ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

11 ئايلىق تاماق تىزىملىكى خۇلاسىسى

11 ئايلىق تاماق تىزىملىكى خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2015-12-24 ئاۋاتلىقى: 954 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

11 ئايلىق تاماق تىزىملىكى خۇلاسىسى 

11 ئايلىق بوۋاقنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق تىزىملىكى 

بوۋاق 11 ئايلىق بولغان چاغدا 5~7 تالغىچە سۈت چىشى ئۆسۈپ بولغان ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە چايناش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئاشقان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا  بوۋاققا سۈتلۈك يېمەكلىكلەرنى ۋە كالا سۈتى بېرىپ بېقىشقا بولىدۇ.

ئاساسىي ئوزۇقلۇقى: ئانا سۈتى ۋە باشقىلار(قويۇق شوۋىگۈرۈچ، تۇخۇم، كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى، دۇفۇ قېتىقى، چۆپ، ئۈگرە قاتارلىق)

تاماق قېتىم سانى ۋە مىقدارى: ئانا سۈتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6دە ۋە كەچ سائەت 10دا بىر قېتىمدىن بېرىش. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا قويۇق شوۋىگۈرۈچ، ياكى سەي قوردىقىدىن ئۈچ-تۆت قوشۇق، يەنە تۇخۇمدىن يېرىم تال بەرسە بولىدۇ.

چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى، دۇفۇ قېتىقى قاتارلىقلارنى ھەر قېتىمدا 100 گرامدىن بەرسە بولىدۇ. كەچ سائەت 6 دە چۆپ، ئۈگرە قاتارلىقلاردىن بىر پىيالە يېدۈرسە  بولىدۇ.

قوشۇمچى يېمەكلىكلەر:

سۇ، مېۋە، مېۋە سۈيى قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىن مەلۇم بىرىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا ھەر قېتىمدا 120 گرامدىن بەرسە بولىدۇ.

قويۇلدۇرۇلغان بېلىق مېيى ھەركۈنى ئىككى ۋاق، ھەرقېتىمدا ئۈچ تامچىدىن.

 قىيما گۆش، شورپا قاتارلىقلارنى كەچ سائەت 6دە مۇۋاپىق مىقداردا بېرىش.

تۇخۇم  تۇخۇمدىن ياسالغان يمەكلىكلەر، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6دە ھەر قېتىمدا يېرىم تالدىن قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ.

11 ئايلىق بوۋاقنى قانداق ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك؟ 

ئادەتتە 11 ئايلىق بوۋاقنى ئاستا-ئاستا ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشتىن يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. سۈت ئېمىش قېتىم سانىنى ئاستا-ئاستا ئازايتىش، ئاز- ئازدىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك. بوۋاقنىڭ كۈندۈزلۈك تاماق يېيىش ۋاقتى چوڭلار بىلەن ئوخشاش بولسا بولىدۇ، ئەمما بوۋاققا چوڭلارنىڭ سەيلىرىنى بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى چوڭلارنىڭ سەيلىرى قاتتىق ھەمدە ئىچىگە نۇرغۇن تەم تەڭشىگۈچلەر قوشۇلغان، مەسىلەن، تۇز ، تېتىتقۇ. بوۋاقنىڭ تامىقى يۇمشاق، ئىنچىكە، تەمى سۇس، بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. بۇنچىلىك چوڭلۇقتىكى بوۋاق كېچىلىك سۈتنى ئېىمىتمىسىمۇ بولىدۇ، بوۋاق كىچىك تەرەت قىلىپ سۈت ئەممەكچى بولغاندا ئامال بار بەزلەپ قويۇش، ياكى سۈزۈك سۇنى ئېمىتىپ ھەر قېتىملىق ئېمىتىش ۋاقتىنى 20 مىنۇت كېچىكتۈرۈش، بۇنداق قىلغاندا ئاستا-ئاستا بوۋاقنىڭ كېچىدىكى ئېمىش قېتىم سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، ھەمدە ئاستا-ئاستا سۈتتىن ئايرىغىلى بولىدۇ.

11 ئايلىق بوۋاق قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟

بوۋاق مول ئوزۇقلانسا بولىدۇ، ھەرخىل كۆكتاتلارنى، گۆش تۈرىدىكىلەرنى، تۇخۇم ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى پەقەت مېۋە-چېۋە ياكى سۇيۇق تاماقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرماسلىق. بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، چايناش يۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىرى بولىدۇ، ئۇششاق كۆكتاتلارنى ۋە دانچىسىمان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزسە بولىدۇ.

تاماقلىنىش ۋاقتىدا تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك، كۆكتاتلارنى قوشقاندا، مەسىلەن: تەرخەمەك، كاۋا، پەمىدۇر، يازلىق بەسەي، كەرەپشە، موگۇ، سەۋزە، قىشلىق موگۇ، مور، ھىندى كاۋىسى، پېدىگەن، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى بالىغا يىگۈزۈشكە بولىدۇ، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىمۇ ئازراق يېسە بولىدۇ، بېلىق(قىلتىرىقى ئاز )، كالا گۆشى(تۆمۈر  بىلەن ئاقسىل ئىنتايىن مول بولغان بولۇپ ئەگەر بوۋاق ياقتۇرۇپ يېسە ئىنتايىن ياخشى يېمەكلىك ھېساپلىنىدۇ)، توخۇ گۆشى قاتارلىقلارنىمۇ يېسە بولىدۇ، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئاقسىل ماددىسى مول، يەنە كېلىپ شورپا بىلەن سەينى بىللە قىلغاندا ئىنتايىن ياخشى بولغان تەم تەڭشىگۈچلۈك رولىنى ئوينايدۇ، بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ھەجىمى كىچىك بولغاچقا شوۋىگۈرۈچ تۇرىدىكىلەرنى كۆپ يېگۈزمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى شوۋىگۈرۈچ ئاسان قورساقنى تويغۇزۇپ قويىدۇ، يەنە كېلىپ سۈمۈرۈلۈشى تەس، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئەمەس.

11ئايلىق بوۋاققا تەۋىسىيە قىلىنغان تاماقلار.

1.شوخلا پالەك شورپىلىق سۇيقىشى. ئوزۇقلۇق قىممىتى ئانالىزى:  شوخلا پالەك شورپىلىق سۇيقىشى بوۋاقنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمىمۇ ئىنتايىن ياخشى. 

تەييارلاش ئۇسۇلى:

پەمىدۇرنى ئىلمان سۇدا چايقىغاندىن كېيىن  پوستىنى سويىۋېتىپ، كېسىپ ياپىلاقلايمىز.

پالەك يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، تاننىك كىسلاتاسىغا چىلاپ ئالغاندىن كېيىن كېسىپ ياپىلاقلايمىز، دوفۇنى توغراپ تەييارلايمىز.

3. ئازراق ياغ قۇيۇپ ، پىياز قىيمىسى بىلەن قورۇيمىز، قوۋۇرغا شورپىسى قۇيۇپ قاينىتىمىز. پەمىدۇر بىلەن پالەك يوپۇرمىقىنى قازانغا سېلىپ بىردەم قاينىتىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنچىكە كەسمە چۆپنى سېلىپ، چۆپ يۇمشىغاندىن كېيىنلا قازاندىن ئالساق بولىدۇ.

2. توخۇ گۆشى، سەي شورپىسى

ئوزۇقلۇق قىممىتى ئانالىزى: موگۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى ياخشى، ئەزەلدىن مەزىللىك تاماق دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان، ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ياغ تەركىبى تۆۋەن، ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتا، مىنېرال ماددا، ۋىتامىن ۋە پولىساخارىد قاتارلىق ماددىلار مول بولغان ساغلام يېمەكلىك. 

تەييارلاش ئۇسۇلى:

توخۇ گۆشىنى كېسىپ، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قايناۋاتقان سۇغا سالىمىز.
قازانغا قايناقسۇ، زەنجىۋىلسىمان قۇرت ۋە توخۇ گۆشىنى سېلىپ سۇس ئوتتا قىرىق مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز.
ئاندىن كېيىن ھەرخىل كۆكتاتلارنى بىللە سېلىپ قورۇيمىز، تەس پىشىدىغانلىرىنى بالدۇر سېلىپ، ئاخىرىدا تەم تەڭشىگۈچلەرنى سالىمىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى