ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

5 ئايلىق بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىم خۇلاسىسى

5 ئايلىق بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىم خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2015-07-12 ئاۋاتلىقى: 610 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 5 ئايلىق بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىم خۇلاسىسى
                    
بوۋاق 5 ئايلىق بولغاندا ئوزۇقلۇقنىڭ ئىلمىي تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش، كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىيىمىنىڭ نىپىز قېلىنلىقى مۇۋاپىق بولۇشى، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسەن كىيىم كېيدۈرمەسلىكى ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇھىت پاكىز، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان بولۇشى لازىم. 

تۆمۈر كەملىكىدىن كېلىپ چىققان كەم قانلىق:

كېسەللىك ئالامىتى: دائىم ئىچى تىتىلداپ جىم تۇرالماسلىق، ياكى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەسلىك، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قىلىش، تىرە شىللىق پەردىسى ئاقىرىپ كېتىش، كالپۇكى،  ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى، تىرناق ئاستى، ۋە قولنىڭ ئالقىنىدا ئەڭ روشەن بولىدۇ. 

داۋالاش:يېتەرلىك مىقداردا تۆمۈر تولۇقلاپ ئورگانىزىمنىڭ قىزىل قان ئاقسىلىنى بىرىكتۈرۈشىگە شارائىت ھازىرلايمىز. ئادەم بەدىنىدىكى تۆمۈر مىقدارى نورمال سەۋىيەگە يەتكەنگە قەدەر تولۇقلايمىز. 

ئالدىنى ئېلىش: بوۋاقنىڭ ئېمىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ۋاقتىدا مۇۋاپىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش. مۇۋاپىق مىقداردا قارا گۆش، جىگەر، تۇخۇم سېرىقى، قاتارلىق تۆمۈر مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش، ئەگەر يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى يىتەرلىك بولمىسا، چوقۇم  تۆمۈر تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. 

كۆك يۆتەل

كېسەللىك ئالامىتى: كېسەلنىڭ دەسلەپكى 2-1جى ھەپتىسىدە، يۆتەل سوزۇلۇشچان خاراكتېرلىك، سىپازما خاراكتېرلىك، بەك قاتتىق يۆتىلىپ كەتكەندە، بىر قېتىم قوزغالغاندىن كېيىن، خىرقىرىغاندەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. كېيىنكى قېتىم قوزغالغاندا توختىماي ھەم جىددىي كالتە يۆتىلىدۇ، نەپەس ئالالمايدۇ، ھەتتاكى قۇسۇپ، ئېغىز بۇرنىدىن قان چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش: جۇڭيى تىبابىتى بويىچە داۋالاش ئۆت سۇيۇقلۇقى تۈرىدىكى ياسالمىلارنىڭ كۆك يۆتەل تاياقچە باكتېرىيەسىگە نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك تىزگىنلەش رولى بار. 

ئالدىنى ئېلىش: ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەش بولسا كۆك يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. كۆك يۆتەل بولغان بوۋاقلار بىلەن ئۇچراشقان بوۋاقلارغا ئېرىترومىتسىن، مۇرەككەپ رېتسىپلىق سولفاميۇزىكسازىمونى 10-7 كۈنگىچە ئىچكۈزۈش، كېسەللەر بىلەن ئايرىۋېتىش لازىم. 

زۇكام:

كېسەللىك ئالامىتى: نەپەسلىنىش راۋان بولماسلىق، ئېمىتىش قىيىن بولۇش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش، يۆتىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىككى-ئۈچ كۈن ئەتراپىدا بۇرنىدىن سېرىق پوتلا ئېقىش، قاتارلىق ئالامەتلەر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە زۇكام بىلەن بىرگە ئچى سۈرۈپ كېتىشمۇ مۇمكىن. 

داۋالاش: ئۇيقۇسىغا، يېمەكلىك تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىش. 

ئالدىنى ئېلىش: شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، كېسەللىك باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دائىم بوۋاقنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئاپتاپ سۇندۇرۇش بوۋاقنىڭ ئۆز بەدەن ئىممۇنىتىنى ئاشۇرۇشقا، كەيپىياتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى