ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارغا ئامىنو كىسلاتا تولۇقلاشتىكى يېمەكلىك دەستۇرىدىن سەرخىل تەۋسىيەلەر

بالىلارغا ئامىنو كىسلاتا تولۇقلاشتىكى يېمەكلىك دەستۇرىدىن سەرخىل تەۋسىيەلەر

ۋاقتى: 2016-03-11 ئاۋاتلىقى: 776 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلارغا ئامىنو كىسلاتا تولۇقلاشتىكى يېمەكلىك دەستۇرىدىن سەرخىل تەۋسىيەلەر

1.بېلىق تۇخۇم نېنى

ئوزۇقلۇق تەھلىلى: بىر ياشقا توشمىغان بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمايدۇ، يۇمشاق بولغان بېلىق تۇخۇم نېنىنىڭ تەركىبىدە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەكلىك بولغان ئالاھىدە ئاقسىل، ماي، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، سىنىك، ۋىتامىن A، ۋىتامىن Bقاتارلىق ئوزۇقلۇق ئامىللىرى بار بولۇپ، بالىنىڭ بەدىنىنىڭ كۈچلۈك چوڭ بولۇشىغا پايدىسى كۆپ.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

1.غول پىياز بېشىنى ئۇششاق توغراپ ئېزىمىز، بېلىقنى پىشۇرۇپ قاچىغا سېلىپ ئېزىمىز.
2.تۇخۇمنى چىنىگە چېقىپ، بېلىقنى، پىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز.
3.سېرىق ماينى قازانغا سېلىپ ئېرىتىمىز، قىيما توپ ھالەتكە كەلگەندە سېرىق مايدا پىشۇرىمىز.

2.موگو توخۇ ئۇمىچى

ئوزۇقلۇق تەھلىلى: توخۇ گۆشى ئىنتايىن يۇمشاق، تەمى مېززىلىك، ئاقسىل مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى. گۈرۈچ بولسا ۋىتامىن Bنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. كەرەپشە تەركىبىدە مول بولغان سۇ ۋە ۋىتامىنلار بار. بۇ خىل يېمەكلىكتە مول بولغان ئاقسىلمۇ بار.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

1.گۈرۈچ، توخۇ گۆشى، پىياز، كەرەپشىنى چىنىگە سېلىپ، موگۇنى يۇمشىغانغا قەدەر سۇغا چىلاپ قويىمىز ، توخو گۆشىنى، موگۇنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، كەرەپشە بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
2. ماينى قازانغا قۇيۇپ قىززىتقاندىن كېيىن، پىياز، گۆش، موگۇنى سېلىپ قورۇيمىز، ئاندىن ئازراق تېتىقۇ سالىمىز.
3.گۈرۈچنى قازانغا سېلىپ قورۇيمىز.
4. سۇنى 1000 مىىللىلېتىر قۇيۇپ پىشۇرىمىز.
5. تۇز، تېتىتقۇ، ئاقمۇشلارنى سېلىپ تەم تەڭشەيمىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى