ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىچىك بالىلاردىكى كۆكيۆتەل بىلىملىرىدىن خۇلاسە

كىچىك بالىلاردىكى كۆكيۆتەل بىلىملىرىدىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 847 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىچىك بالىلاردىكى كۆكيۆتەل بىلىملىرىدىن خۇلاسە

كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيىسى(كۆكيۆتەل بوردەي باكتېرىيىسى )كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، تۇتقاقلىق سىپازمىلىق يۆتەل، توخۇ چىللىغاندەك نەپەس ئېلىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان كېسەللىكتۇر.بۇ كېسەلنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 2~3 ئاي بولغاچقا يۈز كۈنلۈك يۆتەل دەپ ئاتىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆكيۆتەلدىن ئىبارەت بۇ نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى يەنىلا ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە، پۈتۈن دۇنيادا ھەريىلى 20~30 مىليون كېسەللىك مىسالى يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 355 مىڭ بىمار ئۆلۈپ كېتىۋاىدۇ.دوكلات قىلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەر سېكۇنتتا بەش ياشتىن كىچىك بالىدىن بىرسى كۆك يۆتەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
كۆكيۆتەلنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەبى بار:

بىرىنچىسى بولسا نۇرغۇن بالىلار ۋاقتىدا ئەملەنمەي ياكى باشتىن ئاخىر ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنمەي (بەيرىپو ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسى)قالغانلىقى ئۈچۈندۇر، بەزىلەر يەنە بۇخىل ۋاكسىنىنىڭ قوشۇمچە تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقتىن ئەملەشكە ئۇنىمايدۇ.

ئىككىنچىسى بولسا كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيىسى <<ماسلىشىپ قالغان>>كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى <<ئىممۇنىت قارشىلىق>>نى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يەنى كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيسىدە گېن ئۆزگىرىشى بولۇپ ، ئەسلىدىكى ۋاكسىنا ئۈنۈمىنى يوقىتىپ قويدى؛


ئۈچىنچىسى بولسا كۆكيۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك باكتېرىيىسى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيسىدىن باشقا يەنە ئىككىلەمچى كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيسىمۇ كۆكيۆتەلگە ئوخشاش ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، بالىلار بەزى خىلامىدىيە، بەز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنمۇ كۆكيۆتەلگە ئوخشاش ئالامەتلەر پەيدا بولۇپ، كىلىنكىدا بۇنى ئايرىماق ناھايىتى تەس ئىكەن.كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بىر خىل<<كانايچە قان چىرىش مەنبەلىك باۋ تې شى تاياقچە باكتېرىيىسى>> دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك باكتېرىيىسىمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىدىكەن، بۇ باكتېرىيە ئەسلىدە ھايۋانلار كېسەللىكىنىڭ خىلامىدىيەسى بولۇپ، بىراق بەزىدە بالىلاردا سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆكيۆتەلگە ئوخشاش ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.ھازىر كۆكيۆتەلنىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى