ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كالا سۈتىKP پىشلاق قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؟

كالا سۈتىKP پىشلاق قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؟

ۋاقتى: 2015-05-28 ئاۋاتلىقى: 1136 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كالا سۈتىKP پىشلاق قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؟

دۇنيادىكى ئوخشىمايدىغان پىشلاقلارنىڭ تۈرى نەچچە يۈز خىل بولۇپ، ئەنئەنە جەھەتتىن، تولۇق قايماقلىق كالا سۈتى ئېچىپ كىسلاتاغا ئۆزگىرىدۇ، ئاندىن سۈتنى قاتۇرغۇچى ئېنزىم قوشۇپ قاتۇرىمىز، قاتمىغانلىرىنى چىقىرىۋىتىپ، ئېرىشكەن قاتتىق ماددىنى بېسىپ شەكىلگە كىرگۈزىمىز، شۇنىڭ بىلەن پىشلاققا ئېرىشىمىز. ئوخشىمىغان كالا سۈتى، ئوخشىمايدىغان كونكرېت مەشغۇلات شارائىتىدا ئېرىشكەن پىشلاقنى بىرلەشتۈرگەندە، تەم، پۇراق ئوخشاش بولمايدۇ، ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىشتا، ئېچىتماي تۇرۇپلا، ئورگانىك كىسلاتاغا سۈتنى قاتۇرغۇچى ئېنزىم قوشۇش ئارقىلىق پىشلاق ياسايدۇ.

كالا سۈتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پىشلاقتا ماي، پىشلاق ئاقسىلى، مايدا ئېرىشچان ۋىتامىن، ھەمدە پىشلاق ئاقسىلى بىلەن بىرىككەن كالتسىي قېلىپ قالىدۇ. پىشلاق  تەركىبىدە كالا سۈتىدە بار بولغان تەركىبلەرنىڭ كۆپىنچىسى بار. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى دەپ قارىلىدۇ، ئوخشاش ئېغىرلىق مىقدارى ئارقىلىق سېلىشتۇرۇلىدۇ. يۈز گرام تولۇق مايلىق كالا سۈتى تەركىبىدە سۇ تەخمىنەن توقسان گرام كېلىدۇ. پىشلاق تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. 

ئەگەر پەقەت كالا سۈتى بىلەن پىشلاقنىڭ قاتتىق ماددىلىق تەركىبىنىلا ئويلاشقاندا، پىشلاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولامدۇ يوق؟ ئەگەر پىشلاق ئېچىتىشتىن كەلگەن بولسا، بىر قىسىم ئاقسىل سۇدا ئېرىيدۇ، نەتىجىدە پۇرىقىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئاساسەن ئوزۇقلۇق جەھەتتىمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. كالا سۈتى تەركىبىدىكى سۈت قەنتىمۇ سۇدا ئېرىپ كېتىدۇ. ئەگەر نىسبەتەن مىقدارىنى ھېسابلىغاندا، پىشلاق تەركىبىدىكى سۈت قەنتىنىڭ مىقدارى تۆۋەنرەك بولىدۇ، بۇ سۈت قەنتىگە چىدامچان ئەمەس كىشىلەرگە نىسبەتەن بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ماينىڭ ھەممىسى پىشلاققا كىرىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ نىسبەتەن مىقدارى يۇقىرىلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق مايلىق پىشلاق يۇقىرى  مايلىق يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك بولىدۇ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا نىسبەتەن تولۇق مايلىق كالا سۈتىگە  قارىغاندا خەتىرى بار.

ئەلۋەتتە، پىشلاق بولسا ئەسلىدىن ياخشى بولغان يېمەكلىك، مول بولغان ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كالتىسىي بار. سۈت يېمەكلىكلەر سانائىتىگە نىسبەتەن ئىيتقاندا، پىشلاقنى ساقلاش ۋە توشۇش بىرقەدەر قولايلىق، ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى، پىشلاقنىڭ ھەرخىل ئوخشىمايدىغان پۇرىقى بار بولۇپ، ھەرخىل تەم ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بىراق، ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن ئويلاشقاندا، پىشلاقنىڭ كالا سۈتىدىن ياخشى تەرىپى يوق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى