-
كۆپلىگەن تورداشلار blogbus نىڭ [VIP] مۇلازىمىتىگە ئېرىشىپتۇ ، لىكىن بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمايۋاتقانلارمۇ كۆپ ئىكەن ، ئەمىليەتتە مەنمۇ بۇ مۇلازىمەتتىن ئانچە پايدىلىنىپ كەتمىدىم ، ئۇنداقتا [VIP] غا ئېرىشكەننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
1. ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ بلوگ بوشلۇقى 10مېگابايت ، [VIP] ئەزالارنىڭ بلوگ بوشلۇقى چەكسىز چوڭلۇقتا.
2. ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ بلوگىدا ئېلان بار ، [VIP] ئەزالارنىڭ بلوگىدا ئېلان يوق.
3. ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ بلوگىنى بىرىنجى دەرىجىلىك تور نامى بىلەن باغلىغىلى بولمايدۇ ،[VIP] ئەزالارنىڭ بلوگىنى بىرىنجى دەرىجىلىك تور نامى بىلەن باغلىغىلى بولىدۇ.
4. ئادەتتىكى ئەزالارغا بىرىنجى دەرىجىلىك تور نامىنى ۋەكالىتەن ئېلىپ بەرمەيدۇ ، [VIP] ئەزالارغا بىرىنجى دەرىجىلىك تور نامىنى ۋەكالىتەن ئېلىپ بېرىدۇ (پۇل تۆلەيسىز ) ، تور نامىنى http://domain.blogbus.com/ مۇشۇ ئادىرىستىن ئالىسىز .
5. [VIP] ئەزالار باشقا بلوگ مۇلازىمەت تور بېكىتىگە يۆتكەلمەكچى بولسا ، ياردەملىشىپ يۆتكىشىپ بېرىدۇ .
6. [VIP] ئەزالىرى ئۆزى خالىغان ئۇسلۇب بۇيرۇتۇپ ياسىتىشقا بولىدۇ ، (ئەڭ تۆۋەن باھاسى 200 يۈەن ، 300يۈەندىن 500 يۈەنگىچە بولغان ئۇسلۇبمۇ بار )
7 . [VIP] ئەزالىرى بلوگىنى ئۆزىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك تور نامى بىلەن باغلىيالايدۇ . domain-service@blogbus.com مۇشۇ ئېلخەت ئادىرسىغا خەت يېزىپ بىرىنجى دەرىجىلىك تور نامى بىلەن باغلىماقچى بولغانلىقىڭىزنى دەيسىز ، ئاندىن تور ئادىرسىنى ، بلوگ ئادىرسىڭىزنى تەمىنلەيسىز.
评论
مەسىلەن : http://blog.palani.com دېگەندەك .
مۇشۇنداق قىلىش ئۈچۈنمۇ يۇقارقىدەك قىلىش كېرەكمۇ ؟
يەنى URL 转发
بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ ئىككىنجى دەرىجىلىك تورنامى تەمىنلىگەن ئورۇندىن مەشغۇلات قىلىسىز.
مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغىرسىدىكى تىمىلىرىڭىزنىڭ ناھايتى ياخشى پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن. رەھمەت سىزگە!
مەن سىزنىڭ بۇ بىلىملىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ بىر ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلغان ئىدىم. ئىككى مەسىلىگە يولۇقتۇم 1) قوشۇمچە سىتونى ئەسلىدە سول تەرەپتە ئىكەن بۇنى ئوڭ تەرەپكە يۆتكەشكە ياردەم قىلىسىڭىز بوپتىكەن.
2) بۇ ئۇسلۇب firefox دا ئىنتايىن نورمال لىكىن ie دا پەقەت نورمال ئەمەس بۇنىڭغا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن. سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدۇم
بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن سىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت
#outerContent { قىسمىغا
float: left;
دەپ قوشۇڭ
#outerSidebar { قىسمىغا
float: right;
دەپ قوشۇڭ
firefox دا نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىگە مېنىڭ ھازىرچە ئامالىم يوق ، firefox بىلەن IE نىڭ كود ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى پەرقى ئۈستىدە تېخى ئىزدىنىپ باقمىدىم.
ھىيىتنى خۇشال ئۆتكۈزگەنسىز.
ماڭا يەنە بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن. چىسلا تەگلىكىنى قوشسام ماۋزۇ بىلەن تىما ئارلىقى يىراقلاپ كەتتى. بۇنى يىقىنلاشتۇرغىلى بولارمۇ؟
يىڭى بىر ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغان ئىدىم ھەممە يىرى شۇنداق نورمال بولدى لىكىن يەنە ئىنكاس يوللاشتىكى "يوللاش" دىگەن خەت نورمال ئەمەس ئالدىنقى قىتىممۇ بۇنى سىز ھەل قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز. قەيەرگە قايسى كودنى قوشسام بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ؟
.button {
دىگەن يەردە
height: 19px;
مۇنداق بىر كود بار ،
19 دىگەن ساننى چوڭايتسىڭىز يوللاش دىگەن كونۇپكىنىڭ ئىگىزلىكى چوڭىيىدۇ .
ماۋزۇ بىلەن تېما ئارلىقى مەسلىسىگە مەن يەنە قاراپ بېقىپ جاۋاپ بېرەي.