ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى قىچىشقاق بىلىملىرىدىن قىسقىچە ساۋات))

بالىلاردىكى قىچىشقاق بىلىملىرىدىن قىسقىچە ساۋات))

ۋاقتى: 2016-07-15 ئاۋاتلىقى: 818 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بالىلاردىكى قىچىشقاق بىلىملىرىدىن قىسقىچە ساۋات))

1. بالىلاردىكى قىچىشقاق قانداق بولىدۇ؟

قىچىشقاق بولسا بىر خىل كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كانا تۈرىدىكىلەر-قىچىشقاق كانىسى ئادەم تېرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، تېرىگە چاپلاشقاندىن كېيىن بىر خىل مېخانىكلىك غىدىقلاشنى پەيدا قىلىدۇ. ھەمدە ئۆلگەن كانا ۋە كانىنىڭ قالدۇقلىرى تېرىدە ھالەت ئۆزگىرىش رىئاكسىيەسى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرىدە سۇلۇق قاپارتما،  ئەسۋە،  يىرىڭلىق قاپارتما پەيدا بولىدۇ ھەم قىچىشىدۇ. كانا تېرىنىڭ يۇمشاق جايلىرىدا كۆپ بولىدۇ، مەسىلەن: بارماق ئارىلىقى، جەينەك ئويمىنى،  قولتۇق، ئەمچەك توپچىسى ئاستى، سىرتقى جىنسىي ئەزا، يىرىق قاتارلىق جايلار. بۇ كېسەل چوڭلاردىمۇ، بالىلاردىمۇ بولىدۇ. 

2. بالىلاردىكى قىچىشقاقنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى قايسىلار؟

سەۋەبى، قىچىشقاقنىڭ يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، ئادەتتە بىر كارىۋاتتا يېتىش، بىر يوتقاننى ئورتاق يېپىنىش ياكى ئاغرىق بالىنىڭ كىيىمى، ئايىقى، پايپىقى، باش كىيىمى، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئاغرىق بالىلار بىلەن قول تۇتۇشقاندىمۇ يۇقۇپ قالىدۇ. كانا ئادەتتە كىچىسى ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا بوۋاق بالىلاردىكى قىچىشقاقنىڭ مەنبەسى كۆپىنچە ئۇنىڭ بىلەن بىر كارىۋاتتا ياتىدىغان ياكى دائىم بالىغا قارايدىغان ئۆيدىكىلەر، بالا باققۇچى بولىدۇ. 

3. قىچىشقاقنىڭ كېسەللىك ئالامىتى:

⑴①بالىلاردىكى قىچىشقاقنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بولسا تېرىدە يىڭنە چوڭلۇقىدىكى ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتما ھەم قىچىشقاق قورتىسى تېرىدە كولاپ چىققان تونىل بولىدۇ. قىسمەن ئاغرىغۇچىنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسىدا سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىدىكى تۈگۈن پەيدا بولىدۇ. ②بارماق ئارىلىقى، بېغىش، ئاستى قورساق قىسمى، يوتا، سىرتقى كۆپىيىش ئەزاسى قاتارلىق جايلار ئاسان زەخمىلىدۇ. باش، ئالقان پەنجىسىدە، كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، بوۋاق بالىلاردا بولسا پۇتۈن بەدەندە بولىدۇ، ئالقان پەنجىسىدە سۇلۇق قاپارتما بولىدۇ. ③تېرە قاتتىق قىچىشىدۇ، بولۇپمۇ كېچىدە. ④تاتلىغاندا ئىككىلەمچى ھۆل تەمرەتكىگە ئۆزگىرىدۇ. يىرىڭ قاپارتقۇلۇق ئەسۋە، تۈك خالتا ياللۇغ ئەسۋەسى بولىدۇ.  

ئەسۋە ئادەتتە دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق ئىششىق، تۈگۈن بولىدۇ. 

بارماق ئارىلىقى، بېغىش، قورساق ئاستى قىسمى، يوتا، سىرتقى جىنسىي ئەزا قاتارلىق جايلاردا كۆپ بولىدۇ. باش ، ئالقان پەنجىسىدە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. 
ئەسۋە چىققان يەردىن قىچىشقاق قۇرتى ۋە قۇرت تۇخۇمى تاپقىلى بولىدۇ. 

4. داۋالاش ئۇسۇلى:

جىددى خاراكتېرلىك ئەسۋە چىققانلار بويۇندىن باشلاپ 10 پىرسەنتلىك گۈڭگۈرت مەلھىمىنى ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچ بىر قېتىمدىن سۈرتىشى، سۈرتۈشتىن ئاۋال ئىسسىق سۇ ۋە سوپۇن بىلەن يۇيۇشى كېرەك. دورا ئىشلەتكەن مەزگىلدە يۇيۇنماسلىقى كېرەك، كىيىم ئالماشتۇرماسلىقى، ئۇدا 4 كۈن ئىشلىتىشى كېرەك. تېرە قىچىشىش ئالامەتلىرى يوقىغاندىن كېيىن 2 ھەپتە ئىچىدە قوزغالمىىسا دېباۋسۇڭنى ئىشلىتىپ، ئەسۋە تۈگىنىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئەسۋە جىقراق بولسا 4 ھەپتىدىن كېيىن 2-قېتىم ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇلىدۇ. ئەسۋە تۈگۈنى بولسا دىئامىتېرى 10-3 مىللىمېتىر  چوڭلۇقتىكى قوڭۇر رەڭلىك تۈگۈن. ئۇ ئۇرۇقدان خالتىسى قاتارلىق جايلاردا كۆپ بولىدۇ. ئادەتتىكى قىچىشقاق ئەسۋەسى ساقايسىمۇ تۈگۈن ئاسانلىقچە يوقىماي قىچىشىپ ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. دېباۋسۇڭ ئوكۇلىنىڭ ھەر مىللىمېتىرىدا 2 مىللىگرام بېيتامەدزون بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقىسىنىڭ توقۇلما ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك، گىدرولىز تېز، تېز سۈرەتتە كېسەلنى كونترول قىلىدۇ. كېيىنكىسىنىڭ ئېرىشچانلىقى كىچىك، ئاستا سۈمۈرىلىدۇ. ئۈنۈمى ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ. ئۇ تۆت ھەپتىگىچە داۋاملىشىپ ئەسۋە تۈگۈنى يۇمشاپ سۈمۈرۈلۈپ يوقاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى