ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى قانداق يېتىلىدۇ ؟!-بوۋاقلار دەسلەپكى تەربىيە ئويۇن خاتىرىسى

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى قانداق يېتىلىدۇ ؟!-بوۋاقلار دەسلەپكى تەربىيە ئويۇن خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 727 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى قانداق يېتىلىدۇ ؟!-بوۋاقلار دەسلەپكى تەربىيە ئويۇن خاتىرىسى 

5 ئايلىق ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى: بەش ئايلىق بوۋاق مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناشنى، نەرسىلەرنى تۇتۇشنى، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى چېكىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دۈم يېتىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپنى كۆزىتىدۇ، ئۆرۈلەلەيدۇ، يۆلەپ قويسا ئولتۇرالايدۇ، ئېغىزىغا سالغان نەرسىنى چىشلەيدۇ، ئەينەكتىكى كۈلگەن سىماغا قارايدۇ. قوڭغۇراقنى ئىزدەيدۇ،   تېلېۋىزور كۆرەلەيدۇ.
 
5  ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە  ماس كېلىدىغان دەسلەپكى تەربىيە ئويۇن  تۈرلىرى ۋە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى:
بوۋاقلار ئويۇنى 1. جىسىملارنى تۇتۇش، بوۋاقنى كۆتۈرۈپ چىراغ ئالدىغا كېلىپ چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئاندىن قايتا يېقىش، بۇ بىر يورۇق بىر قاراڭغۇ جەرياندا ئانا ‹چىراغ›دەپ كۆپ قېتىم دېگەندىن كېيىن، بوۋاقنى قول بىلەن لامپا قالپىقىنى تۇتقۇزۇپ ، يېقىن بېرىپ چىراغنى ئۆچۈرۈپ ياققۇزغاندىن كېيىن بوۋاقنى قويۇپ بوۋاقتىن چىراغ قېنى دەپ سورىسا، بوۋاق كۆزى بىلەن لامپا بار تەرەپكە تىكىلىپ   قارىسا، بوۋاقنىڭ چىراغنى تونۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر بوۋاق باشقا نەرسىلەرگە قىزىقسا، يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن باشقا نەرسىلەرنى تونۇتسا بولىدۇ. 

بوۋاقلار ئويۇنى2. بىر قولى بىلەن جىسىملارنى تۇتۇش

بوۋاق تىك تاك توپ چوڭ-كىچىكلىكىدىكى نەرسىلەرنى قولىدا مەھكەم تۇتالايدۇ. بوۋاق بەش بارمىقى ۋە ئالقىنىدا كىچىك ئويۇنچۇقنى تۇتىدۇ، ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى ھەم تېز ھەم چىڭ تۇتىدۇ. بۇ ئارقىلىق كۆز-قول ھەركىتىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە تېز سۈرئەتتە نەرسە تۇتۇش ئىقتىدارىنى مەشقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. 

بوۋاقلار ئويۇنى3. قول-پۇت مەشقى. بوۋاقلار ئوڭدىسىغا ياتقاندا، ئىككى پۇتىنى كۆتۈرەلەيدۇ ھەمدە قولى بىلەن تۇتالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر چوڭ توپنى ياكى پۈۋلەپ كۆپتۈرۈلگەن سۇلياۋ خالتىنى   بوۋاقنىڭ پۇتىغا قويۇپ ، بوۋاقنى پۇت-قولى بىلەن ئىتتىرىپ تەپكۈزگەندە، ياكى سۇلياۋ خالتىنى پۈۋلەپ كىچىك يىپ بىلەن چىگىپ، بوۋاقنىڭ بويى يەتكۈدەك يەرگە ئېسىپ قويغاندا، بوۋاقنىڭ ئىككى پۇتىنى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى بارا-بارا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. 

بوۋاقلار ئويۇنى4.  °180 ئۆرۈلۈشنى مەشقلەندۈرۈش:

بوۋاق يانتۇ ياتقان ھالىتىدىن ئۆرۈلۈپ ئوڭدىسىغا   ئۆرۈلەلەيدىغان بولغاندىن كېيىن، بوۋاقنىڭ ئوڭ-سولغا ئۆرۈلۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئويۇنچۇققا قىزىقتۇرۇشنى قوشۇپ، 180 ئۆرۈلۈشنى ئۆگىتىش كېرەك. دائىم ئۆرۈلۈشنى مەشق قىلغاندا، بوۋاقنىڭ كۆرۈش سېزىمى، تېگىش سېزىمى قاتارلىق ئەقلىي سېزىملىرى بىلەن ھەرىكەت بىرلەشتۈرۈلۈپ داۋاملىق يۇمۇلىشى ئۈچۈن ھەتتاكى °360  ئۆرۈلۈشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلايدۇ. 

بوۋاقلار ئويۇنى5. يوشۇرۇنۇش، ئانىسىنى ئىزدەش       

ئانا لۆڭگە بىلەن بوۋاقنىڭ يۈزىنى تۇتۇپ ئۇنى يوشۇرۇپ قويىدۇ، ئانا يۈزىنى بىردەم توسۇپ  بىردەم كۆرسىتىپ ئوينىغاندا، بوۋاق ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىدۇ، ئاندىن  لۆڭگىنى بوۋاقنىڭ يۈزىگە قويۇپ بوۋاقنىڭ ئۆزىنى قولى بىلەن ئالغۇزغاندا ياكى بىر قېتىم كېيىم ۋە باش كېيىمى قاتارلىق نەرسىلەرنى بوۋاق ئالالىغۇدەك يەرگە قويوپ  قويغاندا، بوۋاق كېيىم ياكى باش كېيىمىنى ئېلىپ يۈزىنى توسۇپ ئاندىن ئېلىۋىتىپ، ئانا بىلەن يوشۇرۇنۇش ئوينايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى