ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خەلق ئەڭ ئۇلۇغ ئانا، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا

خەلق ئەڭ ئۇلۇغ ئانا، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا

ۋاقتى: 2015-10-04 ئاۋاتلىقى: 2025 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەلق ئەڭ ئۇلۇغ ئانا،  مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا
                                                                                                          ــــــــــ بالزاك
ئەي«بالا-بالا» دەپ يۈرەك باغرىنى كاۋاپ، ۋۇجۇدىنى خاراپ قىلىدىغان، بالا ئۈچۈن كۆز قارىچۇقىدىن يول بېرىپ، كۆز ياشلىرىدىن كۆل يسايدىغان مېھرى ئاتەش ئاتا-ئانىلار! سىلەر ئۆمۈرلۈك ھايات دەپتىرىڭلارغا ئۈمىد سىياھلىرى بىلەن دەر-مېنەت رەقەملىرىدىن «پەرزەنت» دېگەن نەقىشنى چېكىسىلەر، چۈنكى، پەرزەنت سىلەرنىڭ پۇشتۇڭلار، ئىز باسارىڭلار، سىلەر يېتەلمىگەن ئۈمىد مەنزىلىگە تۇغ-ئەلەم قادايدىغان ئۈمىد چىرىغىڭلار، ئەجدادلار ئچېىپ بەرەەن ھاياتلىق يولىنىڭ داۋاملىشىشى ياكى تاماملىنىشى پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيلىگەنلىكىڭلارغا باغلىق بولىدۇ. سىلەر ھەركىمنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنى، ئۇلۇغلىنىشنى ياكى خارلىنىشىنى، ھىممەتلىك ياكى ھىممەتسىز بولۇشىنى، بەخىتلىك ياكى بەختىسز بولۇشىنى ھەرگىز ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە مۇتلەق پۈتۈلگەن دېمەڭلار، بۇ ئالەمنى سەۋەب ئالىمى دەيسىلەرغۇ، ئەگەر پەرزەنتلەردە يامان سۈپەتلەرنى كۆرگىنىڭلاردا ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمەل ئەينىكىگە قاراڭلار، پەرزەنت سىلەرنىڭكى، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى يەنىلا سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا.



كىشىلىك جەمئىيەتتە ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدەك يېقىن مېھىر-مۇھەببەت بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەرگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئۇ ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى يەنە بىر ئادەمدىن ئالالمايدۇ، پەرزەنت بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپلا سىلەر پەرزەنت ئۈچۈنلا ياشاشقا باشلايسىلەر، كۆزۈڭلار پەرزەنت سەۋەبلىك كۆرىدۇ، يۈرىكىڭلار پەرزەنت ئۈچۈن سوقىدۇ. پۈتۈن ئارزۇ-ئارمىنىڭلار پەرزەنتلەر ئۈستىگە تىرىلىدۇ. يېمەي يېگۈزسىلەر، كىيمەي كىيگۈزسىلەر. پەرزەنت غېمى بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ جەمئىيەتتە ئۈستۈڭلارغا ناھايىتى ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ ئارتىلغانلىقىنى ھېسى قىلىپ يېتىسىلەر.
شۇنداق قىلىپ ئۆزۈڭلارنىڭ بەخت-سائادەت، ئارزۇيۇيلار ھەش-پەش دېگۈچە پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىستىقبالى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىلەر، دەرۋەقە، پەرزەنتىڭلارنىڭ بەختى سىلەرنىڭ بەختىڭلار، پەرزەنتىڭلارنىڭ بەخىتسىزلىكى سىلەرنىڭ بەخىتسىلىكىڭلار، پەرزەنتىڭلارنىڭ شادلىقى سىلەرنىڭ شادلىقىڭلار، پەرزەنتنىڭ غەم-قايغۇسى سىلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىڭلار بولۇپ قالىدۇ.
يېڭى بىر مېھمان بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ«ئىڭە» دېەەن يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن قەلبىڭلارغا تۇتاشقان ئوت تاكى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار مەڭگۈلۈك يۇمۇلمىغىچە ئۆچمەيدۇ. بۇ ئوت بەزىدە ئۇلغىيىپ سىلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا يارايدۇ، بەزىدەسۆيۈندۈرۈپ گۈلدەك ئېچىلدۇرىدۇ، پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىللىق، ئەخلاقلىق، ياراملىق ئادەم بولۇپ كىشىلىك جەمئىيەتتە بىر كىشلىك ئورۇن تۇتقانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭلاردىكى شادلىق ۋە بەخت ھۇزۇرى نەچچە ئون يىللاپ تارتقان مۇشەققەت داغلىرىنى يۇيۇپ ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىدۇ؛ ئەگەر پەرزەنتلەر يارامسىز چىقىپ ئەلنىڭ قارغىشىغا نىشان بولۇپ قالسا قەلبىڭلار ئەلەمدىن داغلىنىدۇ.
دەرۋەقە، ھېچقايسىڭلار پەرزەنتلەرنىڭ يارىماس، ئەقىلسىز، نادان، ئەلگە ئاپات ئادەم بولۇپ چىقىشىنى خالىمايسىلەر؛ بەلكى ۋەتەن، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقىلىيالايدىغان، ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلالايدىغان، ئەقىلىي قابىلىيىتى ۋە بىلىمى بىلەن ئەلنىڭ ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرزەنتلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئادا بولىسىلەر، ئەپسۇسكى، مۇنداق ئۇلۇغ ئارزۇ-تىلەك ۋە دۇئانىڭ خاسىيىتى بىلەنلا پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا بەخت قۇشىنىڭ قونمايدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. بىرىمىزنىڭ بالىسى شۇنداق ئەقىللىق ۋە پەزىلەتلىك، بىرىمىزنىڭ پەرزەنتى ئىنتايىن پەزىلەتسىز، نادان، دۆت بولۇپ چوڭ بولغانلىقىنى؛ بىرىمىزنىڭ پەرزەنتى ياخشى ئوقۇپ دوكتور، ئالىم بولۇپ ئەلگە تۆھپە قوشۇۋاتقان، بىرىمىزنىڭ پەرزەنتى كېچە-كۈندۈز رېستۇرانمۇ-رېستۇران، قاۋاقخانىدىن قاۋاقخانا ئارىلاپ يۈرگەن، تەييارغا ھەييار بولۇپ ئىچىپ-چېكىپ ئائىلىنى سورىغان؛ بىرىمىزنىڭ پەرزەنتى گۈلدەك ھۈنىرى بىلەن كىشىلەرنى رازى قىلىپ، ئۆزىنىمۇ، ئائىلىسىنىمۇ رازى قىلىپ بەخىتلىك ياشاۋاتقان، بەزى پەرزەنتلەر قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەي بىكار تەلەپ، ھورۇنلۇق بىلەن ئۆمۈر بويى ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ تۇرغان؛ بەزى پەرزەنتلەر ھالالدىن پۇل تېپىپ خەلق ئۈچۈن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ئەلنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتقان، بەزى بالىلار چىقىش يولى تاپالماي تېنەپ-تەمتىرەپ ئاخىرى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قانۇنسىزلىق يولىنى تۇتۇپ قامىلۋاتقان، ئېتىلۋاتقانلارنى ئۇچۇق كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.
ئۇنداق بولسا مۇنداق ماھىيەتلىك پەرقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟
ھەقىقىتىنى ئېيتىقاندا، ھېچقايسى ئاتا-ئانا پەرزەنتىمىزنىڭ بەختسىز، ھارام تاماق بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز، ھېچقايسىمىز ئۇلارنىڭ يارامسىز بولۇشىنى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تۈرمىدە يېتىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز، ئەپسۇسكى، ئىرادىمىزگە قارشى ھالدا ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە يۇقىرىقىدەك ئوخشاشمىغان قىسمەت كېلىپ چىقىدۇ. ھەتتا بىر قورساقتىن تۇغۇلغان، بىر خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان، بىر ئاتا-ئانىنىڭ، بىر مۇئەللىمنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان ئىككى بالىنىڭ تەقدىرىدىمۇ ئوخشاشمىغان قىسمەتلەر يۈز بېرىدىكەن. ياخشى بالىلارنى كۆرگەنلەر ئۇلارنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن ئاتا-ئانىلارغا بارىكاللا ئېيتىشىدۇ، 
يامان، ئەسكى بالىلارنى كۆرگەنلەر ئاتا-ئانىلارغا لەنەت ئوقۇشقا ئالدىرىشىدۇ. ۋەھالەنكى، پەرزەنتلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشى كۆپ تەرەپلىملىك ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. ئائىلە تەربىيىسى ۋە تەسىرى، مەكتەپ تەربىيىسى،  پەرزەنتلەرنىڭ تۇغما ئەقلىي قابىلىيىتى، جەمئىيەتنىڭ تەسىرى، ئىقتىسادىي ئامىل ۋە ئىرسىي خۇسۇسىيەت قاتارلىقلار پەرزەنت تەربىيىسىدە بىر-بىرىەە تەسىر قىلىدۇ ۋە بىر-بىرنى تولۇقلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ەرئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئورنى ۋە رولى ئەڭ مۇھىم. بۇ نۇقتىدا دۇنيادكى بارلىق پېداگوگ ۋە پىسخولوگلارنىڭ پىكىرى بىردەك. كومېنسكىي مۇنداق دەيدۇ:«ئىنسان تەبىئىتىگە بالىلىقتا سىڭدۈرگەن پەزىلەتلەرلا مۇستەھكەم ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ.»دىرژېنسكىي مۇنداق دەيدۇ:«بالىلارنىڭ گۇناھىمۇ، خىزمەتلىرىمۇ كۆپ تەرەپتىن ئاتا-ئانىلار زېممىسىگە چۈشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا ھاۋالە قىلىنىدۇ.»
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولۇش بىر تەرەپتىن بۇرچ. يەنە بىر تەرەپتىن، يۈكسەك مەسئۇلىيەت. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن بۇ خىل بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت خۇددى خۇرجۇننىڭ ئىككى قانتىغا ئوخشاش بىرىگە ئائىلىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، يەنە بىرىگە جەمئىيەتنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن. ئائىلىدە مەسئۇلىيەتتىن ئالغاندا، ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتماسلىق، ئائىلىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەسلىك ۋە ئۆزلىرىنىڭ نام-نىشانىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم پەرزەنتلىك بولۇش كېرەك، دەپ بىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى بېقىپ، تەربىيلەپ جەمئىيەتكە قوشۇش مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىدۇ. ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن پۈتمەيدۇ. ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدىن ئالغاندا پەقەت ئۆزىگە ياكى ئائىلىسىگىلا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا پەرزەنت ئاتا-ئانىلارنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ.
ھەقىقىتىنى ئېيتىقاندا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بالىغا ئاتا-ئانىلار «مېنىڭ» دەپ ئىگىدارچىلىق قىلىپ چوڭ قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، «مېنىڭ»دېگەن باسقۇچ ئىنتايىن قىسقا مەزگىللىك، ئاساسلىق ھايات قىسمىتىنىڭ جەمئىيەتكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.
ئىككىنچى تەرەپتىن قارىغاندا، تۇغۇپ، نان-ئاش بېرىپ، چىرايلىق كىيىدۈرۈپ چوڭ قىلىپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا ھەقىقىي مەنىدىكى ئاتا-ئانا بولۇش بۇرچىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىق بولمايدۇ، چۈنكى ھايۋانمۇ تۇغىدۇ، بالىسىغا شۇنداق مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ، يالاپ كېتىدۇ، بالىلىرىنى يىرتقۇچلاردىن قوغداش ئۈچۈن ھەتتا ئۆزلىرىنى پىدا قىلىدۇ. ئۇنداق بولسا ھايۋاننىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرقى نېمە؟ بالا تۇغۇپ ئۆستۈرۈش ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئۈچۈن ئورتاق قانۇنىيەت. بىراق ئىنسان ئانىلىرىنىڭ قىممىتى پەقەت بالا تۇغۇپ، ئېمىتىپ، چوڭ قىلغانلىقى بىلەنلا ئۆلچىنىپ قالىدىغان بولسا، ھايۋانمۇ تۇغۇپ، ئېمىتىپ چوڭ قىلىدىغۇ؟ بۇنىڭدىن قارشقا بولىدۇكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنساننىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇش شەرتى ئىنتايىن بۈيۈك مەسئۇلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. شۇڭا ئادەم بولۇش سۈپتىمىز بىلەن پەرزەنتلەرنى مەقسەتلىك، نىشانلىق، ئاڭلىق يوسۇندا ئىنسانىي ئىقتىدارغا، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە، ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش مەسئۇلىيتىمىز بار. بۇ خىل مەسئۇلىيەت ئۆزىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەنمۇ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى بىلەنمۇ، ئەلنىڭ تەقدىرى، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. بۇنداق يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھېس قىلغان ئاتا-ئانىلار، شان-شەرەپكە مۇناسىپ ئاتا-ئانا بولماقنىڭ ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
خەلق ئۇلۇغ، بىراق يەنىلا ئەڭ ئۇلۇغ، پەزىلەتلىك، يارملىق ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ چىقىشقا موھتاج. ئۇلۇغ پەرزەنتلەرنىڭ چىقىشى، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئۇلۇغ ئاتا-ئانىلارغا باغلىق، ئۇيغۇر خەلقى ئىلغار پەرزەنت تەربىيىسى ئەنئەنسىگە ئىگە. تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۆزلىرىنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ دۇنياغا داڭلىق ئۇلۇغ شەخىسلەرنى جەمئىيەتكە چىقىرىپ، ۋەتەنگە، مىللەتكە تەڭداشسىز شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئۇلۇغ ئالىملارنى، تەڭداشسىز سەركەردىلەرنى، تونۇلغان سىياسىئونلارنى، مەشھۇر دۆلەت ئەربابلىرىنى تەۋەللۇت قىلىپ لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش بىلەن، ئۇلارنىڭ نام-شەرىپىنى، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ناماين قىلدى.
ھەربىر تارىخىي دەۋر ئانىلار ئۈستىگە شۇ دەۋرگە خاس بولغان مەسئۇلىيەتنى ئارتقان بولىدۇ. ھازىر تارىخ يېڭىلاندى، دەۋر ئۆزگەردى. تۇرمۇش رىتىمى غايەت زور دەرىجىدە تېزلەشتى. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات سۈرئىتى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە. ئىنسانىيەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىدا زور يېڭىلىنىش بارلىققا كەلدى. دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسىگە قويۇلغان تەلەپ تېخىمۇ ئېغىر، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەت تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى پەرزەنت تەربىيىلەش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىدا يەنىلا فېئوداللىق قالاق تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ تەسىرى ساقلانماقتا. ھازىرقى دەۋر، ئىلغار ئەنئەنىۋى پەرزەنت تەربىيىسى بىلەن سوتىسيالىستىك زامانىۋى ئاڭغا ئىگە مەدەنىيەتلىك ئىز باسارلارنى تەربىيىلەشنى بىرلەشتۈرۈپ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بالىلارنىڭ يەنىلا قالاقلىق، نادانلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى «تەقدىر» بويۇنتۇرۇقىدا داۋاملىق بەند بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ.
ھازىرقى جەمئىيەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئانىلىرى ئويغاندى، كۆزى ئېچىلدى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى. شۇڭىمۇ ئۇلار پەرزەنتلەرنى مۇنتىزىم تەربىيىلەپ، ئەقىللىق، ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇلۇغ خەلق، ئۇلارنىڭ مىڭلغان، مىليونلىغان ئۇلۇغ ئانىلىرى بار. ئۇلارنىڭ قولىدىن ئەڭ ياراملىق ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئىشنىمىز.
بىراق بىز شۇنىمۇ ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى زامان ئىلغار پەن-مەدەنىيەت تەربيىسى قوبۇل قىلىشتىن مەھرۇم قالغان. شۇڭا ئۇلاردا پەرزەنتلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيىلەش جەھەتتە تەجرىبە ۋە سەۋىيە كەمچىل. بۇ ھال ئاتا-ئانىلارنىڭ ھازىرقى دەۋرنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىغا مۇناسىپ ھالدا پەرزەنت تەربىيىلەپ چىقىشنى بەلگىلىك چەكلىمىگە ئۇچىرىتىدۇ.
مەن خېلى ئىلغار ۋە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە ئەتراپلىق تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولدۇم. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىن ئوزۇق ئالدىم. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 40 يىل ياشاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسى بىلەن تەربىيىلەندىم. نۆۋەتتە مەن بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىليونلىغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىر ياخشى تەربىيچىسى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. بۇ مەقسىتىمنى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئانىلىرىنى تەربىيىلەش يولى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ھازىرغىچە يەكۈنلىگەن بىر قاتار تەجرىبە-ساۋاقلىرىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلغا تەلىم-تەربىيە ئەنئەنسى ۋە ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ ئىلىمىي ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا بۇ قوللانمىنى يېزىپ چىقتىم. قوللانمىدا قۇرۇق نەزەرىيىۋى مەسىلىلەرنىلا ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى چۈشنىۋېلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن مۇھىم قانۇنىيەتلىك تەرەپلەرنى كونكرېت بايان قىلدىم. يەنە بىر جەھەتتىن، ئاتا-ئانىلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا ياردىمى بولار دېگەن نىيەتتە تەربىيىنىڭ مۇھىم بىر ئۇسۇلى بولغان نەسىھەتتىن نەمۇنىلەرنى كىرگۈزدۈم. زۆرۈر تېپىلغاندا بىر قىسىم قىممەتلىك ھېكايىلەرى قىستۇردۇم. ئەگەر بۇ قوللانما ئاتا-ئانىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە پايدىلىنىشىغا ئەرزىپ قالسا، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختىيار ھېسابلىغان بولاتتىم.
مېنىڭ ئۈمىد ۋە ئىشەنچىم شۇكى، بۇ ئەسىرىم پەرزەنتلەرنىڭ ئىككىنچى ئاتا-ئانىسى بولغان ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇسى؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىتابنىمۇ ئوقۇتۇپ ئادەمنىمۇ تەربىيلىشى ئۈچۈن ياردەمچى بولغۇسى؛ يېڭى توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان قىز-يىگىتلىرىمىزمۇ بۇ كىتابتىن تېگىشلىك مەنىۋى ئوزۇق ئالالىسا، كېيىنكى تۇرمۇشى ئۇتۇقلۇق، مەنىلىك ۋە بەختىيار بولغۇسى!

«ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى