ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللاپ سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش(1)

بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللاپ سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش(1)

ۋاقتى: 2016-03-19 ئاۋاتلىقى: 719 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللاپ سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش(1)

بازاردىكى بوۋاقلار ھارۋىلىرى كۆپلىكىدىن كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ. ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ماس كېلىدىغىنىنى تاللىسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇغقانلاردا بولسا ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

بوۋاقلار ھارۋىسىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللىغاندا، چوقۇم ھارۋىنىڭ قوزغىلىشى قولايمۇ-ئەمەس، بىخەتەرلىك تاسمىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىللرى ئۆلچەمگە يېتەمدۇ-يەتمەمدۇ، دىگەندەك تەرەپلەرنى تەكشۈرۈش كېرەك، ئورۇندۇق چوڭقۇر بولۇشى كېرەك، ئەگەر تېيىز بولۇپ قالسا، بوۋاق بەدىننى ئۆرىگەندە ياكى بۇرۇلغاندا ھارۋا ئاسانلا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ.

يۇمشاق تەگلىكنىڭ قېلىنلىقىنىڭ يىتەرلىك ياكى ئەمەسلكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قول ھارۋىسىنىڭ يۇمشاق تەگلىكى  قانچە كۆپ بولغانسېرى، بوۋاققا نىسبەتەن شۇنچە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ. يەنە كېلىپ بوۋاقنىڭ بەدىنى ئەۋرىشىم، ئۆرۈلۈپ كەتسە ئاسانلا قان ئۇيۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئوڭ-سول تەرەپلەردە يۇمشاق تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، بەلگىلىك دەرىجىدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بوۋاقلار ھارۋىسىغا ئادەتتە ئاساسى جازىسىنى قۇلۇپلىغىنى بولىدىغان ھەرىكەتچان ئۈگىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق يىغىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە يۆتكەشكە قولايلىق يارىتىلىدۇ، شۇڭا تاللىغان ۋاقىتتا يىغىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنى ياخشى تەكشۈرۈش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا، بوۋاق ھارۋىدا ئولتۇرغاندا، ھارۋا جازىسىنىڭ ھەرىكەتچان ئۈگىلىرى رولىنى يوقىتىپ تۇيۇقسىز يىغىلىپ، ھارۋا گەۋدىسىنىڭ بوۋاقنى قېسىپ يارىلاندۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بوۋاقلار ھارۋىسىنىڭ چاقى بىرقەدەر چوڭ بولۇشى، ئاسان تېيىلىپ كەتمەيدىغان بولۇشى كېرەك، بەزى بوۋاقلار ھارۋىسىنىڭ تەۋرىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولىدۇ. ھارۋىنىڭ تورمۇزلاش قۇرۇلمىلىرى ياخشى بولۇشى كېرەك، بەزى تاساددىپىيلىقلار يۈز بەرگەندە ھارۋىنى دەل ۋاقتىدا توختاتقىلى بولۇشى كېرەك.

سېتىۋالغان ۋاقىتتا، ھارۋىنىڭ نۇسخىسى ۋە رەڭگىگە قاراشتىن باشقا، يەنە ھارۋىنىڭ سىرتقى يۈزىدە سىر تۆكۈلۈش، جىجىلىش ياكى باشقا نۇقسانلىرىنىڭ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىش، ھارۋا گەۋدىسىنىڭ ئۇلانغان قىسىملىرىنىڭ ۋە ۋېنتىللىرىنىڭ پۇختا ياكى ئەمەسلىكىگە، شۇنداقلا ھارۋا قۇرۇلمىسىنىڭ ئەپچىل ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى ياخشى كۆزىتىش كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغان ھارۋا تاللاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى