ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ پايدىلىنىشىغا بولىدىغان يېمەك –ئىچمەك تىزىملىكى

بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ پايدىلىنىشىغا بولىدىغان يېمەك –ئىچمەك تىزىملىكى

ۋاقتى: 2016-09-23 ئاۋاتلىقى: 873 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ پايدىلىنىشىغا بولىدىغان يېمەك –ئىچمەك تىزىملىكى
         
سەھەر سائەت 6: ئانا سۈتى (ياكى كالا سۈتى) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9: ھوردا پىشۇرۇلغان تۇخۇم                                                 چۈش سائەت 12: ئانا سۈتى(ياكى كالا سۈتى) چۈشتىن كېيىن سائەت3: مېۋە بوتقىسى، مېۋە شەربىتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 5: ئۇماچ(ئېزىلگەن كۆكتات، بېلىق بوتقىسى ياكى جىگەر مېيى قىيما گۆش قوشۇلىدۇ) كەچ سائەت 8: ئانا سۈتى(ياكى كالا سۈتى)  كەچ سائەت 11: ئانا سۈتى(ياكى كالا سۈتى)   
                                   
بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ تاماق تىزىملىكىگە تەۋسىيە :  
                                                           
چاقماق كاۋا ئۇمىچى، كاۋا شوۋىگۈرۈچ                                  
ئوزۇقلۇق تەھلىلى: چاقماق كاۋا تەركىبىدە ئاقسىل، كراخمال، كاروتىن، ۋىتامىن B ۋىتامىن C ھەمدە كالتسىي، فوسفور قاتالىقلار بار، يەنە بوۋاقلارنىڭ قەۋزىيەت بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 5 ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلارنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ.  
ئېتىش ئۇسۇلى:1. كاۋىنىڭ پوستىنى سويۇپ ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ ، توغرايمىز.2. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، كاۋا بىلەن قوشۇپ تاكى پىشقىچە قاينىتىمىز.
 
سەۋزە بوتقىسى
ئوزۇقلۇق تەھلىلى:سەۋزە تەركىبىدە مول بولغان كاروتىن بار ، ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىپ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى   ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە نورمال كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، سەۋزە تەركىبىدە تالالىق يېمەكلىكلەر بار بولۇپ ئۈچەي ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشقا سەۋزە تەركىبىدە بىرقەدەر كۆپ بولغان ۋىتامىن B2  قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددا بار بولۇپ بوۋاقلارنىڭ يېيىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.  
ئېتىش ئۇسۇلى: سەۋزىنى ئاقلاپ، ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق قىسىمىنى ئېلۋىتىمىز، كىچىك پارچە قىلىپ توغراپ، قازانغا سېلىپ تەخمىنەن 10 مىنۇت قاينىتىمىز، ئاندىن چۆمۈچ بىلەن ئېزىپ، يەنە بىرنەچچە مىنۇت دۈملىسەكلا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى