بوۋاقلارغا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئۆگىتىشـنىڭ ئارتۇقچىلىقى
ۋاقتى: 2015-04-21
ئاۋاتلىقى: 545 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلارغا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئۆگىتىشـنىڭ ئارتۇقچىلىقى
بوۋاقلارغا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنى تۇنۇشنى ئۆگىتىش بولسا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە دۇنيانى بىلىپ چۈشىنىشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم . ئۇنىڭدىن باشقا بوۋاقلارغا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكـلىكلەرنى پەرىقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىش يەنە ئۇلارنىڭ كۆزىتىش ئىقـتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى چېنىقتۇرۇپ، ئەركىن ھەرىكەتقىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، قايسى خىل يېمەكلىكلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ياكى بىرلىكتە ئستىمال قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى تۇنۇشقا يېتەكلەش بالىلارنىڭ يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ ، بوۋاقلاردا توغرابولغان يېمەك- ئىچمەك قارىشى ۋە ياخشى بولغان يېمەكلىك تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ ، ئاشقازان-ئۈچەينى چېنىقتۇرۇپ ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ. ئەگەر كىچىكىدىن باشلاپ مەشىق قىلىنسا ۋە يېتەكلەنسە، بوۋاق ئۈچ –تۆت ياشقا كىرگەندە بۇ خىل ئاۋارىچىلىق يوق بولىدۇ.