ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار سۈت جەۋھىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش بىلىملىرىدىن خۇلاسە

بوۋاقلار سۈت جەۋھىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش بىلىملىرىدىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-07-03 ئاۋاتلىقى: 526 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار سۈت جەۋھىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش بىلىملىرىدىن خۇلاسە

بوۋاقلار سۈت جەۋھىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
«بىرىنچىدىن قاراش» يەنى بوۋاقلار سۈت جەۋھىرىنىڭ قېپىغا قاراش. مەھسۇلات قېپىغا بېسىلغان رەسىم ۋە خەتلەر ئېنىق بولۇشى، مەھسۇلات ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقارغان كارخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تولۇق ئىزاھلىنىشى كېرەك؛ ئاندىن مەھسۇلاتنىڭ چۇشەندۈرۈلۈشىگە قاراش، مەيلى قۇتىلىق ياكى خالتىلىق بولۇشتىن قەتئينەزەر، ئۇنىڭ ئورالمىسىدا يوشۇرۇن سۈپەت مەسىلىسى بولسا سېتىۋالماسلىق كېرەك.

«ئىككىنچى تەكشۈرۈش» يەنى بوۋاقلار سۈت جەۋھىرىنىڭ ياسالغان ۋاقتى ۋە ساقلىنىش مۇددىتىنى تەكشۈرۈش. ئادەتتە قۇتىلىق سۈت جەۋھەرنىڭ ئىشلەنگەن ۋاقتى بىلەن ساقلىنىش مۇددىتى قۇتا ياكى قۇتىنىڭ ئاستىغا يېزىپ قويۇلغان بولىدۇ، خالتىلىق سۈت جەۋھەرنىڭكى بولسا  خالتىنىڭ يان يۈزىگە ياكى ئېغىزىغا يېزىلغان بولىدۇ، ئىستېمالچىلار مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مەزكۇر مەھسۇلاتنڭ بىخەتەر ئىشلىتىش مۇددىتىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ.

«ئۈچىنچى بېسىش» يەنى بوۋاقلار سۈت جەۋھىرىنىڭ قېپىنى بېسىپ بېقىپ گاز قاچتىمۇ-يوق دېگەنگە قاراش. قېپىنىڭ ماتېرىيالى ئوخشىمىغانلىقتىن، قۇتىلىق سۈت جەۋھەر ھىم ئېتىلگەن بولۇپ ھەر خىل باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىنى توسالايدۇ، بىراق خالتىلىق سۈت جەۋھەرنىڭ گاز توسۇشچانلىقى ناچارراق. خالتىلىق سۈت جەۋھەرنى سېتىۋالغاندا قول بىلەن بېسىپ باقساق ئەگەر گاز قاچسا، تالقان توزۇپ چىقسا ياكى ئىچىدە گاز بولمىسا، بۇ سۈت جەۋھىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى، سېتىۋالماسلىق كېرەكلىكنى چۈشەندۈرىدۇ.

«تۆتىنچى، سىلىكىپ بېقىش» يەنى تەۋرىتىش ئارقىلىق بوۋاقلار سۈت جەۋھىرىدە مونەكچە بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش. ئادەتتە قۇتىلىق سۈت پاراشوكىغا چاپلانغان پلاستىردىن قۇتىنىڭ ئىچىدىكى پاراشوكنى كۆزەتكەندە ياكى قۇتىنى تەۋرەتكەندە پاراشوكتا مونەكچە بولسا، مەھسۇلات سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقنى ئىسپاتلايدۇ. خالتىلىق سۈت پاراشوكىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولسا قول بىلەن تۇتۇش، ئەگەر بوش، سىلىق، ئاقۇچان سېزىم بولسا لاياقەتلىك مەھسۇلات بولغان بولىدۇ، ئەگەر  تەكشى بولمىغان سېزىم ۋە ئوخشىمىغان مونەكچىلەر بولسا، بۇ مەھسۇلات سۈپىتى ئۆزگەرگەن بولىدۇ.
سۈت پاراشوكىنىڭ ماركىسىغا يەنى ماركا پەرقىگە بەك ئېسلىۋالماسلىق كېرەك. ئاساسەن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر سەۋىيەدە بولۇپ، گەرچە باھاسىدا پەرق بولسىمۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبىدە ھېچقانچە پەرق يوق. ئوخشاشلا، ئىمپورت قىلىنغان ياكى شېرىكلەشكەن كارخانىلارنىڭ سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتىدە چوڭ پەرق يوق.

زىققا كېسىلى بار، ئىچى سۈرىدىغان، تېرىسىدە مەسىلە بار بالىلار زىيادە سېزىمچانلىقى يوق سۈت پاراشوكىنى تاللىسا بولىدۇ. تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بالىلار تۆمۈر ماددىسى مول بولغان سۈت پاراشوكىنى تاللىسا بولىدۇ. بىراق بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلارغا ئاسان ھەزىم بولىدىغان سۈت پاراشوكىنى تاللاش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ ئىچى سۈرسە دەرھال تەركىبىدە لاكتوزا يوق بولغان رېتسىپلىق سۈت پاراشوكىنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ئەڭ ياخشىسى بۇلارنى بالىلار بۆلۈم دوختۇرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن تاللاش كېرەك. ئەگەر بالا مەلۇم خىل سۈت پاراشوكىغا كۆنۈپ قالسا،خالىغانچە ئالماشتۇرماسلىق كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى