ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى كالا سۈتى خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى كالا سۈتى خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-05-04 ئاۋاتلىقى: 828 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى كالا سۈتى خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

كالا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق مول، بالىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى يېمەكلىك، بىراق كۆپ مىقداردا سۈتلا ئىچكەندە، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىن سەۋەبى بار: 

1.بالا يېڭى تۇغۇلغاندا ئانا تېنىدىن بەلگىلىك مىقداردا تۆمۈرنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىدە قان ھۈجەيرىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم ئېلېمېنت. بىراق، 4 ئايلىقتىن 6 ئايلىققىچە بولغاندىن كېيىن، بالا ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن تۆمۈرنى ئاساسەن ئىشلىتىپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇقتىن تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. تۆمۈر بولسا بىر قىسىم سەي –كۆكتات، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى قاتارلىقلاردا بىرقەدەر مول بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلماي يەنىلا سۈتنى ئىچىۋەرسە بالىلاردا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ،كالا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، سۈمۈرۈلىشىمۇ ناچار. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئىيتقاندا، ھەر 1000 مىللىلېتىر كالا سۈتى تەركىبىدە پەقەت 0.5 ~ 2.0 مىللىگرام تۆمۈر بار، لېكىن بىر ياشتىكى بالىلار ھەر كۈنى يېمەكلىكتىن 6 مىللىگرام تۆمۈرنى سۈمۈرۈشكە ئېھتىياجلىق .كالا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئانا سۈتىنىڭ %33گە تەڭ  ھەمدە كالا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمى پەقەت %10، لېكىن ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمى  %50كە يېتىدۇ.

2.كالا سۈتى رېئاكسىيەسىمۇ ۋاستىلىق قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كالا سۈتى تەركىبىدە بەش خىل ئانتىگىنلىق ئاقسىل تەركىبى بار، بۇ خىل ئاقسىللار يېتىلمىگەن بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىگە كىرگەندە، ئاشقازان ئۈچەيدە ئۇلارنى پارچىلايدىغان ئېنزىم كەم بولغانلىقتىن، بۇ سىرتتىن كەلگەن ئاقسىللار ئانتىگىننىڭ ئورنىدا قان ئايلىنىشقا  كىرىپ ئادەم بەدىنىنى غىدىقلاپ ئانتىتىلا ھاسىل قىلىدۇ. ئادەم بەدىنىگە كىرگەن غەيرى ئاقسىللار قانچە كۆپ بولسا، ھاسىل قىلىدىغان ئانتىتىلامۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تولۇق بولمىغان بالىلاردا يۈز بەرسە، ئانتىگىن ئانتىتىلا بېرىكىشى يۈز بېرىپ، زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3.سۈت ئىمىۋاتقان مەزگىلدىكى بالىلار ئەڭ دىققەت قىلىشى كېرەك.

بالا تۇغۇلۇپ 4 ئايلىقتىن بىر ياش ئەتراپىدا بولغىچە بولغان مەزگىل بالىنىڭ سۈت ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بالىنىڭ يېمەكلىكى سۇيۇق ھالەتتىن ئوماچ ھالەتكە ئاندىن قاتتىق يېمەكلىككە ئۆتىدۇ، سۈت ئالمىشىۋاتقان مەزگىلدىكى بالىلار «كالا سۈتى قان ئازلىق كېسىلى» دىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ مەزگىلدە ئاتا – ئانىلار دائىم بىردەكلا بالىغا كالا سۈتى بېرىپ ئانا سۈتىنىڭ ئورنىغا قويىدۇ، بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن قاتتىق ماددىغا بىۋاستە ئۆتىدۇ. چۈنكى ئاتا –ئانىلار بالىلارغا ئوماچتەك يېمەكلىكلەرنى بېرىش جەريانىغا سەل قاراپ، سۈت ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدىكى سەي –كۆكتات، گۆش، مېۋىلەرنى تەڭشەپ بېرىشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن بالىنىڭ ئومۇمىيۈزلۇك ئوزۇقلۇق سۈمۈرەلمەسلىكىنى، ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاقىۋەت بولسا، بالىلاردا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى