ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زۇكام بولۇپ قالغان بالىلارنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟

زۇكام بولۇپ قالغان بالىلارنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-03-04 ئاۋاتلىقى: 546 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

زۇكام بولۇپ قالغان بالىلارنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟

بالىلار زۇكىمى ئائىلە پەرۋىشىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى بولسا، بالىلارنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، زۇكام بولغان بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، ياخشى ئارام ئېلىشقا شۇنچە ئېھتـىياجلىق بولىدۇ، زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى يوقىغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ھەرىكەت ھالىتىگە قايتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دورىلىرىنى ۋاقتىدا بېرىش كېرەك. زۇكامنىڭ كۆپىنچىسى ۋىروسـتىن كېلىپ چىققان، باكتېرىيەگە قارشى دورىلار ئۈنۈم بەرمەيدۇ، بولۇپمۇ دەسلەپكى دەۋرلىك ۋىروستىن يۇقۇملانغاندا، ئانتىبىئوتىك دورىلار ئۈنۈم بېرىدۇ، لېكىن ئۇلارنى قالايمــىقان ئىشلەتكەندە ئەكسىچە ئورگانىزىمنىڭ باكتېرىيە توپى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، كېسەـللىك باكتېرىيەسىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ،كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېـغـىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. «بەيفۇنىڭ» نى ئىستېمال قىلغاندىن كىيىن زۇكامدىن كېلىپ چىقــقان قىزىتما ،بۇرنى پۈتۈش، يۆتەل قاتارلىق بىئاراملىقلارنى پەسەيتىدۇ، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە سالامەتلىكى بالدۇر ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بـالىلار زۇكام مەزگىلىدە، بالىنىڭ ئىشتىھاسى ھەم ھەزىم ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا سۇيۇق ياكى چۆپ ھالەتتىكى  ئۇماچ قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. ئېمىۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن ۋاقتىنچە قېتىم سانىنى ئازايتىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ياتاق ئۆيى جىمجت، پاكىز، ھاۋالىق،بۇسسىز، تېمپۇراتۇرىسى تۇراقلىق بولۇشى، بەك يۇقىرى ياكى تۆۋەن  نەم بولماسلىقى، كاناي ياللۇغى ئالامىتى كۆرۈلگەندە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ سالامەتلىكى بالدۇر ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەگەر قىززىتمىسى يانمىسا، ياكى ئەگەشمە ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش ھەمدە تاسادىپىيلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى