ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(5)

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(5)

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 586 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(5)

 

بەش ئايلىق بوۋاق نېمە يەيدۇ؟-بوۋاقلار ئوزۇقلاندۇرۇش خۇلاسىسى

 

بوۋاق بەش ئايلىق بولغاندا قوشۇمچە تاماق يېيىشكە باشلايدۇ، لېكىن بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار يەنىلا ئانا سۈتىدىن ياكى سۈت پاراشوكىدىن كېلىدۇ، يەنى بوۋاققا تۇخۇم سېرىقى ، ئوروق گۆش قاتارلىق كالتسىي مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش لازىم.                                    

 قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلار:     

نېمىلەرنى بېرىش كېرەك؟ بوۋاقلارغا گۈرۈچ ئۇنى، گۈرۈچ ئومىچى، مېۋە شەربىتى، تۇخۇم سېرىقى، كۆكتات بوتقىسى، گۆش قىيمىسى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، مېۋە بوتقىسى قاتارلىقلارنى بەرسە بولىدۇ.                                                

 

قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش پىرىنسىپى: 

 

ئاز مىقداردىن كۆپكە،  سۇيۇقتىن قويۇققا بارا-بارا ئۆزگەرتىش لازىم.    بوۋاقنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئانىلار بوۋاقلارنىڭ يېمىكىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. بوۋاقنىڭ تۆتتىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقتى يېمەكلىكىگە گۈرۈچ ئومىچى قوتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى.                                                                      

تۇخۇم سېرىقى يېگۈزۈش:                                                          

 

تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە ۋىتامىن B2 بولۇپ ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، جاۋغاي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەركىبىدە ئانا سۈتى ۋە كالا سۈتىدە كەمچىل بولغان تۆمۈر بار. تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە مول فوسفاتىد بولۇپ بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرىدۇ، ئانا بولغۇچى بالىسىغا مەززىلىك تۇخۇم سېرىقىنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

                                           

بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ تاماق تىزىملىكى خۇلاسىسى:                                 

 

بوۋاق بەش ئايلىقتىن ئاشقاندىن كېيىن، سۈتتىن باشقا يېمەكلىككە قىزىقىشقا باشلايدۇ، بەش ئاي بۇرۇن پۈتۈنلەي ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقمۇ بۇ مەزگىلگە كەلگەندە ئانا سۈتىدىن باشقا يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. مەسلەن: بوۋاقلار چوڭلارنىڭ تاماق يېگىنىنى كۆرسە قولىنى ئۇزۇتۇپ تۇتىدۇ ياكى لېۋىنى مىدىرلىتىدۇ، شۆلگىيى ئاقىدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىكنى بېرىشنى ئويلىشىپ ئەمچەكتىن ئايرىش تەييارلىقىنى قىلىشقا بولىدۇ.  

 

1. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاق ئەگەر ھەر كۈنلۈك ئېغىرلىق ئېشىش مىقدارى تەخمىنەن 15 گرام ئەتراپىدا بولسا ياكى10كۈن ئىچىدە 120گرام ئەتراپىدا ئېغىرلىقى ئاشسا بوۋاققا 200مىللىلېتىر كالا سۈتى قوشۇپ بېرىش كېرەك.                    

2. كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقنىڭ سۈت ئېمىش مىقدارىنى مۇۋاپىق مىقداردا كونترول قىلىش كېرەك، ئەگەر ئۇنى خالىغانچە ئىچكىلى قويغاندا، ئۇ بەك سەمىرىپ كېتىدۇ، سېمىز بالىلار دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاساس سالغان بولىدۇ، ئەگەر 10كۈن ئىچىدە ئېغىرلىق ئېشىش مىقدارى  200-150 گرام ئارىلىقىدا بولسا بىرقەدەر مۇۋاپىق ، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، چوقۇم كونترول قىلىش كېرەك، ئادەتتە ھەر كۈنلۈك سۈت مىقدارى 1000مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، يېتىشمىگەن قىسمىنى سۈتلۈك مەھسۇلاتلار بىلەن تولۇقلاشقا بولىدۇ.        

3. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش: 6-5  ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە يىرىك دانچىلىق تاماقلارنى بەرگەن ياخشى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بوۋاققا چىش چىقىش ئالدىدا تۇرغان، بىر ئىككى تال سۈت چىشى چىقىپ بولغان بولىدۇ. يېمەكلىكنى چاينىتىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ چايناش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەزگىلدە بوۋاق سۈتتىن ئايرىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ، بوۋاققا ھەر كۈنى بىر ئازدىن  بېلىق لېيى،   گۆش لېيى، تۇخۇم  قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە ، بۇ ئارقىلىق تۆمۈر ۋە ھايۋانات ئاقسىلىنى تولۇقلاشقا بولىدۇ، بوۋاققا يەنە ئېزىلگەن چۆپ، ئېزىلگەن ئۇماق  قاتارلىقلارنى بېرىش ئارقىلىق ئىسسىقلىق تولۇقلاشقا بولىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بوۋاق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرگە بەكلا قىزىقسا ئەھۋالغا ئاساسەن بىر قېتىملىق سۈتنى ئازايتسا بولىدۇ. 

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى