ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار بۇرۇن قاناش رىسالىسىدىن ئومۇمىي بايان

بالىلار بۇرۇن قاناش رىسالىسىدىن ئومۇمىي بايان

ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 870 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلار بۇرۇن قاناش رىسالىسىدىن ئومۇمىي بايان

بالىلارنىڭ بۇرنى قاناش دېگەن نېمە؟

بالىلار بۇرۇن قانىشى ھەمدە بۇرۇننىڭ ئىچى قانىشىنىڭ كىلىنكىلىق ئىپادىسى بولسا قان بۇرۇن تۆشۈكىدىن چىقىش، بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپتىن كۆرگىلى بولىدۇ، بالىلارنىڭ بۇرۇن قانىشى بولسا دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ، يازدا ھاۋا ئىسسىق، كۈزدە ھاۋا قۇرغاق بولغان پەسىللەردە بالىلارنىڭ بۇرۇن قانىشى كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا بالىلارنىڭ بۇرۇن قانىشى ئىككى ياشتىن كېيىن  كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئىككى ياشتىن بۇرۇنقى بالىلارنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ يېتىلىشى تولۇق ئەمەس، كىچك بالىلار بۇرۇن قانىشىنىڭ ئورنى بولسا كۆپىنچە ئىككى تەرەپ بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلىنىڭ ئالدى تەرىپى قىل قان تومۇرلار تورى رايونىدا بولىدۇ، بۇ يەنە لىشى رايونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بىر قىسىم قىل قان تومۇرلار تورى ئىنتايىن تېيىز بولۇپ بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلىنىڭ شىللىق پەردىىسگە تارقالغان.

بالىلار بۇرۇن قانىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بالىلار بۇرۇن قانىشىنىڭ سەۋەبى بولسا تۆۋەندىكىچە:
1.بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇغى بولسا ياكى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئاسانلا بۇرۇن قاناش يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن: ھەرخىل بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، بۇرۇن سىلى، بۇرۇن سىبلىسى، بۇرۇن سىرتقى زەخمىسى، بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى ئەگرىلىشىش، بۇرۇندىكى يات ماددا ياكى بۇرۇن ئۆسمىسى بولغان ۋاقىتتا بۇرۇن بوشلۇقى ئاسان قاناش يۈز بېرىدۇ.      

2.كىلىمات شارائىتى ناچار، مەسىلەن ھاۋا قۇرغاق، ئىسسىق، تۆۋەن بېسىم، سوغۇق، ئۆي تېمپىراتۇرىسى يۇقىرى قاتارلىق ۋاقىتتا ئاسان بۇرۇن قاناش يۈز بېرىدۇ.                                                              

3.بەزى بالىلار قولى بىلەن بۇرنىنى كولايدىغان يامان ئادىتى بار، ئەگەر بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرغاقلىشىشىقا ئۇچرىغاندا ئاسانلا بۇرۇن قانايدۇ.   

4.تاماق تاللاش، كۆك سەيلەرنى يېمەسلىك قاتارلىق ناچار ئادەتلەر ۋىتامىن كەمچىل بولۇپ بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.                  

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزىبىر پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن قىززىتما، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، ئاق قان كېسىلى، قان پىلازمىسى تۆۋەنلەش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ، قايتا ئىشلىنىش توسالغۇغا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق قاتارلىقلار ئاسان بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى