ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا بالىلارغا ئۆلچەملىك قېتىق تاللاپ بەرگىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بالىلارغا ئۆلچەملىك قېتىق تاللاپ بەرگىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-20 ئاۋاتلىقى: 820 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قانداق قىلغاندا بالىلارغا ئۆلچەملىك قېتىق تاللاپ بەرگىلى بولىدۇ؟

1.بولاق ئۈستىدىكى ماركىغا تەپسىلىي قاراش كېرەك.

يېقىنقى بازار شارائىتىدا ئىككى خىل قېتىق ياسالمىسىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. بىرى، ساپ سۈتكە ئىككى خىل باكتېرىيە تۈرىنى قوشقاندىن كېيىن، ئېچىتىپ ياسالغان ئەنئەنىۋى قېتىق؛ يەنە بىرى ئالدىنقىسىنى ئېچىتقان ئاساستا، يەنە باشقا ئىككى خىل سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسىنى قوشۇپ تەييارلانغان باكتېرىيەلىك قېتىق، ماركىنىڭ ئۈستىدە «باكتېرىيەلىك » دېگەن خەت بار. 

ئانىلار قېتىق سېتىۋالغاندا سىرتىدىكى ماركىسىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ، بولاق ئۈستىدىكى خۇرۇچلار جەدۋىلى ۋە مەھسۇلات تەركىبى جەدۋىلى مەھسۇلاتنىڭ كالا سۈتى ياكى قېتىقلىق ئىچىملىك ئىكەنلىكنى ئايرىغىلى بولىدۇ، قېتىق خۇرۇچلىرى جەدۋىلىدىكى، ئاقسىل مىقدارى %2.9 ياكى %2.3 تۆۋەن بولماسلىقى كۆرسىتىلگەن، قېتىق خۇرۇچلار جەدۋىلىدە،ئادەتتە كۆپىنچە «سۇ» ۋە «نەشپۈت كىسلاتاسى» ئۇچرايدۇ، ئاقسىل مىقدارى %1.0 ياكى %0.7 تۆۋەن بولمايدۇ.

2.ئاتا-ئانىلار مەھسۇلات سېتىۋالغاندا، مەھسۇلاتنى تەپسىلىي كۆزىتىپ سېتىۋېلىشى كېرەك.

قېتىقنى ئاچقاندا قېتىقنىڭ ھالىتىگە قاراش كېرەك، نورمال شارائىتتا، ئۇيۇل ھالەتتىكى قېتىقنىڭ ئۇيۇلچىسى تەكشى زىچىلىقتا بولىدۇ، پۈۋەكچە بولمايدۇ، ئارىلاش ماددا بولمايدۇ، نورمال ھالەتتىكى قېتىقىنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق ياكى ئاق رەڭدە بولىدۇ، بۇ تاللىغان سۈتتىكى ماي مىقدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ماي مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، قېتىقنىڭ رەڭگى شۇنچە سېرىق چىقىدۇ.

3. بالىلارغا ماس كېلىدىغان قېتىقنى تاللاش كېرەك.

ماتېرىيال ۋە قوشۇمچىلاردىن ئايرىغاندا، قېتىق ئاساسلىقى ساپ قېتىق، تەڭشەلگەن قېتىق ۋە مېۋە تەملىك قېتىق دەپ 3 خىل بولىدۇ. پەقەت سۈت ياكى مۇرەككەپ سۈت ماتېرىيال قىلىنىپ ئېچىتىلغان قېتىق ساپ قېتىق، ساپ سۈت ياكى مۇرەككەپ سۈت ماتېرىيالىغا قەنت، تەم تەڭشىگۈچ ياكى تەبىئىي مېۋە قاتارلىقلار قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىنغان قېتىق بولسا تەڭشەلگەن قېتىق ياكى مېۋە تەملىك قېتىق بولىدۇ. ئاتا –ئانىلارغا ئەسلى تەملىك قېتىقنى بالىلارغا بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى