ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

11 ئايلىق بوۋاقنىڭ ھېسسىيات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىىسىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى

11 ئايلىق بوۋاقنىڭ ھېسسىيات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىىسىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى

ۋاقتى: 2014-06-28 ئاۋاتلىقى: 764 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

11 ئايلىق بوۋاقنىڭ ھېسسىيات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىىسىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى 

بۇ ۋاقىتتا بوۋاق چوڭلارنىڭ ئاددىي تەلەپلىرىنى ئورۇنلىيالايدۇ. چىراي ئىپادىسى، ئاددىي سۆز ھەمدە ھەرىكىتى ئارقىلىق چوڭلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بوۋاق ئويۇنچۇقلارنى باشقىلارغا ئويناشقا بېرىدۇ، كەيپىياتىمۇ ئانىسىنىڭ كەپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلايدۇ، چوڭلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ھېرىسمەن كىلىدۇ، ھەمدە چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى دورايدۇ. ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەت جەريانىدا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ، چەكلىمىگە ئۇچرىغاندا (بولۇپمۇ چوڭلارنىڭ ياق، بولمايدۇ دىگەندەك)، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، يىغلاش، چېچىلىش ئارقىلىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەزگىل ئىچىدە بالىنىڭ چوڭلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ.

ئانا- بالىلار تورىنىڭ ئەسكەرتىشى

مېڭىشنى ئۆگىنىش ھارۋىسى ئويناش ياخشى تاللاش ئەمەس، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ قارىشىچە، مېڭىشنى ئۆگىنىش ھارۋىسى بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەس. چەتئەلنىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ھارۋا ئىشلەتمىگەن بالىلارغا قارىغاندا كېيىن بولىدىكەن، ھەمدە ئۇشتۇمتۇت ھادىسىلەرمۇ شۇ سەۋەبتىن كۆپ بولىدىكەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا مېڭىشنى ئۆگىنىش ھارۋىسىنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ھىچقانداق پايدىسى بولمايدىكەن، بەلكى توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر بالىنى مېڭىشنى ئۆگىنىش ھارۋىسىغا سېلىپ قويسا، بالىنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى كۆپىيىپ كىتىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىغا زىيان يېتىدىغان خەتەرلىك ئامىللارمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ.

11 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ھەرىكىتى 

بوۋاق 11 ئايلىق بولغاندا، نېمىنى بىلىدۇ؟ قانداق ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ؟ گەرچە ھەربىر بوۋاقنىڭ يېتىلىشىدە پەرق بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا 11 ئايلىق بوۋاق تۆۋەندىكىدەك ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ: 

كۆپىنچە بالىلار ئۆزى مۇستەقىل ئولتۇرۇلايدۇ، ئۆزى ئۆمىلىيەلەيدۇ،  بەزى بوۋاقلار يوتقان دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە ئۆمىلەپ چىقالايدۇ. نەرسىلەرگە تايىنىپ ئۆزى ئۆرە تۇرالايدۇ، تايانغان نەرسىلەردىن ئايرىلسا، بىردەم ئۆرە تۇرالايدۇ.

بەزى بوۋاقلار تەمتىلەپ ئالدىغا نەچچە قەدەم ئالالايدۇ، چوڭلار قولىنى يېتىلىسە ماڭالايدۇ. ئەمما كۆپىنچىسى ماسلاشمىغان گىرەلەشكەن قەدەم، ئۆزى ئۆزىنى پۇتلاپ قويىدۇ، بەزى بوۋاقلار بىر قولى بىلەن كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىنى تۇتۇپ نەچچە قەدەم ماڭالايدۇ، كىچىك ھارۋىنى ئىتتىرىپ ئالدىغا ئىگىرلىيەلەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى