ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(3)

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(3)

ۋاقتى: 2016-03-30 ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(2)

 

3 ئايلىق بوۋاق كېسەللېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن خۇلاسە


بوۋاق 3 ئاي ۋاقتىدا، ئېمىتكۈچى ئانا تەركىبىدە تۆمۈر، كالتسىي بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى، سۈت ئوزۇقلۇقىنى مول قىلىشى ، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى تابلىتىنى بېرىشى كېرەك، كېيىنكى ھەر ئايدا بىر قېتىم ، ئۇدا 3 ئاي بېرىپ ، بالىلار پارالىچىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

بالىلار پارالىچ كېسىلى

كېسەللىك ئىپادىسى: يېنىك كېسەللىك ئىپادىسىدە قىززىش، باش ئاغرىش، گال ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەتلىك بولىدۇ. ئاز بىر قىسمىدا مۇسكۇللار ئاغرىش، قول-پۇتىنىڭ ھەم يۈزىنىڭ مۇسكۇللىرى كۈچسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش:كېسەللىك ئالامىتىنى كونترول قىلىپ، يۇقۇملىنىشنى تەبىئىي ياندۇرىمىز. ئالامەتلىك داۋالاشتىن ئاغرىق توختىتىش دورىسى، فىزىكىلىق داۋالاش ھەم ھەرخىل ئەسۋابلار، ھەتتا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق مۇسكۇل ئىقتىدارىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
 
ئالدىنى ئېلىش:بالىنىڭ ئادەتتىكى تازىلىقىغا ، كىيىملىرىگە، نەرسە-كېرەكلىرىگە ھەم تاماق قاچىلىرىنىڭ دېزىنفىكسىيە قىلىنىشىغا دىققەت قىلىپ، مۇھىت تازملىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. 

بالىنىڭ چۆچۈشى

كېسەللىك ئالامىتى: كېچىدە ئىڭراپ يىغلاش، كۆپ تەرلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، نەپەس يولى ئاسان يۇقۇملىنىش، قان ئازلىق ھەم چېچى ئۆسمەسلىك قاتارلىقلار، ئېغىر بولغانلىرىدا پۇت-قولى تارتىشىش كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش: ساغلام ئۆسۈۋاتقان بالىغا يېمەك-ئىچمەك نورمال، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەم كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلاش. كالتسىي تولۇقلاۋاتقان مەزگىلدە پالەك ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى بەرمەسلىك كېرەك. 

ئالدىنى ئېلىش: ئانىلار تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەپ، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىنى كۆپەيتىپ، بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

ساغرىسىدىكى تېرە ياللۇغى

كېسەللىك ئالامىتى:ئەھۋالى يېنىك بولغاندا يەرلىك ئورۇندا قىزىل داغ بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا قاپارتما شەكىللىنىپ شەلۋەرەيدۇ، بوۋاقنىڭ ساغرا قىسمىدا، سىرىتقى جىنسىي ئەزاسىدا، چات ئارىلىقىدا ھەم يوتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش: يەرلىك ئورۇننىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاش، بالىنىڭ ساغرىسىنى مۇۋاپىق كۈن نۇرىغا قاقلاش، يەرلىك ئورۇن سۈركىلىشكە ئۇچرىماسلىقى، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن پاختا رەخت بىلەن قۇرۇتۇش، ھەم ۋازىلىن ياكى ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىنى سۈركەپ ، مۇداپىئە پەردىسى ھاسىل قىلىپ، غىدىقلىغۇچى ماددىلاردىن ئايرىش كېرەك. 

ئالدىنى ئېلىش: بالا ساغرىسى تېرىسىنىڭ قۇرغاق بولۇشىنى ساقلاش، غىدىقلىغۇچى سوپۇن بىلەن ساغرىسىنى يۇيۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. زاكىغا يۇمشاق رەخنى ئىشلىتىش كېرەك، پاكىزلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇپا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. 

سىرىتقى قۇلاق يولىدىكى چېقان

ئالامىتى:ئادەتتە يىغلاش، قۇلىقىنى تۇتۇش، بېشىنى سىلكىش، كېچىدە چۈش كۆرمەسلىك قاتارلىقلار بولىدۇ. ئاغرىق سەۋەبىدىن ئېغىز ئېچىش، چايناشقا تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن بوۋاقتا ئېمىشنى رەت قىلىش كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش:ئىششىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، 10 % لىك ئىختىئول مەلھىمى چىلانغان پاختىنى قۇلاق يولىدىكى يەرلىك ئورۇنغا قويىمىز. ئەگەر ئىششىق پىشقان بولسا، يېرىپ يىرىڭنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. 

ئالدىنى ئېلىش:قۇلاق كولاشتىن ساقلىنىش، تېرىنىڭ پاكىز قۇرغاق بولۇشىنى ساقلاپ، سۇنىڭ قۇلاق ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دائىم بوۋاقنىڭ تىرنىقىنى ياساپ، قۇلاقنى تۇتقاندا سىرتقى قۇلاق يولىنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلاپ، داۋاملىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى