ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(4)

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(4)

ۋاقتى: 2015-04-01 ئاۋاتلىقى: 675 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(4)

 

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلى قانداق ئېچىلىدۇ

------بوۋاققا بالدۇر ئويۇن ئۆگىتىش

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي يېتىلىش ئەھۋالى 

3 ئايلىق بوۋاق ئېغاڭلاشقا، ئۆزىنىڭ قولىغا قاراشقا ئامراق بولىدۇ؛ قولى بىلەن ئويۇنچۇقلارنى سىلاشقا ، ئۇرۇشقا ئامراق بولىدۇ؛ ئاغزى بىلەن نەرسىلەرنى ئىزدەشكە ئامراق بولىدۇ؛ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا ئامراق بولىدۇ؛ ئاتا-ئانىسى بىلەن «سۆزلىشىش»كە ئامراق بولىدۇ؛ دائىم ئۆزىدىن خەۋەر ئالغان ئادەمنى بەكرەك ياخشى كۆرۈشنى ئىپادىلەيدۇ. 

 

3 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا لايىق بالدۇر ئۆگىتىدىغان ئويۇن تۈرلىرى ۋە تەپسىلى چۈشەندۈرىشى

 

بوۋاق ئويۇنى 1، ئاسما توپنى ئۇرۇش

 

ئاسما ئويۇنچۇقنى قوڭغىراقلىق شارچىگە ئۆزگەرتىپ، ئانا بوۋاقنىڭ قولىنى تۇتۇپ شارچىنى ئۇرغۇزسا، شارچە ئالدى-كەينىگە تەۋرىنىپ ئاۋاز چىقىرىپ، بوۋاقنى توختىماي ئۇرۇشقا جەلپ قىلىدۇ. بوۋاق تېخى ئارىلىقنى مۆلچەرلەشنى بىلمىگەنلىكتىن ، قولىنىڭ ھەرىكىتى چاققان بولمايدۇ، دائىم ھاۋانى ئۇرۇپ، تەسلىكتە تەككۈزىدۇ، توپ يەنە قاچىدۇ، يەنە تەككۈزۈش ئىنتايىن قىيىن. بىراق يەنە شارچىنىڭ تەۋرىنىشى ۋە قوڭغىراق ئاۋازى بوۋاقنى جەلپ قىلىدۇ. ھەر قېتىم ئوينىغاندا شارچە ئېسىلغان ئورۇننى ئۆزگەرتىپ ، ئۇزۇن ۋاقىت قاراۋېرىپ بىزار بولۇشتىن ساقلىنىمىز. ئويناپ بولغاندىن كېيىن شارچىنى يىغىۋېتىپ، تىكىلىپ قاراشتىن ساقلايمىز. ھەرىكەتلىك نۇقتىنى ئۇرۇشنى ئۇرۇشنى مەشقلەندۈرۈپ ، ئىلگىرلىگەن ھالدا قول-كۆز ماسلىشىشىنى مەشقلەندۈرۈشكە بولىدۇ، 4-5 ئايلىق بولغاندا ئېسىلغان ئويۇنچۇقنى تۇتۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىمىز. 

 

بوۋاق ئويۇنى 2 ، جەينەكتە تىرەش

 

بوۋاق دۈم ياتقاندا، يۆتكىلىدىغان ئەينەكنى باش تەرىپىگە ئاسىمىز، بوۋاق ئەينەكتىكى ئۆزىنى كۆرۈشكە ئامراق بولۇپ، تىرىشىپ بەدىنىنى تىرەيدۇ. ئانا بوۋاققا ياردەملىشىپ بىر جەينىكىنى قويۇشۇپ بەرسە، بوۋاق ئۆزلىكىدىن يەنە بىرسىنىمۇ قويۇپ، پۈتۈن كۆكرەك قىسمىنى تىرەيدۇ، كۆرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، ھەمدە بوۋاق بىر بىلېكىنى سوزۇپ يېنىدىكى ئويۇنچۇقنى ئالىدۇ. بۇ ئوخشاشلا بوينىنى، قولىنى، كۆكرەك مۇسكۇلىنى مەشقلەندۈرۈش بولۇپ، ئوخشاشلا كۆرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بوۋاققا بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. 

 

بوۋاق ئويۇنى 3 ، بىر مۈچىدە يىراقتىن تىزگىنلەش

 

بوۋاق ئوڭدىسىغا ياتقاندا ، گۈللۈك توپنى بوۋاق كۆرۈدىغان ئورۇنغا ئاسىمىز، يىپنىڭ بىر ئۇچىنى توپقا، بىر ئۇچىنى بوۋاقنىڭ بېغىشىغا چىگىمىز. ئانا بوۋاقنى يۆلەپ سول قولىنى تەۋرەتسە، توپ ئۈستىدىكى قوڭغىراق مىدىرلاپ ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئانا قولىنى بوشىتىپ بوۋاقنىڭ ئۆزىگە ئويناتسا، بوۋاق قول-پۇتىنى ھەتتا بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قوڭغۇراقنى جاراڭلىتىدۇ. بوۋاق سول بېلىكىنى مىدىرلاتسا قوڭغۇراق جاراڭلىغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، ئانا يىپنى بوۋاقنىڭ يەنە بىر قولىغا چىگىدۇ، ئارقىدىن نۆۋەت بىلەن سول پۇت، ئوڭ پۇتىغا چىگىدۇ. بۇ بىر خىل سەزگۈ ئومۇمىيلىقىنى چېنىقتۇرىدىغان ۋە خاس تاللاشچانلىققا ئىگە ئويۇن. كۆرۈشتىن ئاڭلاشقىچە، بەدەننىڭ تاللىماي ھەرىكەتلىنىشكە ماسلىشىشقىچە، سەزگۈ ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچى، چوڭ مېڭىنىڭ مەخسۇس مۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت تاللىشىغا قوماندانلىق قىلىشنى چېنىقتۇرىدۇ، ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىنتايىن پايدىلىق. 

 

بوۋاق ئويۇنى 4 ، ئولتۇرۇپ قۇچاقلاش

 

ئانا سول قولىدا بوۋاقنى كۆتۈرۈپ، بوۋاقنى ئانىنىڭ كۆكسىگە يېقىن ئولتۇرغۇزىدۇ، ئانا ئوڭ قولىدا ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بوۋاقنى ئىككى قول بىلەن ئوينىغۇزىدۇ، ياكى بوۋاقنى جوزىدا يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئويۇنچۇقنى جوزىغا قويۇپ، بوۋاققا قولى بىلەن ئالدۇرىدۇ، ياكى جوزىدىكى كىچىك ماشىنىنى ئىتتىرىدۇ. بۇ ئويۇن ئارقىلىق ، بوۋاققا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ئۆگىتىپ، كېيىنكى قولىنى تارتىپ ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئاساس سالىمىز، بوۋاق ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىككى قولى تەڭ ھەرىكەتلىنىپ، ئىككى قول ماسلىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلىنىدۇ. 

 

بوۋاق ئويۇنى 5 ، 90 گىرادۇس ئۆرۈلۈش

 

بوۋاق يانچە يېتىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، يانچە يېتىشتىن ئۆرۈلۈپ دۈمچە ياكى ئوڭدىسىغا ياتىدۇ، بۇ خىل ئۆرۈلۈش بەلكىم مەقسەتسىز بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشىدىن بولىدۇ. 3 ئايلىقنىڭ ئالدى –كەينىدە، بوۋاق ئۆزى 90 گىرادۇس ئۆرۈلەلەيدۇ، ياكى ئوڭدىسىغا يېتىشتىن يانچە ياتىدۇ. ئانا ئويۇنچۇق بىلەن جەلپ قىلىش ھەم مۇۋاپىق ياردەم قىلىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۆرۈلىشىگە ياردەم بەرسە بولىدۇ. بوۋاقنىڭ ئۆرۈلۈش ھەرىكىتىنى مەقسەتسىزلىكتىن مەقسەتلىككە ، بەدەن ئېغىرلىق مەركىزى يۆتكىلىشتىن ئۆزى قارار قىلىشقا ئۆزگەرتىمىز. 

 

بوۋاق ئويۇنى 6 ، تاۋۇش ئارقىلىق جاۋاپ بېرىش 

 

ئانا دائىم بوۋاق بىلەن گەپلىشىپ ، بوۋاققا دائىم تاۋۇش چىقارغۇزىدۇ. 2-3 ئايلىق بوۋاق قوش تاۋۇش چىقىرىشقا ياكى تاۋۇشنى سوزۇشقا ئامراق بولۇپ، ئانا ماختىغان تەلەپپۇزدا بوۋاق بىلەن گەپلىشىشى، بوۋاقنىمۇ ئاۋاز چىقارغۇزۇپ ئانىسى بىلەن سۆزلەشتۈرۈش كېرەك. بوۋاق كىچىكىدىنلا چىرقىراشقا ئامراق بولغىنى ياخشى ئاۋاز يېتىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بوۋاقنى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، ئاتا-ئانا بوۋاقنى باققاچ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشسە ئۇنىڭ كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ، بوۋاق يالغۇز قالغاندا ئۆزى ئاۋاز چىقىرىپ ئۆزى خۇشال بولىدۇ، ياكى ئويۇنچۇققا سۆزلەيدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىكى ئاۋاز چىقىرىش كېيىنكى بالدۇر تىلى چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق بولىدۇ. 

 

بوۋاق ئويۇنى 7 ، ئادەمنى كۆرسىلا كۈلۈش

 

دائىم بوۋاقنى ئېلىپ باغچىغا ياكى كىشىلەر ئارام ئالىدىغان جايغا بېرىپ ، ئانا ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن سالاملاشسا ، بوۋاقنىمۇ يات كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىلى بولىدۇ. كىشىلەر بالىلارنىڭ بوۋاق بىلەن ئوينىشىنى، بوۋاقنىڭمۇ ياندۇرۇپ كۈلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ بالىنىڭ جەمئىيەتلىشىشىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ بىرىنجى باسقۇچى: كۈلكە بىلەن كىشىلەر بىلەن سالاملىشىش.  ئەزەلدىن ياتلارنى كۆرۈپ باقمىغان بالا ئادەم كۆرسىلا قاچىدۇ، ياكى ئادەمگە ئۇدۇل قارىيالمايدۇ ، بارا-بارا خىجىل بولىدىغان خاراكتېرنى يىتىلدۈرۈپ، ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىقتىدارى يوق بولىدۇ. بوۋاققا ئۆزلىكىدىن كىشىلەرگە سالام قىلىدىغان، ئوچۇق-يورۇق ياخشى بولغان مىجەز يىتىلدۈرۈش لازىم. 

 

بوۋاق ئويۇنى 8 ، دادىسىنى تونۇش 

 

دادا ئاكتىپ ھالدا بوۋاق بىلەن ئوينىشى كېرەك، بوۋاق ئاتا-ئانىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، دادىنىڭ ساقىلى، پۇرىقى، ئاۋازى، ھەم كۈچلۈكلىكى ئانا بىلەن ئوخشىمايدۇ، كۆپلىگەن بوۋاقلار دادىسىغا قۇچاقلىتىپ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزۈشنى، بىر قىسىم خەتەرلىك ئەمما قىزىقارلىق ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ.  بولۇپمۇ ئوغۇل بوۋاق ، خەتەرلىك  ھاياجانلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، دادىسىنىڭ مەردانە كۈلۈشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بوۋاق ئىككى ئادەمنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ، بىرى ئانا، بىرى دادا بولۇپ، ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى سېزىشكە باشلايدۇ. بوۋاققا ئانا ۋا دادا مۇھەببىتىنى ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئاسرايدىغانلىقىنى ، ئۆزى ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلېكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، مۇشۇ ئائىلە ئۇقۇمىنى مەڭگۈ تەسىر قىلدۇرۇش كېرەك.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى