ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(1)

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(1)

ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 671 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(1) 
   
بوۋاق بەش ئايلىق بولغاندا ، بوۋاقنىڭ ئېغىرلىق ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلايدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ ئاتا-ئانىلار بۇنى ئېنىق بىلۋېلىشى كېرەك.
           
ئېغىرلىق –بوي ئېگىزلىك يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
 ئوغۇل بوۋاقنىڭ  بەدەن ئېغىرلىقى ㎏8. 2-6. 3  ، بوي ئېگىزلىكى ㎝68. 6-63. 2  ، قىز بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 7. 5㎏-5. 8 ، بوي ئېگىزلىكى ㎝66. 7-61. 5  .                    

باش ئايلانمىسنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى.  
                                   
ئوغۇل بوۋاقنىڭ ئوتتۇرىچە باش ئايلانمىسى تەخمىنەن 43. 0 سانتىمېتىر، نورمال دائىرىسى ㎝49. 5-45. 4 گىچە بولىدۇ، قىز بوۋاقنىڭ باش ئايلانمىسى تەخمىنەن ㎝   42. 0 ئەتراپىدا ، نورمال دائىرىسى 44. 5-39. 7  سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. مۇشۇ ئايدىن  (بەشىنجى ئايدىن) باشلاپ باش ئايلانمىسنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ ئاستىلاشقا باشلايدۇ. تەخمىنەن ھەر ئايدا بىر سانتىمېتىر ئاشىدۇ.             
                         
مېڭە لىپىلدىقىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
بۇ ئايدا بوۋاقنىڭ لىپىلدىقى بىر ئاز كىچىكلەيدۇ، باشقا ئۆزگىرىشلەر بولمايدۇ.       
     
بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ تەن ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى.      
مۇزىكىغا ئەگىشىپ بەدىنىنى تەۋرىتىشى:بۇ ئايدىكى بوۋاقلار ئاكتىپلىق بىلەن مۇزىكا تىڭشايدۇ، ھەمدە مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ بەدىنىنى تەۋرىتىدۇ، گەرچە تېخى مۇزىكا رېتىمى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك بولمىسىمۇ، لېكىن ئاللقاچان رېتىم تۇيغۇسى بولغان بولىدۇ.     
                                                       
نېمىنى كۆرسە تۇتقۇسى كېلىش: بوۋاق تۆت ئايلىقتىن ئاشقاندىن كىيىن كۆرۈش سېزىمى ۋە تېگىش سېزىمى بىرلىشىش ئىقتىدارى تەرەققى قىلىدۇ.  قانداق نەرسە كۆرسە ھەممىسىنى ئاكتىپلىق ۋە ئاڭلىقلىق بىلەن تۇتۇپ باقىدۇ. تېگش سېزمى ئارقىلىق سىرتقى دۇنيانى ھېس قىلىدۇ. ئانا بۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويماستىن بوۋاق كۆرگەن نەرسىلەرنى بوۋاقنىڭ تۇتىشىغا بولدىغانلىرىنى ئامال بار بوۋاققا تۇتقۇزۇپ، تېگىش سېزىمى بىلەن كۆرۈش سېزىمىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە بىرلېكىنى قوغدىشى لازىم.                                                                                  

كۆز ۋە قولنىڭ ماسلىشىشىنىڭ بىرلىككە كېلشى: بۇ ئايدا بوۋاقنىڭ قول-كۆز ھەرىكەتلىرى بىرقەدەر ماسلاشقان بولىدۇ، ئويۇنچۇق ئوينىيالايدۇ، ھەمدە كىچىك قوڭغۇراقنى چالالايدىغان بولىدۇ، بوۋاق ئويونچۇقنى ئاغزىغا سېلىپ غاجايدۇ، ئانا بولغۇچى توسماسلىقى كىرەك.                                                       
قول ئىقتىدارىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى: بوۋاقنىڭ قولنى ئېشلىتىش ئىقتىدارى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن  ھالدا كۈچىيىدۇ. بوۋاققا سۈت شېشسىنى ئۆزى ئېلىپ  سۇ ياكى سۈت ئىچىشنى  مەشىقلەندۈرۈشكە بولىدۇ.                   
قولىنى ئۇزىتىپ ئانىسىنى كۆتۈرگۈزۈشى: بۇ ئانىنى ناھايىتى خۇشال قىلىدىغان ئىش، دادىسى سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. بوۋاقنى كۆتۈرىدىغان ھەرىكەتنى قىلىپ ، بوۋاقنىڭ كىچىككىنە قوللىرىنى دادىسىغا بېرىپ، كۆتۈرگۈزەمدۇ-يوق سىناپ باقسا بولىدۇ.                                                                                      
بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ تىل ئىقتقدارىنىڭ يىتلىش كۆرسەتكۈچى:  
تۆت ئايلىقتىن ئاشقاندىن كىيىن، بوۋاق ئۈزلۈكسىز تاۋۇش چىقىرىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. ئانا بۇنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلالايدۇ، بوۋاقنىڭ تاۋۇش چىقىرىشى  كۆپىيىدۇ، بولۇپمۇ خۇشال بولغاندا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. با-با، داد-دا، مو-مۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ. لېكىن تېخى ئېنىق قاراتمىلىقى يوق، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشكە تەۋە بولۇپ توختىماي سۆزلەيدۇ. ئەگەر بوۋاق تۇيۇقسىز (ئانا) دىگەن تاۋۇشنى چىقارسا دەرھال بوۋاقنى سۆيۈپ قويۇش لازىم ھەمدە ‹قوزام ئانا دەپ چاقىرالايدىغان بوپتۇ، ئانىسى بەك خۇشال بولدى› دەپ ئىلھاملاندۇرۇش لازىم. گەرچە بوۋاق ئۆزى چىقارغان ئاۋازنى تېخى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئانىنى چاقىرىۋاتقان بولىدۇ، بىراق ئانىنىڭ توختىماي كۈچەيتىپ، بوۋىقىغا توختىماي «ئاناڭ ساڭا سۈت بەرمەكچى»، «ئاناڭ سېنى يۇيۇندۇرماقچى» قاتارلىقلارنى دېيىشى بىلەن بوۋاق «ئانا» دېگەن بۇ سۆز بىلەن ئانىنى   بىرىكتۈرۈپ ، ئاڭلىق ھالدا ئانا دەپ چاقىرىدۇ. بۇنىڭغا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، لېكىن بوۋاق سۆزلەشنى مۇشۇنداق ئۆگىنىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى