ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېلىق مېيىدىن زەھەرلەنگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

بېلىق مېيىدىن زەھەرلەنگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-12-13 ئاۋاتلىقى: 561 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېلىق مېيىدىن زەھەرلەنگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

بېلىق مېيى جەۋھىرىدە كۆپ  مىقداردا ۋىتامىن Dدىن باشقا، ۋىتامىن Aنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى، ئادەتتە كىشىلەر خاتا ھالدا ئۇنى تولۇقلىما نەرسە دەپ قارايدۇ، قارىغۇلارچە بالىغا كۆپ مىقداردا بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەھەرلىنىشنىڭ ئالامىتى بولسا: سۆڭەك ئاغرىش، تېرە شىللىق پەردىسى ئۆزگىرىش، مېڭە ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار. يەنە كۆڭلى ئېلىشىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، روھى چۈشكۈنلىشىش، ئۇيقىغا خۇمار بولۇش ياكى ئاسان تېرىكىش، ئىككى كۆزى ئىچىگە يانتۇ قاراش، كۆز قارچۇغى تىترەش بىلەن قايتا كۆرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ۋىتامىن Dدىمۇ ئاسان زەھەرلىنىش يۈز بېرىدۇ، بەزى بالىلار ئورۇق، ئۆسۈشى ئاستا، بىراق بۇ راخىت كېسىلى ئەمەس، ئاتا –ئانىلار دائىم بالىلارغا بېلىق مېيى قاتارلىق ۋىتامىن D مول بولغان دورىلارنى بېرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاسان زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالامىتى بولسا، ئىشتىھا كەملىك، ئورۇقلاش،پات-پات سىيىش، بىراق سۈيدۈك مىقدارى كۆپ بولماسلىق، يەنە تۆۋەن قىززىتما، قەۋزىيەت، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغانلاردا كالتسىينى كۆپ سۈمۈرۈۋەتكەنلىكتىن، نېرۋا بىلەن مۇسكۇلنىڭ قوزغىلىشى تۆۋەنلەيدۇ، نېرۋا تورمۇزلىنىش، ھەرىكەت تەڭپۇڭسىزلىشىش كېلپ چىقىدۇ. بىردىنلا بېلىق مېيىدا زەھەرلەنگەنلىكى ئېنىقلانغاندا، دەرھال بېلىق مېيىنى توختىتىش كېرەك، ۋىتامىن Aنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلەنگەندە، دورىنى ئىككى كۈن توختىتىپ تۇرۇش، سۇيۇقلۇق بېرىش ھەمدە ئالامەتكە قارىتا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشتە دورىنى توختۇتۇپ 1~2 ھەپتىدىن كېيىن، باش ئاغرىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر تىز يوقايدۇ، بۇ ۋاقىتتا قاندىكى ۋىتامىن A يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، دورىنى چوقۇم 6 ئاي ئەتراپىدا توختۇتۇش كېرەك، بولمىسا قايتا قوزغىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئاكۇلا ياكى كامبالا بېلىقى جىگىرىمۇ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەممىسىنى يىيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى