ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قېتىق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن قانداق رولى بار؟

قېتىق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن قانداق رولى بار؟

ۋاقتى: 2016-07-04 ئاۋاتلىقى: 823 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 قېتىق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن قانداق رولى بار؟

قېتىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئېنىرگىيە زىچلىقى بىردەك يۇقىرى، ئوزۇقلۇق ئامىلى 20 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. بولۇپمۇ، بىر ئىستاكان (150 مىللىلېتىر) قېتىق بالىنىڭ %30 ئېنىرگىيە ۋە كالتسىي ماددىسىنى ھەمدە%10 ئاقسىلنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ بالىڭىز(1~3) ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قېتىق ئىچسە، ئۇنىڭ  بىر كۈنلۈك ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەكلىك بولغان ماددىلارنىڭ 3تىن بىر ئېنىرگىيە ۋە كالتسىي ماددىسىغا ئىگە بولىدۇ. قېتىق بىلەن ئادەمنىڭ سۈتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ھەزىم سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلارغا نىسبەتەن ماس كېلىدۇ.

قېتىق بالىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قېتىق تەركىبىدە يېرىم سۈت قەنتى بار بولۇپ، يېرىم سۈت قەنتى مېڭە، نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئوتتىرى مېڭە گسلتسىرىن تۈرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى مېڭىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 2 ياشتىن بۇرۇن مېڭە يېتىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا يېتەرلىك بولغان ئېنىرگىيە ۋە يېرىم سۈت قەنتىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

قېتىق ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن. ئىچى سۈرۈش بولسا بوۋاق مەزگىلىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. قېتىق تەركىبىدە يېتەرلىك بولغان سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسى ۋە مۇۋاپىق بولغان كىسلاتالاق دەرىجىسى بولىدۇ، دائىم قېتىق ئىچكەندە ئۈنۈملۈك ھالدا كېسەللىك باكتېرىيەسىنى تىزگىنلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ياكى سوزۇلما ئىچى سۈرۈشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى، جىددىي خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈرشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى