ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار بەدەن سوپۇنى سېتىۋېلىش بىلىملىرىدىن خۇلاسە

بوۋاقلار بەدەن سوپۇنى سېتىۋېلىش بىلىملىرىدىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2015-04-30 ئاۋاتلىقى: 725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار بەدەن سوپۇنى سېتىۋېلىش بىلىملىرىدىن خۇلاسە

بوۋاقلار بەدەن سوپۇنى سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

زاۋۇتنىڭ نام-ئابرويى: مۇنداقچە ئېيتقاندا كونا ماركىلىق، ياخشى بولغان بوۋاقلار بەدەن سوپۇنىنى تاللاش. سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى تەجرىبىلىك پېشقەدەملەر ۋە دوست-بۇرادەرلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ بىرقەدەر ئىشەنچلىك ماركىنى تاللاش.

ئورىلىشى مۇكەممەل: بوۋاقلار يۇيۇنۇش سوپۇنىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، مەھسۇلاتنىڭ ئورىلىشى مۇكەممەلمۇ-ئەمەسمۇ، يىرتىلىپ كەتكەنمۇ-يوق دېگەنگە قاراش كېرەك . ئېنزىمنى ئېلىپ ئېيتساق، سېتىۋالغاندا ئورالغان قاچىنىڭ ھىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، چۈنكى ئېنزىم ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. مەسىلەن ئېنزىم يېشىل بولۇشى كېرەك، ئەگەر قىزىل بولسا ئىشلەتمەسلىك ، سېتىۋالماسلىق كېرەك.

مەخسۇس بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھە: بوۋاقلارنىڭ تېرىسى چوڭلار بىلەن ئوخشىمىغانلىقتىن، ھەرگىز چوڭلارنىڭ بەدەن سوپۇنى بىلەن بوۋاقلارنى يۇيماسلىق كېرەك، بولمىسا بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنى غىدىقلايدۇ. ئوخشاشلا بوۋاقلار بەدەن سوپۇنىنى سېتىۋالغاندا، «مەخسۇس بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن» دېگەن خەتكە دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ تۈرلۈك مەھسۇلاتلار مەخسۇس بوۋاقلار تېرىسىگە سىناق قىلىنغان، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە.

ئىزاھلار ئېنىق بولۇش: بوۋاقلار بەدەن سوپۇنىنىڭ مەزمۇنى ۋە تەركىبى تەپسىلىي ئىپادىلىنىشى كېرەك، بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنىڭ يۇمران بولۇشى ئۈچۈن، تەركىبى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى ئېنىق بولمىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالمىغان ياخشى . بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ فونكىسىيىسى ئېنىق تەكىتلەنگەن بولىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى