ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

11 ئايلىق بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئويۇنلارنىڭ تۈرى ھەمدە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىشى

11 ئايلىق بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئويۇنلارنىڭ تۈرى ھەمدە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىشى

ۋاقتى: 2015-05-05 ئاۋاتلىقى: 670 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

11 ئايلىق بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئويۇنلارنىڭ تۈرى ھەمدە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىشى

1.ئىسمىنى ئاڭلاپ رەسىمىنى تونۇش. 

كارتىغا بېسىلغان ھايۋانلار، نەرسە- كېرەكلەر، يېمەكلىكلەرنىڭ رەسىمىنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئاپىسى ئىسمىنى دەپ، بالىغا ماس كېلىدىغان رەسىمنى تاپقۇزۇش، قايتا- قايتا بالىغا ئۆگىتىش. بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقنىڭ رەسىم تونۇغاندىكى قىزغىنلىقى ئېشىپ،  ناھايىتى ئاسانلا يېڭى رەسىملەرنى تېپىپ ئېلىشنى ئۈگۈنۈۋالالايدۇ. بۇ ئويۇندا بالا قولى بىلەن كاللىسىنى تەڭ ئىشلىتىدۇ، ئىسمىنى ئاڭلاپ رەسىمنى تونۇيالايدۇ، يەنە تېپىپ قولىغا ئالالايدۇ. كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە قولىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن بوۋاقنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بوۋاققا يېڭى ئۈگەنگەن رەسىمنى قايتا-قايتا كۆرسىتىپ تەكرارلاش كېرەك، ھەمدە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

2.رەڭ تونۇش 

مەسىلەن، ئانىسى بىر قىزىل رەڭلىك مودىل ياغاچنى ئېلىپ بوۋاققا «قىزىل » دېگەندە بوۋاق ناھايىتى تېزلا ئېسىدە تۇتالايدۇ، ئەمما بوۋاق دائىم بىر خىل رەڭ بىلەن بىر خىل نەرسىنى باغلاپ چۈشىنىۋالىدۇ. شۇڭا ئانىسى نۇرغۇن قىزىل رەڭلىك نەرسىلەرنى يىغىپ بالىغا «بۇلارنىڭ ھەممىسى قىزىل» دەپ ئېيتىشى كېرەك، بوۋاققا «نۇرغۇن نەرسىلەر قىزىل رەڭلىك بولىدىكەن» دېگەننى قوبۇل قىلدۇرۇش،  شۇنىڭ بىلەن بۇنى بىر ئورتاق ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇنداق ئۆزگىرىشنى بوۋاق بىر ياشقا كىرگىچە داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن ھەقىقىي چۈشىنەلەيدۇ. بوۋاققا بىرىنچى ئورتاق ئۇقۇمنى قوبۇل قىلدۇرۇش، يەنى بىر سۆز پەقەت بىرلا نەرسىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى رەڭگى ئوخشاش بولغان  نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. رەڭنى ئايرىشنى ئۆگىتىشتە،  بوۋاق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى بىلگەندىن كېيىن بىر ئاز ئۈنۈمى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاق بىلىدىغان سۆز كۆپ بولمىسا رەڭ ئايرىشنى ئۆگىتىشنى بىر ياشقا توشقاندىن كېيىن باشلاش كېرەك.

3.يۇمىلاقنى سېزىش ئويۇنى 

بوۋاققا ئۆزى سۇ ئىچىدىغان ئستاكاننىڭ ئېغىزىنى ياپقۇزۇش،  بۇ بوۋاق ياقتۇرىدىغان ئىش. بىراق ياپقۇچنى يۇمىلاق ئېغىزىغا توغرا قويۇش، خالىغانچە مايماق قويماسلىقى كېرەك. ئاندىن بوۋاققا بۇنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. 

قاتتىق قەغەز تاختاينىڭ ئۈستىگە يۇمىلاق چەمبەر، ئۈچبۇلۇڭ، تۆت تەرەپلىك سىزىپ، شەكىل ئارىسىدىكى بوشلۇقنى كېسىۋېتىپ، تۆشۈكنىلا قويۇپ قويىمىز، يەنە بىر قاتتىق قەغەزدىن تۆشۈك بىلەن ماس كېلىدىغان يۇمىلاق، ئۈچبۇلۇڭ، تۆت تەرەپلىك ئويۇپ، بوۋاققا بۇ شەكىللەرنى تۆشۈككە سېلىشقا يېتەكلەيمىز. تۆشۈككە سېلىش جەريانىدا بوۋاق شەكىللەرنى تۇنۇۋالالايدۇ.


4.بوۋاق قانچە ياش 

ئانىسى بوۋاقتىن «قانچە ياش؟» دەپ سوراش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بىر بارمىقىنى چىقارسا، بوۋاقمۇ ئانىسىنى دوراپ دەرھال كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىدۇ. بوۋاق پېچىنە يېگەندە، ياغاچ مودىل تىزغاندا، ئويۇنچۇق ئوينىغاندا، بىر بارمىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا «بۇ بىر پىچىنە(بۇ بىر ياغاچ ياكى بۇ بىر ماشىنا) دېگەندە، بوۋاق ئاستا-ئاستا كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ بىرنى ئىپادىلەيدىغانلىقنى بىلىۋالىدۇ. بۇ ئويۇن ئارقىلىق بوۋاق كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ «بىر»نى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى  چۈشىنىۋالالايدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ يېشىنىڭ  قانچە ئىكەنلىكىگە جاۋاب بېرەلەيدۇ، ئۆزىگە بىر تال ئويۇنچۇق ياكى يەيدىغان نەرسە كېرەكلىكىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

5.ئۆزى كىچىك مومىنى ئېلىش.

ئىككى خالتا كىچىك مومىنى ئېلىپ،  بىرنى بوۋاققا تۇتۇپ كۆرۈپ بېقىشقا بېرىش، بوۋاق ئىچىدە چوقۇم ياخشى نەرسە بار دەپ بىلىپ ئېچىشقا ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئاچالمايدۇ، بۇۋاقىتتا ئانىسى خالتىنى ئىلىپ بوۋاققا خالتىنىڭ ئېغىزىنى ئاچقاندا مومىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن كىچىك تۆشۈك ئىچىپ بوۋاققا بېرىدۇ، بوۋاق ئۆزى خالىتىنى ئاچقاندىن كېيىن مومىنى يېگەندىنمۇ بەكرەك خوش بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بىر يېڭى ماھارەت ئۆگىنىۋالدى. ئىككىنچى خالتىنى بوۋاقنىڭ ئۆزى ئېچىپ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن بېرىدۇ، ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن باشقا خالتىلارنىڭ ئېغىزىنى ئىچىش ئۈچۈن تەمشىلىدۇ، ناھايىتى تېزلا كەمپۈتنى، قەغەز بولاقنى ئېچىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بېگىز بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ نازۇك ھەرىكەتلىرىنى مەشق قىلىش بىلەن بىللە يەنە بولاقنىڭ ئاسان ئاچقىلى بولىدىغان يدرىنى كۆزىتىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

6.قونچاق بېقىش 

بوۋاق ئۈچۈن كىيىمىنى سالدۇرۇپ، كىيگۈزگىلى بولىدىغان قونچاقنى تاللاش، بوۋاق قونچاققا كىيىم كىيگۈزۈشنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى سېلىپ كىيىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ. بوۋاققا قونچاقنىڭ ئادەم بىلەن ئوخىشاش خەۋەر ئالىدىغان ئانا كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش. قەغەز قۇتا بىلەن بوۋاققا كىچىك كارىۋات ياساپ بېرىش، لۆڭگىدىن بىرنى ئىلىپ يوتقان قىلىپ يېپىپ قويۇش، بوۋاقنى بەزلەپ بوۋاق بىلەن بىللە ئۇخلاش، ئۇنى ئېمىتىش، ئۇنىڭغا تاماق بېرىش، بوۋاققا قونچاقنى توسۇپ قويغۇزۇش، كۈچنىڭ بېرىچە بوۋاققا ئانىغا ئوخشاش بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇش، كىيىمىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى قىلغۇزۇش . بالا ئاچچىقلىنىپ قونچاقنى خورلىغاندا، ئانىسى دەرھال بوۋاققا « بوۋاق ئازابلىنىدۇ، پۇتى بىلەن تېپىشكە بولمايدۇ» ،«بوۋاق يىقىلىپ كەتسە، ماڭا ئېيتىڭ » دەپ توسۇپ قېلىشى كېرەك. ئامالىنىڭ بېرىچە توغرا پوزىتسىيە بىلەن بوۋاقنىڭ قونچاققا كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش، بۇ ئارقىلىق بوۋاققا باشقىلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىتىش. بوۋاقتا باشقىلاردىن خەۋەر ئېلىش، باشقىلارنى قەدىرلەش، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇپ ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. 


7.ئاياغ ۋە پايپاقنى سېلىشنى ئۆگىتىش 

بوۋاققا پۇتى بىلەن ئاياغنى تېپىپ سېلىۋەتمەستىن بەلكى ئۆز قولى بىلەن ئايىغى ۋە پايپىقىنى سالغۇزۇش. سالغاندىن كېيىن، ئاياغ بىلەن پايپاقنى جايىدا قويۇشى كېرەك. بوۋاققا كىچىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئاۋۋال ئايىغىنى، كېيىن پايقىنى سېلىشنى، پايپىقىنى ئاياغنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئاندىن كېيىن ئايىغىنى تەكشى بىر جايغا قويۇپ قويۇشنى ئۆگىتىش كېرەك. ئەگەر بوۋاق تولۇق ئورۇنلىيالىسا بالىنى تەقدىرلەش كېرەك. بۇ ئويۇن بوۋاققا ئۆزىنڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى مەشقلەندۈرۈپ، نەرسە-كېرەكلەرنى جايىغا قويۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.
   
8.پەلەمپەيگە چىقىش

بوۋاقنى ئېلىپ سىرتتىن ئۆيگە قايتقاندا، بوۋاقنى يېتىلەپ پەلەمپەيگە چىقىش. يېڭى ئۈگەنگەندە، ئاۋال بىر پۇتىنى پەلەمپەيگە ئېلىپ، ئىككى پۇتى بىلەن مەزمۇت تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىككىنچى قەدەمنى ئالىدۇ، ئانىسى ياكى دادىسى بوۋاق پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقاندا بوۋاققا بىرىنچى، ئىككىنچى ،ئۈچىنچى دەپ ساناپ بەرسە بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا، بوۋاق پەلەمپەيدىن چىقىشنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ساناشنىمۇ ئۈگىنىۋالالايدۇ. بوۋاققا ئېگىز جايدا تەڭپۇڭ تۇرۇشنى مەشق قىلدۇرۇش، ھەربىر پەلەمپەيدىن چىققاندا بەدەن شۇ ئېگىزلىككە ماسلىشىشى، يۇقىرى پەلەمپەيگە چىققاندا ئېغىرلىق مەركىزى ئاۋۋال تۆۋەندىكى پۇتىغا چۈشۈپ، ئاندىن ئېغىرلىق مەركىزى ئاستا-ئاستا يۆتكىلىپ بەدەننى يېڭى ئېگىزلىككە ماسلاشتۇرۇش ھەمدە بەدەننىڭ يېڭى تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى