• يىغىنچاقلانغان ۋە مۇكەممەللەشكەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودى

    2008-06-05


    blogbus نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، يەنىلا قىسمەن ئۇيغۇرچىلاشمىغان يەرلەر بار، ھەم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودلېرىنىڭ بلوگ كودىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىمۇ بەك چېچىلاڭغۇ ۋە قالايمىقان بولۇپ كەتتى.
    تۆۋەندە يىغىنچاق ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىنى تونۇشتۇرىمەن ، بۇ كودنى قوشۇش ئارقىلىق تېخى ئۇيغۇرچىلاشمىغان يەرلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ۋە كودنى تېخىمۇ يىغىنچاق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، خەتنى ھەرۋاقىت ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.
    ئىشلىتىش تېخىمۇ ئەپلىك.
    بۇ كود ئارقىلىق بەت ئۆرۈش تىزىملىكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
    ئۇندىن باشقا ئىنكاس رايونىدىكى ئۇيغۇرچىلاشمىغان خەنزۇچە خەتلەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

    بۇ كودنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئاۋۋال بلوگىڭىزدا ئەسلىدە قوشقان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودلېرىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.

    تۆۋەندىكى كودنى head ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

    ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى
    files/12126361340.js
    مۇشۇ ھۆججەتتە. چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

    يەنە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىغان بىرلا يەر قالدى ، باشقۇرغۇچى جاۋاب قايتۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان 回复 دىگەن سۆزنى جاۋاب دەپ ئالماشتۇردۇم . لېكىن باشقۇرغۇچى قايتۇرغان جاۋابنىڭ ئۈستى تەرىپىدە يەنە بىر ئوخشىمىغان مەنىدىكى 回复 دىگەن سۆز بولغاچقا ، ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۇشتا بۇ ئىككى 回复 نى ئىككى خىل قىلىپ ئالماشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم .


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ماڭا ياردەم قىلدىغانلار بارمۇ ؟ مەن بەك قىينالدىم! qq79598078
  • مىنىڭ بىلوگۇمدا ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بول مىدى بەك
    تىرىشتىم فونىتنى زادىلا يوللىيالمىدىن .بىرياردەم قىلاسىزمۇ؟
    بۇمىنىڭ ئادىرسىم؛ http://akellar.blogbus.com/
    چچ؛784666157


  • ياخشىمۇسىز،مەن سىز چىقىرىپ قويغان كودتىن پايدىلاندىم .ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشىكەن،رەخمەت
  • anatilim.blogbus.comنى كۆرۈپ باقسىڭىز، مۇشۇ كودنى ئىشلەتتىم بولمىسا، لېكىن باش بەتتە كۆرۈنىدىغان تېما ئۈزۈندىسىنىڭ ئاستىدىكى ئىككى يەردە يەنىلا خەنزۇچە چىقىۋالدى.
  • <<يىغىنچاقلانغان ۋە مۇكەممەللەشكەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودى>>بولسا<< ئۇسلۇپ>>نى يەنى ئۇسلۇپ كودىنى كۆرسىتەمدۇ ؟ <<ئاۋۋال بلوگىڭىزدا ئەسلىدە قوشقان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودلېرىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.>>دىگەن سۆز ئەڭ دەسلەپ head قا كۆچۈرۈپ چاپلىغان ئۇسلۇپ ھۆججىتىنى كۆرسىتەمدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز. ئىنكاس يازمىلىرىغا قارايدىغان بولساق خىلى كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سىز يازغان بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ماتىرىياللارنى ئوقۇپمۇ يەنىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايۋاتقانلىقىنى يىزىپتۇ ، بۇ نىمە دىگەندە بىر قىسىم باسقۇچلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەلەيدىغۇ دەپ ئىزاھلىماي ئۆتۈپ كەتكەنلىگىڭىزدىنمىكىن دەيمەن .رەھمەت سىزگە!
    ئارامگاھ回复Ruslan说:
    مەن ئىلگىركى يازمىلاردا ھەممە گەپنى دەپ بولغان ، بۇ يەردە يەنە قايتا قايتا تەكرارلاش ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقىمىكىن دەيمەن . يۇقىرقى كودنى ئىشلىتىشمۇ ناھايتى ئاسان ، ئۇسلۇب ھۆججىتىدىكى head دىگەن يەرگە قوشۇپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
    2008-12-30 18:32:41
  • [avatar:30]مەنمۇ تۇنجى بىلوگ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم بىراق قانداق ئۇيغۇرچە قىلىشنى بىلدىم، مەسىلەن ئۇ كودنى قەيەرگە كۆچۈرۈمىز، قايسى ئىقتىدارىدا قەيەرگە كۆچۈرىمىز، بىزدەك مۇشۇ ئەمدىلا تونۇشقان بىلوگقا قانداق ئۇيغۇرچە قىلىشنى ئۈگىتىپ قويغان بولسىڭىز، بولمىسا مەنمۇ تەپسىلى كۆردۈم لىكىن قەيەردىن قانداق باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم بولسا رەسىملىك تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسىڭىز بەك مىننەتدار بولۇپ قالغان بولاتتۇق!!!
    چچ 245676830
    ئارامگاھ回复ئەمەتجان说:
    مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقلاردىن خالى بولارمىكىن دەپ ئۇزبلوگ تورى قۇرۇلغان ، قېنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ : www.uzblog.cn
    2008-12-30 18:33:56
  • [avatar:30]replaceIt("第一页","باش بەت"); نىڭ ئۈستى تەرىپىگە replaceIt("第一","باش"); دىگەن كودنى قوشقاندا <<سىز كىرگۈزگەن خەتنى ۋاقتىنچە ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ>> دەپ ئەسكەرتىش رامكىسى چىقىۋالدى، بىراق كىيىنكى بەت دىگەن خەتمۇ ئۇيغۇرچە چىقتى، ئارامگاھ بلوگىدا بۇ خىل ئەھۋال يوقكەن، ئارامگاھ ئەپەندى سىز باشقىچە ئۇسۇل قوللاندىڭىزمۇ، ياكى head قىسمىغا قوشۇلغان JS لارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزىمىزمۇ؟
    ئارامگاھ回复ئەنقا说:
    بۇ كودنى مەن تەڭشەپ قويغان ، يېڭى سۆز قوشۇش ئۈچۈن يەنە js ھۆججىتىگىمۇ مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز، يۇقىردا تەمىنلەنگەن كودنى ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ .
    2008-09-22 10:32:58
  • [avatar:30]ياخشىمۇ سىز ؟ئارامگا ئەپەندى،بلوگدىكى تۈر لەر مەزمۇنىنى باشقا رەڭگە قانداق ئوزگەرتىمىز ؟ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن،رەھمەت
    ئارامگاھ回复ئۇزدىيار说:
    #sidebar .modBody ul li a

    مۇشۇ بۆلەكنى تېپىپ ، رەڭ كودى قوشۇڭ . بىراق ، يان بۆلەكتىكى بارلىق مەزمۇننىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كىتەمدىكىن...
    2008-09-15 10:05:07
  • [avatar:30]مەن بىلوگنى ئۇيغۇرچە فونىت يوق كومپىيۇتۇردا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرۈستەلمىدىم .
    (بولۇپمۇ تورخانىدا ) قانداق قىلسام ئاندىن نورمال كۆرۈنىدۇ .
    ياردىمىڭىزنى ئايمىغايسىز !بىۋاستە Email:ablikim1988@gmail.com گە ئەۋەتىۋەتسىڭىز !
    ئارامگاھ回复ياغما说:
    فونت يوق كومپيۇتېرلاردا نورمال كۆرسىتىش دىگەن يازمامنى كۆرۈڭ .
    2008-09-15 10:02:14
  • [avatar:30]سىز دىگەن Headھۆججىتىنى قەيەردىن تاپىمىز ؟؟؟؟FTPبوشلۇققا كىرەمتۇق يا؟
    ئىنىقراق ئىېيتىپ بەرگەن بولسىگىز ......
    ئارامگاھ回复شەبنەم说:
    بلوگنىڭ باشقۇرۇش سەھنىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ .
    ھەممە ئىقتىدار باشقۇرۇش سەھنىسىدە
    2008-09-01 10:27:08
  • [avatar:30]ئالدىنقى بەت، كېيىنكى بەت دىگەن خەتلەر 上一 بەت، 下一بەت دەپ چىقىۋالىدىكەن. مەن مۇشۇنى دىمەكچى ئىدىم. ئەمما مەن دىگەن كودنى قوشقاندىن كېيىن يەنە بىر مەسىلە يۇز بەردى. <<سىز كىرگۈزگەن خەتنى ۋاقتىنچە ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ>> دىگەن خەنزۇچە خەت بار بىر كۆزنەك چىقىۋالدى.
  • [avatar:30]replaceIt("第一页","باش بەت"); نىڭ ئۈستى تەرىپىگە replaceIt("第一","باش"); دىگەن كودنى قوشۇپ يېزىپ قويساق تولۇق ئۇيغۇرچە بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا ھەر قايسى بەتلەرنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى <<باش بەت كېيىنكى بەت ئاخىرقى بەت>> دىگەن خەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچە خەتلەر ئارىلاش بولۇپ قېلىش ئەھۋالى تولۇق ھەل بولىدىكەن.
    ئارامگاھ回复تارىم说:
    خەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچە خەتلەر ئارىلاش بولۇپ قېلىش ئەھۋالى
    ---------
    شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەنمۇ؟
    قارىسام ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ نورمالغۇ، يا مەن بايقىيالمىدىممۇ
    2008-08-14 10:02:47
  • [avatar:30]مەنمۇ قىلىۋالدىم رەھمەت!
    http://bizning.blogbus.com/
  • [avatar:30]مەن تېخى يېڭىدىن بىلوگ توربىتى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم .
    بىلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا بەكلا قىينالدىم .
    شۇڭا مەندىن ياردىمىڭلارنى ئايمىغايسىلەر!
    ablikim1988@gmail.com ئېلخەت يېزشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!!
    ئارامگاھ回复ئابلىكىم说:
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تەس ئەمەس، بلوگدا مەن بۇ ھەقتە ئاساسەن توختىلىپ بولدۇم ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلېرىمنى ياخشىراق كۆرۈپ سىناق قىلىپ باقسىڭىز ، كۆپرەك ئىزدەنسىڭىز ئاسانلا ئۆگىنىۋالىسىز
    2008-07-14 09:53:05
  • تۆنۈگۈن بلوگۇمدىكى سىزنىڭ كودقا قوشقان رەسىملىرىڭىز كۆرۈنمەپتىكەن ، بەك قورققان ، يا سىزدەك كودنى ئانچە بىلمىسەم ، بۈگۈن شۇ ئۇسلۇبتىكىلەرمۇ ئەسلىگە كەپتۇ.
    ئىقتىساسلىق دېمەي نېمە دەيمىز... ئاسان ئىش بولمىسا بۇ.
    مەن تىزىملىك قوشاي دېگەن بىراق بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن دەڭە...
  • [avatar:30]رەھمەت سىزگە .
    مەنمۇ ھەركۇنى بىر قېتىم چىكىپ قۇيۋاتىمەن
  • ئۇنداقتا كەڭەيتكىلى بولمايدۇ دېگەن گەپكەندە، ھــــــــەي بوپتۇلا، بەرىبىر سىزگە ھەممىىز رەھمەت ئېيتىممىز.
    تورداشلار ، ئۆز ئارا مۇشۇنداق ئىقتىساسلىقلارنىڭ بلوگىغا كىرگەندە ئېلانى بولسا ئېغىر ئىش بولمىغاندىكى چىكىپ قويايلى ھە.
    ئارامگاھ回复بىلىملىك بلوگ说:
    ئىقتىساسلىق دەپ ئاتىلىشقا خىجىل بولىمەن ، مەن بىر چالا موللا خالاس.
    2008-06-25 09:35:53
  • بۇنداق قىلسا باشقا چاتاق چىقىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق . سەل قورقىۋاتىمەن جۇمۇ...
    لېكىن سىزگە كۆپ رەخمەت. مەنمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋالدىم ئەمەسمۇ باشتىكىسىدە. ئۇنى يوليار بەردى.
    مەن سىزدىن بىر ئىشنى سوراي . سىز بلوگنى تەتقىق قىلىپ راسلا يېتىشىپ كېتىپسىز ، مىللىتىمنىڭ بۇنداق بىلىملىك بىرسى چىققىنىدىن خوشالمەن.
    مەن ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ كەڭلىكىنى پەقەت كەڭەيتەلمىدىم كەڭەيتسەم بىر بولسا گىرۋىكى كېڭىيىپ كەتتى بىر بولسا ئۈستىدىكى رەسىمى. #container { نىڭ ئاستىدا 700 دەپ (كەڭلىكى) باركەندۇق مەن ئۆزگەرتسەم ئۇسلۇب بۇزۇلىۋالدى ئاندىن ئەسلىگە كەلتۈردۈم ، ئاستىدىكى ئىككى ياندىكى گىرۋەك ۋە رەڭلىرىنى ئۆزگەرتتىم بىراق كۆزلىگەن مۇددىئايىمغا يېتەلمدىم ، شۇڭا دەپ بەرسىڭىز ، ئۇسلۇبنىڭ مەزمۇن ئىچىنى كەڭەيتىپ باشقا يەرنى ئۆز پېتى قويغىلى بولارمۇ؟ يەنى ئوڭ تەرەپتىكى تۈرلەرنىڭ كەڭلىكى ۋە سىرتقى گىرۋەكلىرى ئۆز پېتى تۇرۇپلا مەزمۇن پاتىدىغان جايى كېڭەيسە بولاتتى، سىزنىڭمۇ ئىككىتەرەپكە يېقىن ئىكەن.
    ئارامگاھ回复بىلىملىك بلوگ说:
    سىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ كەڭلىكىنى ئاشۇرماقچى بولسىڭىز تەگلىك سۆرەتلىرىنىمۇ قايتىدىن تەھرىرلەپ كەڭلىكىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. container نىڭ كەڭلىكىنىلا ئاشۇرسىڭىز تەگلىك رەسىمى بىلەن ماس كەلمەي ، كۆرۈنۈش بۇزۇلىدۇ.
    2008-06-24 15:50:24
  • [avatar:30]نورمال بولمىدىغۇ؟
  • [avatar:30]مەن بۇ كودنى ئىشلەتسەم بولمىدىيا؟ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىنى ئۆچۈرىۋەتكەن بولمىسا............
  • [avatar:30]قوشۇقلۇق[defFace:2]
  • [avatar:30]كەچۈرۈڭ، تۈنۈگۈن ئالدىراشچىلىقتا ساقلىمايلا يېزىپ ساپتىمەن ئۇ ئىنكاسنى. مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ CSS نى ئويناۋاتقىلى يېرىم كۈن بولدى، ئىنكاس يوللايدىغان يەردىكى ئىسم يازىدىغان input ۋە يوللاش دېگەن كۇنۇپكىنىڭ خەت نۇسخىسىنى توغرىلىيالمىدىم.[defFace:8] ئويناپ باقامسىز؟
    http://koklem.googlepages.com/uslub.css
    (يازلىق چىرايلىق ئۇسلۇبكەنتۇق، قاملاشمىغان يېرىنى توسۇپلا ئىشلەتتىم)
    ئارامگاھ回复كۆك说:
    css نىڭ input بۆلىكىگە font-family قوشۇڭ ، button بۆلىكىگىمۇ font-family قوشۇڭ.
    2008-06-10 14:00:45
  • [avatar:30]ئىشلىمەيدىغۇ؟؟ ئىشلتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىيرەك دەپ بەرسىڭىز، رەھمەت!
    ئارامگاھ回复كۆك说:
    سىزنىڭ نورمال ئىشلەۋېتىپتۇ. بلوگ ئۇسلۇبىڭىز ئۆزگىچە ئىكەن .[defFace:10]
    2008-06-10 09:44:52
  • [avatar:30]بۇرادەر سىلى تەۋسىيە قىلغان بۇ كود ئىشلىمەي قويدىغۇ ؟ بىز يا كونكېرىت ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلەلمىدۇقمۇ ؟
    ئارامگاھ回复يۈكسەل说:
    بۇرۇنقى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودلېرىنى ئېلىۋېتىش كېرەك ، بولمىسا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇ يەردىن مەسىلە چىققان ئوخشايدۇ.
    2008-06-10 09:42:34
  • [avatar:30]تېمىڭىزغا رەھمەت! ئارامگاھ ئەپەندىم، ئىزدىنىش روھىڭىز توختاپ قالمىغاي!
    ئارامگاھ回复دۇنياقارا说:
    سىزگىمۇ رەھمەت!
    2008-06-05 13:10:51
  • [avatar:30]مۇبارەك بولسۇن!
    بۇ بىر نەچچە ئاي سەل ئالدىراش بوپ قىلىپ تورغا چىقىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
    قانداق ئەھۋالىڭىز. ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟
    (خاپا بولماي ماۋۇ كود نىمۇ بلوگىمغا قوشۇپ بەرگەن بولسىڭىز، ماڭا تورغا چىقىش پۇرسىتى بولمايۋاتىدۇ..[defFace:5])
    ئارامگاھ回复ئۈمىد说:
    خۇداغا شۈكرى ياخشى تۇرىۋاتىمەن ، ئۆزىڭىز ياخشىمۇ؟ ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز .
    كودنى مەن قوشۇپ قوياي. [defFace:10]
    2008-06-05 11:58:52