ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ بۇرنى قانىسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ بۇرنى قانىسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2014-06-11 ئاۋاتلىقى: 649 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

                         بالىلارنىڭ بۇرنى قانىسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

 

بۇرۇن قاناش بولسا جىددىي كېسەلگە تەۋە بولۇپ بىردىنلا يۈز بەرسە ۋاقتىدا قان توختىتىش كېرەك.

 

ئاددىي ئۇسۇلى بولسا دېزىفىكسىيەلەنگەن پىلتىگۈچ بىلەن بۇرۇن تۆشۈكىنى ئېتىش، ياكى باش بارماق ياكى كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىككى بۇرۇن لىپىكىنى چىڭ تۇتىۋېلىش، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن قانىغان تەرەپنىڭ بۇرۇرن لىپىكىنى بەش ئون مىنۇت بېسىپ تۇرۇپ قان توختىتىش، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ئىمكانقەدەر جىمجىت قىلىش، يىغلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەڭ ياخشىسى بالىنى ئولتۇرغۇزۇپ باشنى ئالدىغا ئېڭىشتۈرۈش. بۇرۇندىكى قاننىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەمدە ئىمكانقەدەر بۇرۇن يۇتقۇنچاق بوشلۇقىدىن ئېقىپ كىرگەن ئېغىز بوشلۇقىدىكى قاننى تۈكۈرىۋېتىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا قان چىقىش مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلېكىنى بىلگىلى بولىدۇ، ھەمدە قاننىڭ ئاشقازانغا كىرىپ ئاشقازاننى غىدىقلاپ قورساق ئاغرىش ھەمدە قۇسۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەگەر قان چىقىش مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولسا چىرايى تاتىراڭغۇ بولۇش، تەرلەش، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىش، روھىي ھالىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق شۈكنىڭ بېشارەتچى ئامىلى كۆرۈلگەندە يېرىم ياتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

 

دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا، دوختۇر بۇرۇن قانىغان ئورۇنغا ئاساسەن ھەمدە قاننىڭ مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. بالىلارنىڭ بۇرۇن قانىشى بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلىنىڭ ئالدىنكى ئۈچتىن بىرىنىڭ قىل قان تومۇرلار مول بولغان «لى شى رايونى» دا كۆپ يۈز بېىرىدۇ. ئەگەر بۇ ئورۇندا تەكرار قاناش يۈز بەرسە توڭلىتىش، مىكرو دولقۇن ھەمدە خىمىيەلىك دورىلار ئارقىلىق قىسمەن داۋالاش كېرەك. ئاز مىقداردىكى قاناشقا %1 لىك ماخۇاڭ سۇنى بۇرۇنغا تېمىتىش كېرەك. بۇنىڭدا قان تومۇرنى تارايتىش ئارقىلىق قان توختىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 

قايتا تەكىتلەيدىغىنى بولسا، بۇرۇن قاناشنى داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئويلىشىش كېرەك. ئەگەر ھەرخىل بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئاۋۋال بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش كېرەك. سىرتقى زەخمە ياكى بۇرۇندىكى يات ماددا تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا سىرتقى زەخمىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە يات ماددىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك، ئەگەر پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا مەسىلەن قىززىتما، ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ھەمدە قان كېسىلى ( ئاق قان كېسىلى، قان پېلازمىسى تۆۋەنلەش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ قاتارلىقلار) مۇشۇ كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى