ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ تىلىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى

11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ تىلىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى

ۋاقتى: 2016-07-10 ئاۋاتلىقى: 581 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ تىلىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى 

بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاق ئاددىي سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنەلەيدۇ. چوڭلارنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن ئانا، دادا دەپ چاقىرالايدۇ، يەنە چوڭ ئانا، ھامما ، ئاچا دەپمۇ چاقىرالايدۇ. مەلۇم مەنىنى بىلدۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ. مەسىلەن: بارمىقىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ بىر ياشقا كىرگەنلىكى ئىپادىلىيەلەيدۇ، چوڭلارنىڭ ئاۋازىنى دوراپ گەپ قىلالايدۇ، بەزى ئاددىي سۆزلەرنى دېيەلەيدۇ. ئىنتوناتسىيەنىڭ ئۆزگىرىشىنى توغرا دورىيالايدۇ ھەمدە بەزى سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالايدۇ، بەزى چۈشىنىش تەس بولغان سۆزلەرنى دېيەلەيدۇ. بەزى ئاددىي سوئاللارغا، كۆزى بىلەن قاراش، بارمىقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق جاۋاب بېرەلەيدۇ. مەسىلەن ئۇنىڭدىن  ئاسلان قەيەردە دەپ سورىسىڭىز ، بوۋاق كۆزى بىلەن قاراپ ياكى بارمىقى  بىلەن ئاسلاننى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. قوقۇقلىغان، گىژىلدىغان ئاۋازلارنى چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈلگەن ئاۋازىمۇ ناھايىتى جاراڭلىق بولىدۇ، ھەمدە ئۆزى دېيەلەيدىغان سۆزنى توختىماي تەكرارلايدۇ. ئۈچ-تۆت سۆزدىن تۈزۈلگەن جۈملىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ.

11 ئايلىق بوۋاقىنىڭ كۆرۈش سېزىمىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى 

بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ بوۋاققا رەسىملىك كىتابتىكى رەسىم ۋە نەرسىلەرنى تونۇتسا، رەسىملەرنىڭ ئىسمىنى توغرا ئاتىيالايدۇ. 

11 ئايلىق بوۋاقنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى

بۇ پەيىتتە بوۋاق بەدىنىدىكى بەزى ئورۇنلارنى كۆرسىتەلەيدۇ، ئانىسىنىڭ باشقىلارنى قۇچىقىغا ئېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ، دەسلەپكى قەدەمدىكى ئۆزىنى تۇنۇش ئېڭى بولىدۇ. ئويۇنچۇقلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، قىزىققان نەرسىلەرنى ئۇزۇن كۆزىتىدۇ، دائىم كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ ھەمدە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، چوڭلارنىڭ مەقسەتسىىز قىلغان بەزى ھەرىكەتلىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىدۇ، بېشىنى بىۋاستە ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرىيالايدۇ، يەنى سۆز-ھەرىكەت شەرتلىك رېفلېكىسى تېز شەكىللىنىش باسقۇچى، بۇ مەزگىلدىكى بالا  ئويۇنچۇقلارنى تاللاپ ئوينايدۇ ،دەسلەپكى قەدەمدىكى ۋاقىت، بوشلۇق، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئۇقۇمى شەكىللىنىدۇ، ئەگەر ئانىسىنىڭ داسقا سۇ قۇيغانلىقىنى كۆرسە يۇيۇنۇشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، نەرسىلەرنى توختىماي ئېتىپ،تېرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى