ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېلىق جىگىرى مېيىنى قانداق سېتىۋېلىش كېرەك؟

بېلىق جىگىرى مېيىنى قانداق سېتىۋېلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-10-16 ئاۋاتلىقى: 555 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېلىق جىگىرى مېيىنى قانداق سېتىۋېلىش كېرەك؟

بېلىق مېيى ياسىلىشى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ياسالما بولسا يىل ئىشلىتىپ بولغان كونا ياسالما، ۋىتامىن A،D مىقدارىنىڭ نىسبىتى 10:1، ھەر مىللىلېتىر قويۇقلۇقتىكى بېلىق مېيى تەركىبىدە 50000 بىرلىك ۋىتامىن A،5000 بىرلىك ۋىتامىن D بار. كىچىك بالا ھەر كۈنى 1000`1500 بىرلىك ۋىتامىن Aغا، 400 بىرلىك ۋىتامىن Dغا ئېھتىياجلىق، ئىككىسىنىڭ نىسبىتى 3~ 4:1. ئەگەر بۇ خىل كونا ياسالمىلىق بېلىق مېيىنى ئىچكەندە راخىتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەر كۈنى بوۋاققا 3 تېمىم بېلىق مېيى بېرىش ھەمدە 400~500 بىرلىك ۋىتامىن Dبېرىش، 5000 بىرلىك ۋىتامىن Aبېرىش كېرەك، ۋىتامىن Aبولغان ئېھتىياج 4~5 ھەسسە بولۇپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغاندا، ۋىتامىن Aدىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر بوتۇلكا بېلىق مېيى تەركىبىگە يېرىم تال ۋىتامىن Dنى ئۇرۇش كېرەك، ۋىتامىن A،Dنىڭ نىسبىتىنى 3:1 گە تەڭشەش كېرەك، بۇ خىل ئارىلاش ياسالمىنى  ھەر كۈنى بىر تېمىمىدىن يېيىش ھەمدە ۋىتامىن Aدىن 1600 بىرلىك، ۋىتامىن Dدىن 600 بىرلىك يېگەندە راخىتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،ھەمدە ۋىتامىن Aدىن زەھەرلىنىش يۈز بەرمەيدۇ.

يەنە بىر خىل قويۇقلاشتۇرۇلغان بېلىق مېيى بولسا يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى  ياسالما بولۇپ، ۋىتامىن A،Dنىڭ مىقدار نىسبىتى بولسا 3:1، راخىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بالىغا 4 تېمىم بېرىش، ۋىتامىن Aدىن تەخمىنەن 1200 بىرلىك، ۋىتامىن Dدىن تەخمىنەن 400 بىرلىك يېيىش، بالىنىڭ شۇ كۈنلۈك ۋىتامىن Dغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ،ۋىتامىن Aدىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقمايدۇ. شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى ۋىتامىن A،D نىڭ مىقدار نىسبىتى 3:1 بولغان يېڭى ياسالمىنى بالىغا بېرىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى