ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

11 ئايلىق بوۋاقنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

11 ئايلىق بوۋاقنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

ۋاقتى: 2016-03-06 ئاۋاتلىقى: 730 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

11 ئايلىق بوۋاقنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

پەسىل ئالماشقان مەزگىللەردە بوۋاق ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ. ئائىلە باشلىقى بوۋاققا كۆپرەك سۇ ئىچكۈزۈپ بېرىشى، پات-پات بەدەن تېمىراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بېرىشى، بالىغا ئىسسىق ياكى سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى، بالىنى ھەرىكەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

ئۆپكە ياللۇغى

ئالامەتلىرى: تۇيۇقسىز قاتتىق قىززىش، كۆكرەك ئاغرىش، يۆتەل، بەلغەم، نەپەش سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر  ئاساسلىق كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەل ئاساسلىقى قىش، كۈز پەسىللىرىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش: ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك باكتېرىيەسىگە قارشى داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئاساسلىق تۈگۈنى ھىسابلىنىدۇ. ئۆپكە كېسىلىنى داۋالاش بىلەن بىرگە يەنە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. 

ئالدىنى ئېلىش: بەدەن چىنىقتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتنى تەشەببۇس قىلىش، مۇۋاپىق كىيىنىش، بىرقەدەر چوڭ بالىلارغا كۈچى يەتكەن ئىشلارنى قىلغۇزۇش، بەدەن چىنىقتۇرۇشقا يېتەكلەش، تەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، زۇكامنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

قىل شاخچە كاناي ياللۇغى 

ئالامەتلىرى: تىپىك بولغان قىل شاخچە كاناي ياللۇغى دائىم يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغلىنىپ ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ، جاھىل يۆتەل ۋە قىزىتما كۆرۈلىدۇ. ئوتتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا  قىزىتما كۆپ كۆرۈلىدۇ، نەپىسى سىقىلىش ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

داۋالاش: پىيازگۈل بوتقىسى، ساپ پىياز گۈلى 20 گرام، يېپىشقاق گۈرۈچ 50 گرامنى  بىللە قاينىتىپ ناۋات بىلەن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بۇ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ، يۆتەلنى تۇختىتىپ، نەپىسى سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ. 

ئالىدىنى ئېلىش: ئالدى بىلەن بالىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش، بالىغا بەك ئىسسىق كىيدۈرۈپ قويماسلىق. ئۇنى مۇۋاپىق ھالدا سوغۇق ھاۋاغا ماسلاشتۇرۇش، ھاۋا ئسسىق ۋاقىتلىرىدا بالىغا ئسسىق ئۆتۈپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش، ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىملەرنىڭ بالىنى زۇكام قىلىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى