئايلىق بوۋاق مېۋە شىرنىسى ۋە كۆكتات شىرنىسىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، ئۇلار ۋىتامىن ۋە سېللۇلوزا تولۇقلاپ، چوڭ تەرەتنىڭ ئاسان سىرتقا چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، مېۋە شىرنىسى ، كۆكتات شىرنىسى ئىچىشلىك بولۇپ، بوۋاق نىسبەتەن ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. 

 

ۋىتامىن D نى تولۇقلاش

 

بوۋاقدا ۋىتامىن D كەمچىل بولغاندا ئاسانلا راخىت كىسىلىگە گىرىپدار بولۇپ قالىدۇ.  ئانا سۈتى، كالا سۈتى ۋە كۆكتاتلاردىكى ۋىتامىن D بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، ۋىتامىن D تابلىتى تولۇقلاش لازىم، ئەمەلى مىقدارىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئىشلىتىش لازىم، شۇ ئارقىلىق مىقدارى ئېشىپ كېتىپ زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

 

3 ئايلىق بوۋاق پەرۋىشىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار خۇلاسىسى 

 

3 ئايلىق ۋاقىتتا ، ئادەتتە ئۇنىڭغا يېنىك كىيىملەرنى،  كۈن نۇرى مونچىسى ۋە ھاۋا مونچىسى تەۋسىيە قىلىمىز . دائىم ئىللىق قول بىلەن بوۋاقنىڭ قول ئالقىنىنى، پۇت ئاستىنى، يۈزىنى، تېرىسىنى سىلىغاندا، بالا تىنچ خاتىرجەم بولىدۇ. 

 

كېچىدە يىغلاش

 

بوۋاق 3 ئايلىق بولغاندىن كېيىن، بېشىنى كۆتۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ، ئۆمىلىگەندە ئىككى جەينىكى بىلەن ئۈستۈنكى بەدىنىنى تىرەيدۇ، بويۇن ئومۇرتقىسى ئالدىغا ئىگىلىشكە باشلايدۇ، كۆكرەك ئومۇرتقىسى ئاستا كەينىگە ئىگىلىپ، بەدەن ھالىتىنىڭ راھەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، بوۋاق تۇغۇلۇپ 3 ئايدىن كىيىن ياستۇق ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەتىگەندە، چۈشتە، چۈشتىن كېيىن ، ھەر قېتىمدا 2 سائەتتىن ئۇخلاشنى ئادەتلەندۈرىمىز، كەچتە 5 سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلايدۇ، بىراق بەزى بوۋاقلار كەچتە ئۇخلىغاندا دائىم يىغلاپ، ياش ئاتا-ئانىلارنى ھارغۇزۇۋېتىدۇ. 

 

كۈتۈلمىگەن مۇداپىئە

 

ھېچكىم قارىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بالىنى كارىۋات قىرىغا، جوزا ئۈستىگە ياكى كىرىسلوغا قويماسلىق كېرەك. بولمىسا بالا تۇيۇقسىزلا دومىلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ 3 ئايلىق بوۋاقلاردا دائىم بولىدىغان ئەھۋال. 

 

بوۋاقنىڭ سىيىشى

 

بوۋاق تۇغۇلۇپ 3 ئايدىن كېيىن سىيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە باشلايدۇ، ئائىلە باشلىقلىرى بوۋاق كىچىك تەرەت قىلغان ۋاقىتتىكى ئىپادىسى، ئارىلىق ۋاقىتلارنى ئىنچىكە كۆزىتىشى كېرەك، بوۋاق سىيىپ قويغاندا زاكىسىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك، سىيىدىغان ۋاقىتتا «شۈ، شۈ» ئاۋازلىق سىگنال چىقىرىپ، مۇقىم ھالەتتە بولىدۇ، ۋاقىت، ئاۋاز، ھالەت قاتارلىق سىگناللارنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ قېتىم قىلىش ئارقىلىق، كىچىك تەرەتنىڭ شەرتلىك رېفلىكىسى شەكىللىنىدۇ. 


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى