ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قېتىقنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئىقتىدارى

قېتىقنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئىقتىدارى

ۋاقتى: 2016-05-27 ئاۋاتلىقى: 637 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قېتىقنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئىقتىدارى

1.ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنى تەڭشەيدۇ، زىيانلىق بولغان باكتېرىيەلەرنى كونترول قىلىدۇ، ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. كۈندە 1-2 ئىستاكان قېتىقنى ئىچىشنى بىر نەچچە ئاي داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن ھەزىم ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ،قەۋزىيەت بىلەن ئىچى سۈرۈش پەسىيىدۇ، ئاشقازان كۆپۈش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق يېقىمسىز ئالامەتلەر تەدرىجى يوقايدۇ.

2.سۈت قەنتىگە بولغان چىدامسىزلىقنى ياخشىلايدۇ، سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىككە بولغان ماسلىشىشىچانلىقنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

3.كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق مېنرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. قېتىق تەركىبىدە مېنىرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان سۈت كىسلاتاسى بار، يەنە ئاقسىل پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان CPP قاتارلىق باغلارمۇ، كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق مېنىرال ماددىلارنىڭمۇ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بولۇپمۇ، مېنىرال ماددىلارنى سۈمۈرۈشى ناچار بولغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن قېتىق ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق بولىدۇ.

4.ئۈچەي يولىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئۈچەي يولىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم بەدىنى ۋە ھايۋاناتلار تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قېتىق ئىچكەندىن كېيىن، ئۈچەي يولىنىڭ ھەرخىل كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيەلەر ۋە ۋىروسلارغا قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدۇ، ئىچى سۈرۈش ئازلايدۇ، ئالامىتى يېنىك، ئەسلىگە كېلىشى تېز بولىدۇ،ھەتتا بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاللىبۇرۇن «ساياھەتچىلەر قېتىقى»نى يولغا قويدى، مەخسۇس ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

5.ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى قوزغىتىدۇ، زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىنى ۋە Tھۈجەيرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قېتىق پۈتۈن بەدەن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قوزغىتىدۇ، ھەمدە بەدەننىڭ ھەرخىل قارشىلىقلارغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆسمىنىڭ رولىنى تىزگىنلەيدۇ.

6.قان زەردابىدىكى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. قېتىق قان زەردابىدىكى گېلىستىرىن بىلەن خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، بەلكى قان مېيىنىڭ رولىنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ.

7.رادىئاكتىپلىق نۇرنىڭ تەسىرىدىن، رادىئاكتىپلىق نۇرنىڭ لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى تۆۋەنلىتىشىدىن ساقلايدۇ. تەجرىبە ئىسپاتلىدىكى، قېتىق ئىچۈرۈپ بولغاندىن كېيىنكى چاشقاننىڭ رادىئاكتىپلىق نۇرنىڭ تەسىرىگە نىسبەتەن چىدامچانلىقى تېخىمۇ ئاشتى، ئىممۇنىتېت سىستېمىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقى يېنىكلىدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى