ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېلىق مېيى بىلەن بېلىق جىگىرى مېيىنى پەرقلەندۈرۈش

بېلىق مېيى بىلەن بېلىق جىگىرى مېيىنى پەرقلەندۈرۈش

ۋاقتى: 2014-06-19 ئاۋاتلىقى: 747 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېلىق مېيى بىلەن بېلىق جىگىرى مېيىنى پەرقلەندۈرۈش

بېلىق جىگىرى مېيى بولسا، بېلىقنىڭ جىگىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ سېسىق پۇرايدۇ. بوۋاقلارغا تېمىتمىسىنى ئىشلىتىش، بالىلار، چوڭراق بالىلارغا كومىلاچنى ئىشلىتىش كېرەك، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولسا ۋىتامىن A،D. ۋىتامىن A مۈڭگۈز پەردە يۇمشاقلىشىش ۋە نامازشام قارىغۇسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە ئىپتىلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغداش رولى بار، بالىلارنىڭ نەپەس يولى شىللىق پەردىلىرىنىمۇ قوغداش رولى بار، ھەمدە ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىمۇ كۈچەيتىش رولى بار. ۋىتامىن D كىچىك ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ كالتسىي، فوسفورنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆرەك كىچىك نەيچىسىنىڭ كالتسىي، فوسفورنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ھەمدە قاندىكى كالتسىينىڭ سۆڭەككە يۆتكىلىشى ۋە چۆكمىگە چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، شۇڭلاشقا بالىلاردىكى راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى دورا.

بېلىق مېيى بولسا، چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ مېيىدىن ئاجرىتىلغان ياسالما، بۇمۇ بىر خىل سۇس سېسىق پۇراقلىق مايسىمان سۇيۇقلۇق، تەركىبى بېلىق جىگەر مېيىغا ئوخشىمايدۇ، تەركىبىدە كۆپ بىرلىكلىك تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى بار، 20 كاربونلۇق ئىتان كىسلاتاسى PAE،   DHAنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى قاندىكى گېلىتسىرىن ۋە خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى زىچلىق ماي ئاقسىلىنى يۇقىرىلىتىدۇ، بۇ ئارقىلىق قان تومۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلىش ئارقىلىق قان پىلازمىسىنىڭ ئۇيۇشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.DHA مېڭە قان توسۇلۇشتىن ئۆتۈپ نېرۋا ئۆتكۈزگۈچكە نىسبەتەن مۇھىم رولى بار، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان ماددا، ئۇنىڭ «مېڭە ئالتۇنى »دەپ چىرايلىق نامى بار.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بېلىق مېيى بىلەن بېلىق جىگىرى مېيىنىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ساغلاملىق ئىقتىدارى ئوخشاشمايدۇ. ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئورنىغا قويۇشقىمۇ قەتئىي بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى