ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاققا كۆكتاتلارنى تونۇتۇشنى ئۆگىتىشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى

بوۋاققا كۆكتاتلارنى تونۇتۇشنى ئۆگىتىشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 578 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاققا كۆكتاتلارنى تونۇتۇشنى ئۆگىتىشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى 


  تۆۋەندە سىزگە تۆت خىل ئۇسۇلنى ئۆگىتىمىز،  ئەركىن-ئازادە ھالدا بوۋىقىڭىزغا كۆكتات تۇنۇشنى ئۆگىتىڭ! باشقا دائىم ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بوۋاققا  ئۆگەتكىلى بولىدۇ.

   1. رەسىمگە قاراپ كۆكتات تۇنۇشنى باشلاش 

   ئالدى بىلەن دائىم كۆرۈلىدىغان كۆكتاتنى تۇنۇشنى باشلايمىز. مەسىلەن،  يېسىۋېلەك،  پالەك،  تۇرۇپ،  پەمىدۇر. ئالدى بىلەن رەڭگى ۋە شەكلىنى بىر سېلىشتۇرىمىز،  ئاندىن چوڭلار تۇنۇشتۇرماقچى بولغان  ئوبيېكتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كونكرېت تۇنۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرىمىز ياكى بوۋاقنىڭ ئېيتقىنىغا تۈزىتىشكىرگۈزىمىز ياكى تولۇقلايمىز. تەكشىلىكتىكى رەسىم مەشقىدە تېخىمۇ كۆپ رەڭ ۋە شەكىللەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى بار بولۇپ،  بوۋاققا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تۇنۇتىدۇ. 

   2. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كۆكتاتلارنى ئەمەلىي تونۇش

  ھەركۈنى كۆكتاتلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن بوۋاققا ئۇلارنى تۇقۇزۇپ، ئوخشاش بولمىغان كۆكتاتلار ئارىسىدىكى تۇتۇش سەزگۈسىنى پەرقلەندۈرۈپ رەڭ  ۋە  شەكىل  جەھەتتىكى پەرقلەندۈرۈشىنى كۈچەيتىمىز. ھەر كۈنىدىكى قايـتىلما پەرقلەندۈرش خىزمىتى  بوۋاقنىڭ ئەستە تۇتۇش  قابىليىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،  پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

  3. ئېسىدە تۇتۇۋالغان كۆكتاتلارنى تاللا بازىرىدىن ئىزدىتىش. بالىنى تاللا بازىرىغا باشلاپ بېرىپ،  كۆكتات يايمىسىنىڭ ئاللدىدا توختاپ،  بوۋاققا ئۆزى تۇنۇيدىغان كۆكتاتلارنى تۇنۇتقۇزۇش. بۇ ئۇنىڭ شەيئىيلەرگە قارىتا ئىزدەش ئېلىپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناتۇنۇش  شەيئىيلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بوۋاق بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكلەرنى تونۇۋالالايدۇ.

   4. تەم تەڭشەشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۆكتاتلارنى تونۇش. ئالدى بىلەن  بوۋاقلارغا كۆكتاتلارنىڭ تەم تەڭشەش  جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزەتكۈزۈش. ئانىسى تاماق  ئېتىۋاتقان ۋاقىتتا بالىغا كۆكتاتنىڭ پىشقان ياكى پىشمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشـنى مەشقلەندۈرۈش،  پىشقان كۆكتات بىلەن  پىشمىغان كۆكتاتنىڭ رەڭ جەھەتتىكى پەرقىنى تېپىش ئارقىلىق بالىنىڭ كۆزىتىش ئىقتىـدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كۆكتات قورۇشنى كۆزىتىشنىڭ تەرتىپى ئانىسى كۆكتات قورىغان ۋاقىتتا بالىنى ئانىنىڭ يېنىدا بىللە تۇرۇپ ئانىسىنىڭ كۆكتات قورۇش تەرتىپىنى ئىنچىكە كۆزەتكۈزۈش. قورۇپ بولغاندىن  كېيىن  ئۇنىڭغا  مەلۇم  كۆكتاتنى قورۇشنىڭ تەرتىپىنى ئېيتقۇزۇپ بېقىش،  مەسىلەن پېدىگەن-ئىنچىكە توغرالغان گۆش قورۇمىسىنى  قورۇغاندا ئالدى  بىلەن  ئىنچىكە  توغرالغان گۆشنى قورۇش ياكى پېدىگەننى قورۇش قاتارلىقلار. بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى  يۇقىرى كۆتۈرۈپ  تۇرمۇش  تەجرىبىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى