ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

11 ئايلىق بوۋاقنى كۈتۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

11 ئايلىق بوۋاقنى كۈتۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ۋاقتى: 2015-06-07 ئاۋاتلىقى: 638 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

11 ئايلىق بوۋاقنى كۈتۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

بوۋاقنىڭ ھەرىكىتىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن يېنىك، ئەپچىل كىيىملەرنى كىيگۈزۈش. ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە تەر سۈمۈرەلەيدىغان كىيىملەرنى كىيگۈزۈش، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە، بالىغا نەچچە قۇر نېپىز رەختلىك كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ قويۇش كېرەك.

بوۋاقنىڭ چىشى

بوۋاقنى ئېمىتىپ  بولغاندىن كېيىن ئازراق ئىلمان چاي ئىچكۈزۈش(بۇ ئېغىزنى چايقىغان بىلەن باراۋەر) كېرەك، ياكى داكىنى ئىسسىق سۇغا مىلەپ بوۋاقنىڭ چىشىنى ۋە ئېغىز بوشلۇقىنى يېنىك سۈرتسىمۇ بولىدۇ. سۈت چىشى چىقىش مەزگىلىدە، بالىنىڭ چىشى ئۈستىدىكى باكتېرىيە دېغىنى،يۇمشاق داغلارنى تازىلاپ چىقىرۋىتىپ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، بالىنىڭ تازلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. 

بوۋاقنى يۇيۇش

سۇغا كىرىشتىن بۇرۇن، لۆڭگىنى ئىلمان سۇغا چىلاپ، بوۋاقنىڭ كۆكرىكىگە، قورساق قىسمىغا يېنىك تەككۈزۈپ قويۇش، بوۋاققا سۇ بىلەن ئوچراشقاندىكى دەسلەپكى تۇيغۇنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ سۇغا كىرىپ چۆچۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كىيىمىنى سالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، ئوڭ قولى بىلەن بالىنىڭ باش بويۇن قىسمىنى، سول قولى بالىنىڭ كاسىسىنى تۇتۇپ ۋاننىغا ئاستا سېلىش كېرەك. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بالىنى قۇچاقلاپ ۋاننىدىن ئېلىش، چوڭ لۆڭگە بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى سۈرتۈش ، ئەڭ ئاخىرىدا سۈيدۈك لاتىسىنى يۆگەپ، كىيىمىنى كىيگۈزۈش كېرەك. 

بوۋاقنىڭ چوڭ كىچىك تەرىتى

بالىغا ئۆزى تەرەت قاچىسىدا ئولتۇرۇپ تەرەت قىلىشنى ئۆگىتىش، دەسلەپتە ھەرقېتىم ئۈچ- تۆت قېتىم ئولتۇرۇش، بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئاستا- ئاستا  10 مىنۇتقا ئۇزارتسا بولىدۇ. ئەگەر ئوڭۇشلۇق تەرەت قىلالمىسا بىردەمدىن كېيىن تەرەت قاچىىسىدا ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ. بالىنى ۋاقتىدا تەرەت قىلىشقا يىتەكلەش ، ئادەتتە ئەتىگىنى بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى