ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى

بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى

ۋاقتى: 2015-05-12 ئاۋاتلىقى: 725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى

 بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ ماتېرىيالى كۆپىنچە PVC، قىسقۇچ تور PVC، يېپىشتۇرغۇچى رەخت قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ؛ PVC ، قىسقۇچ تور PVC ئەتىياز، ياز، كۈز پەسلىدە ئىشلىتىشكە بىرقەدەر ماس كېلىدۇ. قىش كۈنى ھاۋا تېمپىراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان چاغدا ماتېرىيال قېتىپ بۇزۇلۇپ قالىدۇ. يېپىشتۇرغۇچى رەختنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ھەرقانداق ماتېرىيالنىڭ بەلگىلىك پۇرىقى بولىدۇ، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايدا شامالدىتىش كېرەك.

بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى چوڭلۇقى ئۆلچەملىك  چوڭلۇقىدىن كىچىكرەك بولىدۇ. بىر ياشلىق بولمىغانلارغا ئىشلەتمەكچى بولسا 70/70لىكنى سېتىۋالسىلا بولىدۇ، باھاسى ئەرزان بولۇپلا قالماي يەنە سۇ تېجەيدۇ.

سۇ ئۈزۈش چەمبىرىكىنى تاللىغاندا بوۋاقنىڭ بوينىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن چەمبىرەك دىئامېتىرىنڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بەلگىلەش، تاللىغان سۇ ئۈزۈش چەمبىرىكىنڭ دىئامېتىرى بوۋاقنىڭ بوينىدىن چوڭراق بولۇشى ، بوۋاقنى قىسىۋالماسلىقى كېرەك!

يەل بېرىلىدىغان بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى كۆركەم، باھاسى ئەرزان، بىر قارىسىلا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭراق، گاز قاچىلاش ئاۋارىچىلىق، شۇڭا ئائىلىدە ئىشلىتىش قولايسىز.

داتلاشماس پولات جازىلىق بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى   بۇ خىل بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى ئىشلىتىش قاتلاپ يىغىشتۇرۇش قولاي، كەمچىلىكى بولسا باھاسى يۇقىرى.

گاز قاچىلانمايدىغان جازىلىق بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنڭ باھاسى مۇۋاپىق، ئىشلىتىش قولاي،  يىغىشتۇرۇش ئاسان.  يۈزىنڭ ماتېرىيالى قىسقۇچ تور     PVC  ماتېرىيالىدىن ياسالغان بولۇپ بىرقەدەر پۇختا. كەمچىلىكى: ماتېرىيالى قاتتىقراق بولغانلىقتىن قاتلاپ-ئېچىش ئاسان ئەمەس، ئىشلەتكەندە كۆركەم ئەمەس، لېكىن ئىشلىتىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

نۆۋەتتە ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، مەنپۇ بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، فۇجىيابېي بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى،  مەنبويۈۋۇ بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، كىچىك دېلفىن بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ABC بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ئارشاڭ قوزام بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، يىڭتەي بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ئاۋبى بوۋاقلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى