ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كالا سۈتى بىلەن KP قېتىقىدىن قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؟

كالا سۈتى بىلەن KP قېتىقىدىن قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؟

ۋاقتى: 2016-08-12 ئاۋاتلىقى: 808 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كالا سۈتى بىلەن  KP قېتىقىدىن قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؟

قېتىق ياخشىمۇ ياكى كالا سۈتىمۇ؟ نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇنازىرلىشىشى ئارقىلىق، تەلىماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولدى. قېتىقنىڭ ماتېرىيالى بولسا كالا سۈتى، ساپ بولغان كالا سۈتىنى باشى ئۇسۇلى ئارقىلىق دېزىنفىكسىيەلەپ بولغاندىن كېيىن پايدىلىق بولغان سۈت كىسلاتاسىغا قوشۇش ئارقىلىق ئېچىتىش رولى ئارقىلىق ئېچىتىلغان سۈت مەھسۇلاتىنى ياسايمىز، مانا بۇ قېتىق بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىش قوشۇش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىنىڭ سۈت تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبىنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە ساغلاملىقنى ساقلاش رولىمۇ بار.

بىر ياش ئىچىدە، ساپ كالا سۈتى ياكى قېتىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق بولسا ئانا سۈتىدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا سەپلەنگەن سۈتلەردۇر. بىر ياشتىن كېيىن، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، قېتىق بىرقەدەر ياخشى، قېتىق كالا سۈتىنىڭ ئەسلىدىكى ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغانلا بولماستىن بەلكى، قېتقنى ياساش جەريانىدا، كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە سۈت قەنتى پارچىلىنىپ، ئادەم بەدىنىدە ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ. قېتىق ھەزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۈچەي يولىدىكى ئېچىتقۇچى باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا، سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسى ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، نۇرغۇن باكتېرىيەلەرنى تىزگىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىدىكى پايدىلىق بولغان باكتېرىيەلەرنىمۇ بۇزىدۇ، ئەگەر قېتىقنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، بالىلار ئۆز بەدەن سىستېمىىسىنىڭ مۇكەممەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ. نورمال ھەزىم ئىقتىدارىغىمۇ توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئۈچەي ئاشقازان ياللۇغى بار بالىلارغا ھەمدە بالدۇر تۇغۇلغان بەدىنى ئاجىز بالىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ پايدىسىز. كۆپ مىقداردىكى قېتىقمۇ ئۈچەي ئاشقازاننى زەخمىلەپ قويىدۇ، شۇڭا ئائىىلە باشلىقلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى