ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار كارىۋىتىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى

بوۋاقلار كارىۋىتىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى

ۋاقتى: 2016-01-13 ئاۋاتلىقى: 624 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار كارىۋىتىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى

بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ بىخەتەرلىكى بىرىنچى

بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ تۈزۈلۈشى بىخەتەر، ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇش: بىخەتەرلىك رىشاتكىسىنىڭ ئېگىزلىكى 65-70 cm، رېشاتكا ئارىلىقى 5.5 cm بولۇش؛
بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ ماتېرىيال سۈپىتى بىخەتەر بولۇش: ئېغىرلىقنى كۆتۈرىدىغان ئورۇنغا ياغاچ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسان سۇنۇپ كېتىدۇ. ياغاچ يېڭى زىللاندىيە قارىغاي ياغىچى بولسا ئەڭ ياخشى، قېيىن ياغىچى، تېكتون ياغىچى ، شۇمتال ياغىچى، لىپا ياغىچى قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ.

بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ ئاساسى بىخەتەر، مۇستەھكەم بولۇش: بازاردىكى كارىۋات ئاساسىغا سېنتېتىك تاختاي ئىشلىتىلگەن ھەمدە  ئىچىگە ئېسىپ قويۇلغان كارىۋاتلار ئىنتايىن خەتەرلىك. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بوۋاقلار كارىۋىتىغا كۆپرەك تۆمۈر ۋە قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان كارىۋات ئاساسى ئىشلىتىدۇ، كارىۋات ئاستى بىلەن كارىۋات ئارىسىدىكى تۇتاشتۇرغۇچى ئەسلىھە ۋە تۇتاشتۇرغۇچى مېتالغا بولغان تەلەپ كۈچلۈك، ئادەتتە قىستۇرۇش ياكى ئاسما شەكىلدە تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ياغاچ ۋە مېتالدىن ياسالغان كارىۋات ئاساسىنى تۇتاشتۇرغاندا سۈركىلىشكە قارشى ۋېنتا ئىشلىتىلىدۇ.

بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ سىرى مۇھىت ئاسرايدىغان بىخەتەر بولۇش: ئالدى بىلەن پۇراش، ئاندىن تەركىبىگە قاراش، كارىۋات سىرىدا ئېغىر مېتال ۋە ئالدېھىد قاتارلىق زىيانلىق تەركىب بولماسلىقى كېرەك. رەڭلىك سىرلانغان بوۋاقلار كارىۋىتى بوۋاقنىڭ كۆرۈش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق، بىراق سىر قەۋىتى نىسبەتەن قېلىن بولۇپ، ياغاچنىڭ يۈزىنى يېپىۋالىدۇ، ياغاچ ماتېرىيالنىڭ سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكى بوۋاققا نىسبەتەن بەك مۇھىم. ئەگەر سىرلانمىغان كارىۋاتنى تاللىغاندا بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن تەبئىي سىر بېرىپ ياغاچنىڭ نەملىشىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بوۋاقلار كارىۋىتى زاپچاسلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى: يان رېشاتكىسىنى ئاچىدىغان زاپچاسلاردىن ئاساسەن بۇرايدىغان، تارتىدىغان، سىيرىلدىغان نۇسخىلىرى بار، زاپچاسنىڭ ماتېرىيال سۈپىتى رىشاتكىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ. سىيرىلما غالتەكنىڭ ماتېرىيالىدىن ئادەتتە ئادەتتىكى سۇلياۋ، قايتا ھاسىل بولىدىغان سۇلياۋ، قۇرۇلۇش سۇلياۋى، نىلون، تۆمۈر، داتلاشماس پولات قاتارلىقلار بار. نىلون ۋە داتلاشماس پولاتنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى، باھاسى يۇقىرىراق، ئىشلىتىلىش ئۆمرىمۇ نىسبەتەن ئۇزۇنراق. چاقلىق بوۋاقلار كارىۋىتىنى ئىشلىتىش قولاي، بىراق چاقتا بىخەتەر كونترول قۇرۇلمىسى بارمۇ-يوق ۋە پۇختىمۇ-يوق دېگەنگە دىققەت قىلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى